نۆۋەتتە ئەقىللىق تېلىفونلارنىڭ سەركىسى بولغان ئايفون دۇنيا مىقياسىدا سېتىلىشى ئىنتايىن تېز ۋە قىزغىن بولىۋاتقان تېلىفون ھېساپلىنىدۇ. چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە 5-ئەۋلاد ئايفوننىڭ بازارغا سېلىنىشى گەرچە خېلىلا يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ، AT&T ۋە Verizon نىڭ سىتاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا 9 ئاي ئىچىدە ئايفوننىڭ سېتىلىشى يەنىلا ياخشى بولۇپ، 55 مىليون 200 مىڭ دىن ئېشىپ كەتكەن.

AT&T نىڭ 6-ئايدىكى پەسىللىك نەتىجىسىدىكى سىتاتىستىكىدا بۇ شىركەتنىڭ ئۆزىلا 3 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەن. بۇ سان ئۆتكەن يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى 3 مىليون 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

مۇشۇ ۋاقىتتا Verizon مۇ 2-پەسىللىك سېتىش ستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سېتىش مىقدارى 2 مىليون 300 مىڭ بولغان. بۇ ئىككى تېلىگراف شىركىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدا جەمئىي 11 مىليون 700 مىڭ دانە ئايفوننى سېتىپ چىقارغان. AT&T نىڭ ئۆتكەن يىلقى ئومومى سېستىش مىقدارى ئاران 3 يېرىم مىليون بولغان ئىكەن. لېكىن بۇ يىلنىڭ 2-پەسلىدە بۇ ساندىن ھالقىپ بولغان.

ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش ئاپاراتى Morgan Keegan نىڭ ئانالىزچىسى Tavis McCourt نىڭ ئېيتىشىچە 2-پەسىلدە ئايفوننىڭ ئامېرىكىدا سېتلىش مىقدارى ئۆتكەن يىلقىدىن %118 ئاشقان. پۈتۈن دۇنيادا بولسا %152 ھالقىغان. 5-ئەۋلاد ئايفون بۇ يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىغان بولغاچ بۇ سان تېخىمۇ ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەككورتنىڭ ئېيتىشىچە ئايفوننىڭ مەيلى سېتلىشىدىكى سان-سىفىرلار بولسۇن، مەيلى پروگراممىلىرىنىڭ سان-سىفىرلىرى بولسۇن، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئېشىۋاتقانلىقى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىكەن.

ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنچە ھەيران قالارلىقمۇ بولمىسا كېرەك. سۈرەتكە قارىساق 2007-يىلىدا پۈتۈن يىل بويى سېتىلىش مىقدارى پەقەت 1 مىليون 400 مىڭ دانە سېتىلغان ئىكەن. كىيىنكى يىلى بولسا 10 ھەسسىگە يېقىن ئېشىپ 11 مىليونغا يەتكەن. سېتىلىش مىقدارى ئىنتايىن تېز ئاشتى دېيىش توغرا كەلسە بۇ يىلقىنى ئەمەس، 2008-يىلىدىكىسىنى دېسە بولىدۇ. چۈنكى 2008-يىلىدىن بۈگۈنكىچە بولغان 3 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئاران 5 ھەسسە ئەتراپىدا ئاشقان. 2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە بولسا 10 ھەسسە ئاشقان. بۇ بەلكى ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرسا كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



7 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. man nimixka uyghurqa yazalmayman?

    • سىز قايسى كۆرگۈچتە يازالمىدىڭىز؟ ئايپەدتە ياكى ئايفوندا خەنزۇچە كىرگۈزگۈچ ھالەتتە ئۇيغۇرچە يازغىلى بولمايدۇ. ئۇنداق ئەمەستۇ ھە؟

  2. menmu uyghurche basalmidimyf???? men wangba da kirgantim.

    • سىناش ئارقىلىق بايقىدىم، يېڭى ئۇسلۇبتا IE 6 دە ئۇيغۇرچە نورمال يېزىلمايۋاتىدۇ. IE 6 دە ئۈستىدىكى تىزىملىكلەر كۆرۈنمەيتتى. مۇشۇ قالاق كۆرگۈدىن قاچان قۇتۇلار ئادەم …

  3. مېنىڭ نورمال چىقىۋاتىدۇ. تورخانىدىكى IE نىڭ نەشىرى تۆۋەن ئوخشىمامدۇ؟

  4. پاسىبان كولۇبىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئوت تۈلكىگە كۆچىۋالدۇق :o))):

    • ئوتتۈلكىدە بۇ ئۇسلۇب خېلى چىرايلىق كۆرىنىدۇ. IE دا ئەتراپى چاسا كۆرۈنىدۇ. ئوتتۈلكە، گوگل كروم ياكى سافارى قاتارلىقلاردا باشقىچە ئەگىمە قىرلىق كۆرىنىدۇ. بۇ ئۇسلۇب IE نى خېلى يەكلەيدىكەن. ۋوردپرەس ئۆزى 6.0 نى چەكلەشتىن ئازراق بۇرۇن مەن باشلىۋالدىممۇ نېمە …
      ھېلىمۇ تاشلىمىدۇق مۇشۇ ئەخلەت كۆرگۈچنى. بۇنى خۇددى VCD قويغۇچقا ئوخشاتساق ھازىرقى توربەتتىكى بەزى چىرايلىق ئۈنۈملەرنى DVD دېسكىسىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئۇ قويغۇچ بۇ دېسكىنى ھەرقانچە قىلسىمۇ ئوقۇيالمايدۇ. ئەلۋەتتە، ئەتە-ئۆگۈن ئوموملىشىدىغان Blur-Ray 蓝光 دېسكىسىنى تېخىمۇ شۇنداق…

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.3 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0111 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش