بۈگۈنكى كۈندە بىرەر ئاخبارات ۋاستىلىرى Apple نىڭ يېڭى مەھسۇلاتى توغرىسىدا تەمىنلەنگەن كىچىككىنە يىپ ئۇچى ئۇلار ئۈچۈن ساپقا چىققۇدەك چوڭ خەۋەر مەنبەسى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. دەل مۇشۇنداق كۈنلەردە، ئەستايىدىللىقتا ئۇچىغا چىققان بىر پروگراممېر، جۈمە كۈنى ئېلان قىلىغان iTunes نىڭ beta نەشىرىدە iPhone 4S دېگەن بىر مەزمۇننى ئۇچرىتىپ قالىدۇ.
5-ئەۋلاد iPhone تارقىتىلىشقا ئازلا قالغان ۋاقىتتا تارقىتىلغان iTunes Beta نەشىرىدە چوقۇم ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بولىشى مۇمكىن ئىدى. AppleInsider بۇنى ئۆزى قېزىپ چىقىپتۇ.
بۇ رەسىمگە قاراپ بىزمۇ ئېنىق كۆرەلەيمىز. plist ھۆججىتى iOS تە داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدىغان ئۇچۇرلار ساقلانغان ھۆججەت. رەسىمدىكى info.plist ھۆججىتى ئىچىگە قارىساق iPhone 4S دېگەن خەتنىڭ 2 جايدا بارلىقىنى كۆرەلەيمىز. يەنە كېلىپ CDMA نۇسقىسىدىكى iPhone ئىكەن.
بۇ يېرى بىر ئاز غەلىتە. ئەجەبا ئىلگىرىكى ئېيتىلىۋاتقان « CDMA ۋە GSM نى تەڭلا قوللايدىغان » دېگەن تور پاراڭلىرى ھەقىقەتمىدۇ؟ يەنە كېلىپ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدىغىنى، بۇ ھۆججەت ئىچىدە iPhone 5 كە دائېر ھېچقانداق بىرەر نەرسە كۆرۈنمەيتتى.
ئانالېزچى Ming-Chi Kuo نىڭ قارىشىچە iPhone 4S ھازىرقى iPhone 4 بىلەن سىرتقى كۆرۈنۈشتە ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، پەقەت ئارقا تەرەپتىكى ئەينەك ماتىرىيالىغا ئازراق ئۆزگەرتىدىكەن ۋە ئانتېنىسىنى باشقىدىن لايىھەلەيدىكەن. ئوخشاشلا ئاق ۋە قارا ئىككى رەڭلىك نەشىرى چىقىدىكەن. بۇ قېتىمقى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ %85 ىنى Foxconn 富士康، قالغان %15 ىنى 和硕 Pegaton ئىشلەپچىقىرىدىكەن.
دېمەك يۇقارقىدىكىلەر ھەقىقەت بوپقالسا، 5-ئەۋلاد ئايفون، ئەينى ۋاقىتتىكى iPhone 3GS كە ئوخشاش قاتتىق دېتالنىلا يېڭىلاش ئېلىپ بېرىش باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ھازىرغىچە ئاساسەن مۇقىملىشىپ بولغان قاتتىق دېتال سەپلىمىلىرىدىن:
كامېرا : 8 مىليون پېكسېل ؛
CPU : ھازىرقى iPad 2 بىلەن ئوخشاش بولغان قوش نېگىزلىك A5 CPU ؛
ئىچكى ساقلىغۇچ : 1 GB ؛
ۋە ئۇنىڭدىن باشقا iOS 5 ۋە يېڭى ئانتېنا لايىھەسى بار ئىكەن. بۇ قېتىمقى قاتتىق دېتال كۈچەيتىش Android نىڭ ھازىرقى بىر قىسىم تېلىفونلىرىدىكى قاتتىق دېتال سەپلىمىلىرى بىلەن ئوخشاش ھالەتكە كەلگەن.
