سىفىرلىق ئاپاراتنىڭ تۈرلىرى (1) دېگەن تېمىمىزدا ئالدىنقى 3 تۈرىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئېدۇق. بۈگۈنكىسى كۇلۇبىمىزدا ئاساسلىق مۇنازىرە قىلىشىدىغىنىمىز ۋە كەسپىيلىك دەرىجىسى بىر قەدەر ئۈستۈن بولغان تاق لېنزىلىق رېفلېكىسلىق ئاپارات. بۇ ئەمدى قانداق گەپتۇ؟ ئىسمىغا قارىساق دەماللىققا بىرنەرسىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. لېكىن بىز بۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي مىسال ۋە زاغرا تىلىمىز بىلەن چۈشۈنۈپ ئۆتەيلى. مۇخبىرلارنىڭ قولىدا ياكى كەسپىي فوتوگرافلارنىڭ قولىدا لېنزىلىرى ئۇزۇن بولغان يوغان، ئېلىپ يۈرۈشكە بىر ئاز ئەپسىز ئاپاراتلارنى كۆرگەن بولىشىڭلار مۇمكىن. ئاپارات قارا بولسا لېنزىسىنىڭ بەزىلىرى ئاق، بەزى لېنزىلار يوغان كۆزلۈك دىقماق بولسا، بەزەنلىرى ئاپاراتتىن ئىككى ھەسسە يوغان. بىز دەۋاتقان تاق لېنزىلىق رېفلېكىسلىق ئاپارات دېگەن دەل مۇشۇ شۇ. خەنچە بۇنى单镜头反光 دەيدۇ. قىسقارتىپ单反 دەپ قويىدۇ. ئېنگىلىزچىسى «SLR» ، يەنى Single Lens Reflex دەپ ئاتايدۇ. بىز بۇنى قىسقارتىپ «تاق رېفلېكس» ياكى «يەككە رېفلىكىس» دەپ ئاتايمىز.
بىز ئەمدى بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟ كونكىرتنى جاۋاپقا ئېرىشىشنى خالايدىغانلار گوگلدىن ئىزدەپ باقسا بولىدۇ. مەن ئەڭ ئاددى قىلىپ ئېيتسام، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان 3 خىلدىكى ئۇ ئاپاراتلارنىڭ كۆزى بولغان «لېنزا» لىرىنى، زاۋۇتتىن چىقىشتىلا مۇقۇم قىلىپ ئورنىتىۋەتكەن. ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئالماشتۇراتتىم دەپ ئىچىنى چۇۋۇپ كۆزىنى چىقىرىۋالسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئۇ ئاپاراتنىمۇ ئالماشتۇرىۋېتىڭ. تاق رېفلىكىسنىڭ بولسا ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجىمىز بويىچە لېنزا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىمىز. بۇ ئۇقۇمنى مۇشۇ مەنىدە چۈشەنسەك تامامەن بولىدۇ.
ئادەتتە ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان ئەڭ ئەرزان يەككە رېفلىكىسنىڭ باھاسى 4000 يۈەندىن يۇقىرى بولۇپ 50 مىللىمېتىرلىق مۇقۇم فوكۇسلۇق لېنزا سالساقمۇ 5 مىڭ يۈەنگە بېرىپ قالىدۇ. بۇ ئاپاراتنىڭ باھاسى ھەقىقەتەن بىرئاز قىممەت. لېكىن، بۇ ئاپارات بىلەن تارتقان سۈرەت بىلەن ئائىلىۋى ئاپاراتتا تارتقان سۈرەتنىڭ پەرقىنى كۆرۈپ يەتكىنىمىزدە، بۇ پۇلنىڭ ھەقىقەتەن ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.
1. ئىچىدىكى سۈرەت سەزگۈچنىڭ ئىقتىدارى ئالاھىدە.
