جۇڭگودىكى بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئامېرىكىدا 5-سىنتەبىر 5-ئەۋلاد iPhone ئېلان قىلىنىدىكەن دېگەندەك خەۋەرلەرنى تارقىتىپ يۈرگەن ئىدى. ئالما مەھسۇلاتلىرىغا ئىش قوشۇشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان شىنجىندىكى 富士康 شىركىتى دۆلىتىمىزدە بولغانلىقتىن بۇنداق ئىچكى خەۋەرلەرنىمۇ تارقىمايدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ. بۈگۈن 5-ئەۋلاد iPhone نىڭ قۇتىسى تۇنجى بولۇپ تورغا يوللىنىپ كەتكەن.
گەرچە 5-ئەۋلاد iPhone نىڭ زادى قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالما تەرەپ ئېنىق بىرەر مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ ھەرقايسى قۇلىقى ئۇزۇن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ سەۋەبىدىن بىزمۇ iPhone 5 توغرىسىدا بەزىبىر ئۇچۇرلارغا ئېگە بولۇپ يۈرۈپتىمىز. بۈگۈن جۇڭگودىكى بىر تورداش iPhone 5 نىڭ ئىشلەپچىقىرىش لېنىيىسىنىڭ رەسىمىنى تورغا يوللىۋەتكەن. بۇ رەسىمگە قاراپ 5-ئەۋلاد iPhone نىڭ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. دېمەك، ئاز قالغان بولسا كېرەك …
بۇ رەسىمگە قاراپ iPhone 5 نىڭ 2 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق نۇسقىسى بولىشى مۇمكىن ئىكەن. مەسىلەن، A ۋە B دېگەندەك. ھەتتا C نەشىرىمۇ بولىشى مۇمكىنكەن. بۇلارنىڭ قاتتىق دېتاللىرىدا پەرق كۆپ بولمىسىمۇ ئېكرانىدا كۆرۈنەرلىك پەرق بار ئىكەن. بىر مەزگىل ئىلگىرى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى كىيىنكى ئەۋلاد iPhone نىڭ ئېكرانى چوڭ بولۇپ 4 سۇڭ ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن دېگەندەك خەۋەرلەرنى بەرگەن. بۇ رەسىملەر بىلەن كىرىشتۈرۈپ تەھلىل قىلساق بۇ راستەك قىلىدۇ.
بۇ قىياسلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بىر قانچە پارچە رەسىمگە ئاساسەن قىلىنغان پەرەزلەر بولغاچ ئېنىق ئاساسى بارمۇيوق بىلمەيمىز. بەلكى ئاللاھ خالىسا كەلگۈسى 2 ئاي ئىچىدە ھەممە ئېنىق بولسا كېرەك. بىرلىكتە كۈتەيلى …









































iPhone4 ni setip iPad2 din birni eliwalhan idim …taza yahxi kollinip ixlitalmidim. iPhone ga konup kaptikanmaamdi iPhone5 ka pulyegay. ,
iPad2 پايدىلىنالىسىڭىز ئىقتىدارلىرى ناھايىتى كۆپ،قولدا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ كومپيۇتېردا قىلغان ھەر قانداق مەشخۇلاتلارنى قىلغىلى بولىدۇ.بۇ قېتىم 16 گىگابايتلىقتىن بىرنى سېتىۋالغان،پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرىمەن،ئىسىت نىمىشقىمۇ 32 مىگابايىتلىق بىرنى ئالمىغاندىمەن دەپ،بۇنىڭ ئىقتىدارلىرىدىن ئاددى بىر قانچىنى مىسالغا ئېلىپ بېرەي.