بۇ خەۋەرلەرنى ئالدىنقى قېتىم تارقالغان «iPhone 5 نىڭ ئورالما قېپى» دىكى ئۇچۇرلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلساق راستەك، يەنە بىر جەھەتتىن ئاخبارات ۋاستىلىرى ياكى باشقىلارنىڭ چىقارغان ئويۇنلىرىدەك … ئىشقىلىپ ھەقىقىي ئەھۋال ئىنشا ئاللاھ يەنە 2 كۈندىن كېيىن ئېنىق بولىدۇ. شۇ چاغدا «لاي سۈزۈلۈپ تاش كۆرۈنگەندە» « ھە، ئەسلى مۇنداقكەندە! » دېمىسەك، كاللىنى قوچۇيدىغان خەۋەرلەر يامان بەك ئاۋۇپ كەتتى. قېنى، ئاللاھ خالىسا شۇ چاغمۇ بىر كېلەر …









































ئاۋال دىۋان ئاندىن تەپەككۇر…
مەن بىر نەرسىگە ھەيران قالدىم….(بۇ قېتىمقى قاتتىق دېتال كۈچەيتىش Android نىڭ ھازىرقى بىر قىسىم تېلىفونلىرىدىكى قاتتىق دېتال سەپلىمىلىرى بىلەن ئوخشاش ھالەتكە كەلگەن.) دىمەك ئالما تىلفۇنلار قاتتىق دىتال جەھەتتىن Android قا يەتمەمتى…؟
Android دېگەنGoogle نىڭ يانفون سېستىمىسى بۇنى بىلىسىز. ئۇ Apple گە ئوخشاش ھەم يۇمشاق دېتال ھەم قاتتىق دېتالنى ئۆزى ياساپ تارقاتمايدۇ. بۇ ئوچۇق كودلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن خالىغان شىركەت ئۆزىنىڭ يانفونلىرىغا Google دىن ئاددىي بولغان تەستىق ئېلىش باسقۇچىدىن ئۆتۈپلا بۇ سېستىمىنى خالىغانچە قاچىلايدۇ. شۇڭا 500 يۈەنلىك تېلىفوندىمۇ ئوخشاشلا Google Android بار. 5000 يۈەنلىك تېلىفوندىمۇ شۇ. ئېنىقكى htc غا ئوخشاش بەزى بىر قىسىم Android تېلىفونلارنىڭ كامېراسى 8 مېگاپىكسىل. CPU سى ئايفوننىڭكىدىن تېز ئىدى. بەزىلەر مۇشۇ يەرلىرىنى ئايفوندىن ئۈستۈن دەپ شۇنى ئىشلىتىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغىنى مۇشۇ.
iPhone 4 دېسە كاللىڭىزغا ئاشۇ 1 خىللا تېلىفون كېلىدۇ. ھەممىسىنىڭ ئىقتىدارى ئوخشاشلا ياخشى. لېكىن Android دېسە بۇنداق سېستىما قاچىلىغان تېلىفوندىن ئەرزان قىممىتى بولۇپ ساماندەك تۈرلىرى بار.
ئەتە ئۆگۈن بىرەرسى 10،000 يۈەنلىك سەپلىمە بىلەن Andorid تېلىفونىدىن بىرنى ياسىسىمۇ ياساۋېرىدۇ. بۇنىڭ چەكلىمىسى يوق. چۈنكى قاتتىق دېتال سەپلىمىسىنى خالىغان شىركەت ئۆزىنىڭ رايى بويىچە تاللاپ ئىشلەپچىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ Android نىڭ ئەپ بازىرىدىن 320*240 ئۈچۈن ئايرىم ئەپ، 640*480 ئۈچۈن يەنە ئايرىم ئەپ، يەنە باشقا خىلدىكى Android ئۈچۈن يەنە ئايرىم ئەپ ئۇچرىتىسىز. ئايفونغا ئوخشاش ئۇچرىغاننى خالىغانچە قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، پاسىبان ئەپەندى، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ …
مەن قايسى كۈنى iphone3G دىن بىر نى سېتىۋالغان ئىدىم. قارىسام ئۇنىڭ سېستىما نەشىرى 3.13 ئىكەن. ئايتىيۇنىسقا چاتسام 4.2 نەشىرىگە يېڭىلامسەن دېگەن ئۇچۇر چىقتى. يېڭىلىسام تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولۇش ياكى بولماسلىق توغرىسىدا ئېنىق بىر قارارغا كېلەلمەي ، يېڭىلىماي تۇردۇم.
iphone3G نىڭ سىستېما نەشىرىنى ھازىرقى ئەڭ يېڭى IOS كە يېڭىلىغىلى بۇلامدۇ ؟ سىزدىن مۇشۇنى سوراپ باقاي دېگەن ئىدىم.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. 2-ئەۋلاد ئايفون ئۈچۈن 3.0 لىك سېستىما ئەڭ ياخشى. 4.0 نى تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولسىمۇ، سەپلىمىسى تۆۋەن بولغانلىقتىن يۈرۈشىشى بەك ئېغىر. ئەڭ ياخشىسى يېڭىلىماڭ.
ھەجەپ تەقەززا قىلدى ماۋۇ ئايفون 5 . زادى 5 مىدۇ 4S مىدۇ. نەچچە كۈندىن كىيىن بەللە بولىدۇ شۇ
مەنچە بولسىمۇ، ئىككى خىل يانفون ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن. ئىككى خىل يانفون بار دېگەندىمۇ، ئالما ئاۋال بىرىنى بازارغا سېلىپ، خېلى بىر مەزگىل ئۆتكەندە يەنە بىرسىنى چىقىرىدۇ. بۇ جوبز بار چاغدىلا ئوينىلىپ كېلىۋاتقان ئويۇن قائىدىسى. iPhone 4S ھەقىقىي 5-ئەۋلاد iPhone بولۇپ قالارمۇ؟