سىفىرلىق ئاپاراتقا نىسبەتەن سۈرەت سەزگۈچ ئەڭ مۇھىم زاپچاس. ئۇنىڭ چوڭلۇقى سۈرەتنىڭ سۈزۈكلىكى ۋە ئېنىقلىقىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. يۇقىرى دەرىجىدىكى سۈزۈكلۈكتىكى رەسىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن پەقەت پىكسېل سانىنىڭ يۇقىرى بولىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ «يۈرىكى» دە. پىكسىېلنى ئىچكى ساقلىغۇچقا ئوخشاتساق، سۈرەت سەزگۈچىنى CPU غا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ھەر ئىككىلىسى يۇقىرى بولغاندا ئاندىن ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەيلى CCD ياكى CMOS سەزگۈچ بولسۇن، ئەڭ ئادەتتىكى يەككە رېفلىكىسنىڭ ئىشلەتكەن سۈرەت سەزگۈچى ئەڭ قممەت ئائىلىۋى ئاپاراتنىڭكىدىن خېلىلا چوڭ. چوڭلۇقى ھەتتا 4~5 ھەسسىسىگىمۇ توغرا كېلىدىغانلىرى بار. بۇخىل ئالاھېدىلىك يەككە رېفلېكىسنىڭ باھاسىنى يۇقىرى كۆتىرىۋىتىشىنىڭمۇ بىر سەۋەبى.
2. لېنزا ئالماشتۇرۇش بوشلۇقى ئىنتايىن چوڭ.
سىفىرلىق ئاپارات بولسا ئېلىكتىر، نۇر، مىخانىزىمنى بىر گەۋدە قىلغان نۇر سېزىپ تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئۈسكۈنىسى. بۇنىڭغا ئەلۋەتتە يۇقىرى تېخنىكىدا نەپس ئىشلەنگەن، چاڭ-توزانلاردىن خالىي ئوپتىكىلىق ئەينەكلەردىن ياسالغان لېنزا لازىم. بۇ نەرسە تەسۋىرنىڭ سۈزۈك ياكى خۇنۈك، ئوچۇق ياكى تۇتۇق بولۇپ چىقىشىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ھەرخىل ھەرياڭزا لېنزىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئىشلەيدىغان جايى بولىدۇ. كەسپى فوتوگرافلار كۈندە نەچچە قېتىم لېنزا ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسە پاتىدىغان سومكىلىرىدا كېمىدە زاپاس 2 خىل لېنزا بولىدۇ. مۇشۇ خىلدىكى كەسپىي تەلەپنى قاندۇرىدىغىنى يەنىلا خالىغانچە لىنزا ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان «يەككە رېفلېكىس» تۇر. قايسى خىلدىكى لېنزىلارنىڭ قانداق جايغا ئىشلىتىلىشى، لېنزا ئۈستىدىكى سان-سىفىرلارنىڭ نېمە مەنە بىلدۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاللاھ خالىسا كېيىنكى كۈنلەردە تەپسىلىي توختۇلۇپ ئۆتىمەن.
3. ئىنتايىن تىز بولغان ئىنكاس.
ئادەتتىكى ئاپاراتنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلغان بولىشىمىز مۇمكىن. ئاپاراتنى قولىمىزغا ئېلىپ ئاۋۇ ۋېلىسىپىتتىكىلەرنى يېقىنلىتىپ تارتقانغا كەتكەن ۋاقىتنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، ئىشىنىمەنكى ئائىلىۋى ئاپارات 1 نى تارتىپ ساقلاپ بولغۇچە، يەككە رېفلېكىس كېمىدە 20 پارچە تارتىپ بولىدۇ. بەلكى بۇ چاغدا بۇلار كۆزىڭىزدىن غايىب بولغان بولىشى مۇمكىن. سىز قىسقىغىنە مۇشۇ پەيتتە، ئائىلىۋى ئاپاراتتا يا 3 پارچە يا 4 پارچە، تېخى بەزەنلىرىنىڭ فوكۇس نوختىسى باشقا جايدا بولغان رەسىمگە ئېرىشىسىز. يەككە رېفلىكىستا بولسىچۇ؟ 20 پارچە رەسىم ئىچىدە كېمىدە 15 پارچىسى سىزگە «مۇنەۋۋەر ئەسەر»گە ماتىرىيال بولالايدۇ. سىز مۈشۈكنىڭ يۈگرەۋاتقىنىنى ياكى قۇشلارنىڭ ئۇچۇۋاتقىنىنى سۈرەتكە تارتىپ باققانمۇ؟ ھەرىكىتى تىزرەك بولغان بىرەر شەيئىنى سۈرەتكە تارتىپ باققان بولسىڭىز چوقۇم بىلىسىز، ئائىلىۋى ئاپارات مەيلى فوكۇس نوختىسىنى تېپىپ توغرىلاش بولسۇن، مەيلى فوكۇس ئارىلىقى ئۆزگەرتىش بولسۇن، مەيلى سۈرەتنى ساقلىغۇچقا ساقلاش جەھەتتە بولسۇ، ئەڭ مۇھىمى بولمىش زاتۋورنى باسقان ھامان تەسۋىر ھاسىل قىلىش جەھەتتە بولسۇن، تاق رېفلىكىستىن ناھايىتىمۇ يىراقتا تۇرىدۇ. تاق رېفلىكىسنى ئىشلىتىپ باققان بولسىڭىز بۇ نۇختىنى ناھايىتى ئاسانلا بىلىۋالالايسىز. بۇ ئاپارات، بىز سۈرەتكە تارتقان ۋاقتىمىزدا « بۇ شەيئىنى سۈرەتكە تارتىشتىكى ئەڭ ياخشى پەيت دەل مۇشۇ شۇ» دەپ قارار قىلىپ زاتۋورنى باسقان ۋاقتىمىزنى ھەرگىزمۇ ئىسراپ قىلىۋەتمەي، ناھايىتىمۇ تىز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇپ پەيتىنى قولدىن بېرىۋەتمەيدۇ. ئاستىدىكى رەسىم بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدۇ. (بۇ رەسىمنى ئايالىم تارتقان جۇمۇ )
4. مۇكەممەل بولغان ئۆزلۈك كونترولى.