1- نوكىيا ياكى ئايفون 4 دىن پايدىلىنىپ تېلېفون سىگىنالى بار ھەر قانداق يەردە تورغا چىقالايسىز،بولۇپمۇ مەندەك تور بانكىسىنى كۆپ ئىشلىتىدىغان ئادەم ئۈچۈن بىۋاستە بانكىغا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق،مەخپى نۇمۇر ئارقىلىقلا پۇل يۆتكەش،پۇل تاپشۇرۇش،سۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرىنى قىلالايسىز.ئاددىسى تېلېفون توختاپ قالاي دىسىمۇ ماشنىدا كىتىپ بېرىپمۇ پۇل تۆلىگىلى بولىدۇ.
2- شەخسى ھۆججەتلەر،مەسىلەن Pdf,EXCEl,Word,txt,jpg,psd,rar شەكلىدىكى ھەر قانداق ھۆججەتنى بىۋاستە كومپيۇتېر بىلەن ئورتاق ئىشلەتكىلى،يوللىغىلى چۈشۈرگىلى،تەھرىرلىگىلى بولىدۇ..
3- كومپيۇتېرىڭىزدىكى مەلۇم ھۆججەت لازىم بولۇپ قالسا،كومپيۇتېر ئۇچۇق ھالىتىدە بولسىلا مەيلى شىنجاڭنىڭ نەرىدە بولۇپ،يىراقتىن ئېچىپ شۇ ھۆججەتنى كۆچۈرۈپ iPad2 چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
4- ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى تۇنۇتۇش ئارقىلىق تور بەتلەرنى زىيارەت قىلغاندا ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى.
5-تۈرمىدىن يىشىلگەن نۇسخىسىدا ئۆزىڭىز ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئارقىلىق گۈزەللەشتۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدىكەن.مەن ئۆزگەرتىش ئارقىلىق نۇرغۇن جايلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرالىدىم.
6- ھەر قانداق شەكىلدىكى فىلىم ھۆججەتلىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپمۇ كۆرگىلى،كۆچۈرگىلى بولىدۇ،بولۇپمۇ rmvb,flv قاتارلىق قوللاش بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغان ھۆججەتلەرنىمۇ تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپلا قاچىلاپ كۆرۈشكە بولىدۇ.iPad2 ئەسلىدىنلا فىلىم كۆرۈشكە بەك ماس كىلىدىكەن،توردىن pptv نى چۈشۈرۈپ،ئۆزىڭىز خالىغان ھەر قانداق فىلىملەرنى تاپالايسىز،ھىچقانداق بوشلۇق ئىگىللىمەيدۇ.
7-كۈندىلىك ھىساب،كۈندىلىك خاتىرە،ھەرخىل ئالدىن خاتىرلەنگەن پائالىيەتلەر،ئۈن ئېلىش،سىن ئېلىش،نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى بار.بۇ ئىقتىدارلاردىن رازى بولمىسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئەپلەر بار.ھەتتا ھوللىۋودنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىللىرى قوللىنىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئۈنۈملەرنى بىرىكتۈرۈپ چىقارغان بىر قانچە دېتاللار بولۇپ،بۇ دېتاللار ئارقىلىق سىنگە ئالسىڭىز خۇددى فىلىم تارتىۋاتقاندەك ھىسقا كەلتۈردىكەن،ئۈنۈملەرنى ئۆزى ئاپتوماتىك تەڭشەيدىكەن.
ئوت تۇتاشتۇرۇپ قويدىڭىز. بىر بۇرادىرىمىز ئاپتىكەن، ئىشلىتەلمەي بىر چۈشەندۈرۈپ قويسىلا، ئوبدانراق نەرسە بولسا قاچىلاپ قويسىلا دەپ بېرىۋىدى 2~3 كۈن بولدى قولۇمدا تۇرىدۇ. لېكىن ھەقىقەتەن ئېسىل نەرسە. تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل يۆتكەش دېگەننى قانداق قىلغانلىقىڭىزنى بىر ئورتاقلاشساق. RAR JPG PSD دېگەندەك ھۆججەتلەرنى قايسى ئەپ بىلەن ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدىكەن؟ يەنە كومپىيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى يىراقتىن قانداق قىلىپ زىيارەت قىلغىلى بولىدىكەن. مۇشۇلار توغرىسىدا بىر ماقا يوللىسىڭىز بوپتىكەن بولمىسا.
