5-ئەۋلاد iPhone بولۇپ ئېلان قىلىنغان iPhone 4S نىڭ كامېراسى 8 مېگاپېكسىللىق ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىشتۇق. ئۇنىڭدا ھەتتا 30fps تېزلىكتىكى 1080P لىك سىنغىمۇ ئالغىلى بولىدىكەن. ئوپتىكىلىق لېنزا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، سېنزورمۇ چوڭايتىلغان ئىكەن. ئالما تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە بۇ كامېرا نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەقىللىق تېلىفونلارغا ئىشلەتكەن ئەڭ ئىلغار كامېرا ئىكەن.
زامانلار ئىلگىرى « سىفىرلىق ئاپاراتنىڭ تۈرلىرى (1) ۋە (2) » دېگەن بىر يازمىدا سىفىرلىق ئاپاراتنىڭ «كارتىسىمان ئاپارات» دەپ بىر تۈرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن. بۇ تۈردىكى ئاپاراتلارنى قىزلار كۆپرەك ئىشلىتىدۇ. چۈنكى بۇنىڭ ئۆزى ئىخچام، سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى خېلى يامان ئەمەس ئىدى. بۇ خىلدىكى ئاپارات ئىخچاملىقىدىن بازاردىكى سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە خېلى چوڭ ئورۇننى ئېگەللەيدۇ.
iPhone 4S نىڭ بۇ ئىقتىدارى مۇشۇنداق «كارتىسىمان ئاپاراتلار» نىڭكىگە يېقىنلىشىدىغان، ھەتتا بەزىلىرىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بولۇپ، بۇندىن كىيىن بەزى ئانالىزچىلار iPhone 4S نى كارتىسىمان ئاپاراتلارنىڭ ئورنىنى ئېگەللەپ كېتىدۇ دەپ قىياس قىلىشىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئىلغار كامېرا زادى قانچىلىك ئىلغار. ئىقتىدارى زادى قانچىلىك ياخشىدۇ؟ بۇ قولىمىزغا كەلگۈچە مۇتەخەسىسلەرنىڭ نەزىرىدىكى « كارتىسىمان ئاپاراتنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان iPhone 4S » تە تارتىلغان 3 پارچە رەسىمگە نەزەر سېلىپ باقايلى.
بۇ 3 پارچە رەسىم ئايرىم-ئايرىم iPhone 4 تە، iPhone 4S تە ۋە كارتىسىمان ئاپارات تۈرىگە كىرىدىغان RICOH GR-D دېگەن ئاپاراتتا تارتىلىپ بىزگە سېلىشتۇرۇشقا سۇنۇلغان. بىز تۆۋەندە بۇلارنىڭ پەرقىنى بىر كۆرۈپ باقايلى.
1- رەسىم
iPhone 4
iPhone 4S
RICOH GR-D
2- رەسىم
iPhone 4
iPhone 4S
RICOH GR-D
3- رەسىم
iPhone 4
iPhone 4S
RICOH GR-D
بۇ رەسىملەرنى Gruber تور بېكىتى ئوخشاش بىر جايدا تارتىپ، ھېچقانداق كىيىنكى رەسىم تەھرىرلەش باسقۇچىدىن ئۆتكۈزمەي يوللىغان رەسىملەر ئىكەن. GR-D دا ھەممىدىن بەكرەك ئاقارتىۋەتكەندەك، iPhone 4S تە يورۇقلۇق بەكلا ياخشى كونترول قىلغاندەك تۇرىدۇ. قارىغاندا بۇ قېتىم ئالما iPhone نىڭ ئاپاراتىغا بەكلا كۈچىگەندەك تۇرىدۇ…
مەنبە: tgbus.com









































كىلەر يىلى مەن iPhone 4نىiPhone 4S قا ئالماشتۇراي دىگچە يەنە iPhone 5 چىقىپ كىتەمدىكى دەيمەن… ئەسلى بۇiPhone 4 ئالماي تەخىر قىلىدىغان ئىشكەنتۇق
iPhone 4S نىڭ بىز ئەڭ پايدىلنالايدىغان يىرى شۇ كامىراسى ئىكەن قلاغان قوشۇلغان ئىختىدارلىرىدىن مۇكەممەل پايدىلنامدايدىغان ئوخشايمىز .
نۇرغۇنلىغان ئىشلەتكۈچىلەر قاتارىدا مەنمۇ iphone4 نى سېتىشنى ئويلاشقان،ئەمما iphone 4s چىققاندىن كىيىن ساتمىغانغا بەك خوش بولدۇم،چۈنكى يېڭى قۇشۇلغان ئىقتىدارلىرىنىمۇ بىز ئانچە ئىشلىتەلمەيمىز،كەسپى فوتۇگىراف بولمىغانكىن ھازىرقى كامىراسىمۇ ھاجىتىمىزدىن تۇلۇق چىققۇدەك.
ماگۇي فوتوگىرافلار ،مۇخپىرلار ۋەھەۋەس كارلادىن باشقىسىنىڭ ئاپراتىىنىڭ ھاجىتىدىن چقىدىكەنغۇ
مەنمۇ 5چىققۇچە كۈتۈشنى ئويلاشتىم.
تۈرمىدىن قاچۇرغان تىلفۇنغا يىڭى سىستىما قاچىلىغاندا قانداق قىلساق تىلفۇن دەپتىرى،ئۇچۇرۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاپ قالغان ئاساستا قاچىلىغىلى بولىدۇ؟
سىستىما يىڭىلاي دىسەم ئايتۇنىستا 3194خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ؟قانداق قىلسام ئوڭۇشلۇق قاچىلىغىلى بولىدۇ؟