گەرچە ھازىرقى ئاپاراتلارنىڭ ئاپتۇماتىك ئىقتىدارلىرى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، مۇھىتنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ۋە ئېرىشمەكچى بولغان سۈرەت ئۈنىمىنىڭ ھەرخىل بولىشى سەۋەپلىك بەزى جايلاردا ئاپاراتقا «ئىشىڭنى قىل» دەپ قويۇپ، ھەر خىل قىممەتلەرنى ئۆزىمىز تەڭشەپ سۈرەتكە تارتىشقا توغرا كېلىدۇ. خۇددى بىر ئوبدان ABS+EBD سېستىمىسىنى چۇۋۇپ تاشلاپ، ھېچقانداق ئېلىكترونلۇق ياردەمچى سېستىمىلارنىڭ ياردىمىسىز «راللىي» مۇسابىقە ماشىنىسى ھەيدىگەندەكلا بىر ئىش. چۈنكى ئاشۇ ماشىنىلارنىمۇ بەزىدە چاقنى سىيرىشقا، يەنە بەزىدە كونتروللىقىنى يوقاتقۇزۇپ ھەيدەشكە توغرا كېلىدۇ. ھەتتا تېخنىكىسى ئۈستۈنرەك شوپۇر بولسا ھەرقانداق ABS ياكى EBD دىنمۇ ياخشىراق كونترول قىلالىشى مۇمكىن. خۇددى شۇنىڭكدەك، بەزى فوتوگرافلار ئۆزى تەڭشەپ تارتقان سۈرەتكە قارىغاندا ئاپتۇماتىك تارتقاندىكى سۈرەتتە ئوبرازنىڭ ئېنىق ئىپادە قىلىشىدا زور پەرقنىڭ مەۋجۇتلۇقى بۇ ئىقتىدارىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
5. ئاساسى تېما ئېنىق ئىپادە قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىدار – خۇنۈكلەشتۈرۈش
بۇ رەسىمدىن كۆرەلىگەن بولسىڭىز كېرەك. بۇ رەسىمدە فوكۇس نوختىسى ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاۋۇ بىر قانچە تال گۈلگە مەركەزلەشكەن. يەنى بۇنىڭدىكى ئاساسى تىما ئاشۇ، ئەتراپتىكىلىرى بولسا ئاساسى تېمىنى يورۇتۇپ بەرگۈچى قوشۇمچە «پىرسوناژلار» دۇر. ئەگەر بۇ رەسىمنى ئادەتتىكى ئائىلىۋى ئاپاراتتا تارتقان بولساقچۇ؟ ئۇ چاغدا باشتىن بوياق ھەممە يەر «ئاساسى تېما» ھالەتتە ئەكس ئېتەتتىدە، بىر پارچە «تېمىسىز» رەسىم مەيدانغا كېلەتتى. مەيلى ئالدى مەنزىرە بولسۇن، مەيلى ئارقا مەنزىرە بولسۇن، ئوخشاشلا «سۈزۈك» كۆرىنىۋېلىپ تېمىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىپادە قىلالمايدۇ. ئەگەر يەككە رېفلېكستا بولسىچۇ؟ دەل ئەكسىچە بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ، «خالىغانچە ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان» لېنزىنىڭ تۆھپىسى. شۇڭا بۇ ئىقتىدار يەككە رېفلىكسنىڭ يەنە بىر چوڭ ئالاھېدىلىكى ھېساپلىنىدۇ.