ئايفون ئارقىلىق كومپىيۇتىر نى يىراقتىن كون تۇرۇل قىلىش ۋە ئايفون كۆكچىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش ھەققىدە خالاستاندا تىما كۆرۈپ شۇپىتى سىناپ مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىدى…پاسىبان ئەپەندىم ياكى پاسىبان كۇلۇبىنى زىيارەت قىلىۋاتقان تورداشلار ئىچىدە مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلار بولسا سۈرەتلىك ھىچ بولمىسا ئىنىق قىلىپ بىر تىما يوللاپ بەسەڭلار….ئايفوننى 6000كويغا ئالغانغا يارىشا كۆكچىش ئىشلىمەيدىكەن دەپ يۈرگىچە ئىشلىتىشنى ئۈگىنىۋالىلى بىزمۇ
كومپىيوتېرنى ئايفوندا WiFi تورى مۇھىتىدا تۇرۇپ كونترول قىلىدىغان ئەپ بار. لېكىن بۇنى «يېراقتىن» دېگىلى بولمايدۇ. ئەجرىمنىڭ دېمەكچى بولغىنى دۇنيانىڭ بىر چېكىسىدە تۇرۇپ كوتنرول قىلىدىغان ئىشقۇ دەيمەن.
ئايفوننىڭ كۆكچىشى ئارقىلىق ئايفونلار ياكى ئايپەدلەر ئارا رەسىم ھەمبەھرلەنگىلى بولىدۇ. باشقا ھۆججەت ئىۋەتىدىغان تۇتامغا چىققۇدەك بىرەر نەرسىنىڭ تايىنى يوق. ئايفوننىڭ كۆكچىشى ئەڭ ئاساسلىقى قۇلاقلىق ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. بۇ ئارقىلىق ھۆججەت ئىۋەتىمەن دېسىڭىز ئۈمىدسىزلىنىپ قالسىڭىز كېرەك …
تور بانكا كەسپى ئۈچۈن سودا-سانائەت بانكىسى،يېزا-ئىگىلىك بانكىسى ۋە جوڭشىن بانكىسىنىڭ تور بانكا،مەخپى نۇمۇر كەسپىنى ئاشقۇزۇش ئارقىلىق پۇل يۆتكەش كەسپىنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.مەخپى نۇمۇر كەسپىنى ئاچقۇزغاندىن كىيىن بانكا كارتا بېجىرگەندە ئىشلەتكەن يانفون نۇمۇرىنى سورايدۇ.توغرا بولسىلا ھەر قېتىم پۇل يۆتكەش قاتارلىق كەسىپلەرنى قىلغاندا يانفونغا بىر دەلىللەش نۇمۇرى كىلىدۇ،شۇنى ipad2 ئۇچۇر كىرگۈزىدىغان ئۇرۇنغا كىرگۈزۈپ بەرسىلا بولىدۇ،قالغان جەريانى پۈتۈنلەي قارانچۇق ئىشلەتكەن بىلەن ئوخشاش.ئەمما سەل قولايسىز،.سان ھەرىپ كىرگۈزۈش،بولۇپمۇ ئىسىمنى يىزىش..دىگەندەكلەر…ئەگەر تاۋباۋدا بولسا بەك ياخشى،ھىچقانداق قارانچۇق كەتمەيدۇ.بىۋاستە مال سېتىۋېلىش،پۇل ئاغۇرۇش ھىساۋاتىنى قىلىشقا بولىدۇ..
ئاستىدا دىگەن جەريانلار ئۈچۈن مەن ئوبدانراق تەييارلىق قىلىپ يازما يازاي،چۈنكى بىر قانچە دېتالنىڭ بىرىكمىسى ئارقىلىق يۇقارقى دىگەن مەشخۇلاتلارنى قىلىشقا بولىدۇ.
ماقۇل. بلوگقا تىزىملىتىڭ، ئارقا بەتتىن ماقالە يوللىيالايسىز.