6. مول بولغان قوشۇمچە سايمان-جابدۇقلار.
يەككە رېفلىكىسنىڭ ئائىلىۋى ئاپاراتتىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدىكى شۇكى – ئۇنىڭ چەكسىز كۈچەيتىش بوشلۇقى بار. خالىغانچە ئۆزگەرتىپ خالىغانچە ئىقتىدار قوشقىلى بولىدۇ. يىراقنى بەكرەك يېقىنلاشتۇرالمايدىغان لېنزا بولسا ھەسسىلەندۈرش مەخسۇس لېنزىسى بار، ئۇنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يىراقنى تېخىمۇ يېقىنلىتالايدىغان قىلالايسىز.
چاقماق كۆپىنچە كەسپىي تىپتىكىلىرىدە بولمايدۇ. دەسلەپكى قەدەمدىكى تاق رېفلىكىسلاردا بولىدۇ. بەزىدە ئۇنىڭ كۈچى يېتىشمەيدۇ. بۇ چاغدا تېخىمۇ چوڭ بولغان چاقماققا ئېھتىياجىڭىز چۈشىدۇ. ئائىلىۋى ئاپاراتتا چاقماقنى بىر قېتىم چېقىپ تۇرۇپ سۈرەتكە تارتىپ ئىككىنجى سۈرەتنى تارتقۇچە 5~10 سېكونت ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. مەن ئالدىنقى قېتىم ئۈسىتىدىكى 430EX تىپلىق ئاۋۇ چاقماقنى ئىشلىتىپ ئۈزۈلدۈرمەي ئارقا-ئارقىدىن 10 نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتتىم. ھەر بىر قېتىمدا مۇزدەك يېقىلالىدى. ھەرگىزمۇ2 پارچە رەسىم تارتقۇچە نەچچە سېكونت ساقلىتىدىغان ئىش يوقكەن. مۇشۇ چاقماق بىلەن 10 سېكونتتا ھەر بىر قېتىم چاقماق يېقىپ تۇرۇپ 25 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت تارتقىلى بولىدۇ.
يەنە تېخىمۇ ئۇزاق ئىشلىتىش ئۈچۈن ئاپاراتنىڭ ئاستىغا يەنە بىرتال باتارىيە چۈشىدىغان تەگلىك قوشۇۋالغىلىمۇ بولىدۇ. زاتۋور ئۇزارتقۇچ، تىزگىنەك، مىكرو ئارىلىق چاقمىقى قاتارلىق مول بولغان قوشۇمچىلار، بۇنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ بىزگە زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ. مانا بۇلار، يەككە رېفلىكىسنىڭ گەرچە قىممەت بولسىمۇ شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىدىكى سەۋەپ.
بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. ئاللاھ خالىسا سىلەر بىلەن كېيىنچە يەنە باشقا نادىر مەزمۇنلىرىمىزئارقىلىق ئورتاقلىشامىز.
تېمىنى باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى چوقۇم ئەسكەرتىڭ. يازما ئادرىسى :









































بەك ياخشى تېمىلارنى يوللاپسىز بۇرادەر،مەنمۇ ئۇزۇندىن بۇيان فوتوگرافلىققا قىزىقىپ يۈرگەن بولساممۇ تېخى 2ھەپتىنىڭ ئالدىدىلا ‹تاق رېفلىكىس›تىن بىرنى سېتىۋالدىم،شۇڭا مەنمۇ بىر يېڭىياچى
بۇ توغرىلىق مەزمۇنلارنى بۇ يەردە كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم،ماڭا كۆپ ياردىمى تەگدى،بولسا ياخشى ئەسەرلىرىڭىز بولسا تەڭ ھوزۇرلانمامدۇق،فوتوگرافلىق توغرىسىدىكى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي،رەھمەت
قەدەم مۇبارەك بۇرادەر! مۇبارەك بولسۇن. بولىدۇ، مەنمۇ ئۆزۈمچە بىر ھەۋەسكار. بۇندىن كىيىن تەڭ ئۆگىنەيلى