يەككە رېفلېكىسنىڭ لېنزىلىرى ئۈستىدە مەنىسىنى بىلىپ بولمايدىغان ھەرخىل خەتلەر، سان-سىفىرلار بار. ئىقتىدارىنىڭ كۆپ-ئازلىقىغا ئاساسەن لېنزا ئۈسىتىدىمۇ نەچچە خىل كونۇپكىلار بولىدۇ. بۇلارنىڭ مەنىسى زادى نېمە؟ قايسى خىلدىكى لېنزا بىزگە ئەڭ ماس كېلىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە جاۋاپ لېنزىنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان ئاشۇ سان-سىفىرلاردىنلا كېلىدۇ. مەن بۈگۈن بۇ توغرىسىدا بىر – ئىككى ئېغىز بىلجىرلاپ باقاي.
ئاۋال كانوننىڭ لېنزىسىنى كۆرۈپ باقايلى.
رەسىمدىكىسى كانوننىڭ EF 70-200mm 1:2.8 L IS II USM تىپلىق لېنزىسى. ماۋۇ خەتلەرنى ئوقۇمايلا ئۆتۈپ كەتتىڭىزغۇ دەيمەن؟ شۇنداق، بىر قاراشقا قالايمىقانلا بىر نەرسىدەك. لېكىن، ھەر بىر ھەرپنىڭ ئايرىم مەنىسى بار.
مەسىلەن، ئۈستىدىكى رەسىمدە كۆك رەڭدە دائىرىگە ئەپقويغان CANON ZOOM LENS EF 70-200mm 1:2.8 L IS II USM دېگەن بۇ «جۈملە» سۆزدىكى CANON ئەلۋەتتە لېنزىنىڭ ماركىسىنى بىلدۈرسە، ZOOM LENS دېگىنى فوكۇس ئارىلىقىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇنىڭ ئاخىرىدىكى EF بولسا ئاپاراتقا ئۇلىنىش ئېغىزىنىڭ تىپىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى كانوننىڭ EF ئېغىزلىق ئاپاراتىغا ماس كېلىدۇ دېگەن گەپ.
بۇ يەردە قىستۇرۇپ قويۇشقا ئەرزىيدىغىنى كانوننىڭ يەنە بىر خىل EF-S ئېغىزلىق دەپ ئاتىلىدىغان لېنزىسى بولۇپ، بۇ ئىككى خىل ئېغىزلىق لېنزىنىڭ پەرقى بولسا:
EF ئېغىزلىق لېنزا، پۈتۈن مەنزىرىلىك ئاپاراتلارغا، 35 مىللىمېتىرلىق نىگاتىۋلىق ئاپاراتقا، x1.6 لىك APS-C مەنزىرىلىك ئاپاراتلارغا چۈشىدۇ. مەسىلەن: EOS 5D Mark II ياكى EOS 550D .
ئەمدى EF-S ئېغىزلىقىچۇ دېگەندە، بۇنى پەقەت x1.6 لىك APS-C مەنزىرىلىك ئاپاراتلارغىلا سېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. يەنى، EOS 550D غا چۈشىدۇ، EOS 5D Mark II گە چۈشمەيدۇ.
EF نىڭ كەينىدىكى 70-200 دېگىنى 70 مىللىمېتىردىن 200 مىللىمېتىرغىچە بولغان فوكۇس ئۆزگەرتىش ئارىلىقىغا ئېگە دېگەن مەنىدە. يەنى بۇ مۇقۇم فوكۇسلۇق ئەمەس، بەلكى بايا دېگەندەك «فوكۇس ئارىلىقىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان» ZOOM LENS .
1:2.8 دېگىنى يورۇقلۇق چەمبىرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېچىلغاندىكى قىممىتى 2.8 دېگەن مەنىدە. يورۇقلۇق چەمبىرىكىنىڭ ئەڭ قىسقا فوكۇس ئارىلىقى بولغان 70 مىللىمېتىر دائىرە ئىچىدە 2.8 قىممەتنى ساقلىيالىشى مۇشۇ لېنزىنىڭ ئىسىللىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. بۇ خېلى چوڭ قىممەت. نورمالدا ئەڭ چوڭ بولغاندىمۇ ئاران 5 بولاتتى. (يورۇقلۇق چەمبىرىكىنىڭ قىممىتىدىكى سان قانچە كىچىك بولسا چەمبىرەكنىڭ ئېچىلىش ھەجمى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. بۇ تەتۈر تاناسىپ) ئاللاھ نىسىپ قىلسا يورۇقلۇق چەمبىرىكى توغرىسىدا ئايرىم توختىلىمىز.
قىزىل بويالغان L بولسا ئېنگلىزچىدىكى Luxury دىن كەلگەن. يەنى بۇ لېنزىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ھەشەمەت، ئىسىل ۋە ياكى ئالىي دەرىجىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە L بولغان لېنزىنىڭ ئۇچىدا بىر تال ئىنچىكى قىزىل سىزىق بولىدۇ. رەسىمدىكى تىپلىرى يېزىلغان مىتال چەمبىرەكنىڭ ئاستىدىكى قىزىل چەمبىرەك ئاشۇ شۇ.
IS بولسا IMAGE STABILIZER نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، لېنزا تىترەشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، سۈرەت مۇقۇملاشتۇرۇش ئالاھېدىلىككە ئېگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. IS بولغان لېنزا بىلەن IS بولمىغان لېنزىنىڭ باھاسىمۇ خېلى پەرق قىلىدۇ. كانوننىڭ IS جەھەتتىكى تېخنىكىسى ماشتاق ! (خو قولۇمنى كۆردۈڭلار ھەقىچان)
II بولسا ئىككىنجى ئەۋلاد ئىكەنلىكىنى ، ئەڭ ئاخىرىدىكى USM دېگىنى Ultra Sonic Motor نى بىلدۈرىدۇ. يەنى فوكۇس نوختىسىنى توغرىلاشتا ئىشلەيدىغان ماتور ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق ماتور دېگەن گەپ. USM لىك لېنزا ھەقىقەتەن نوچى. فوكۇس توغرىلاش سۈرئىتى ئىنتايىن تىز، ھەم ماتورنىڭ ئاۋازى غىژىلداپ ئاڭلىنىپمۇ يۈرمەيدۇ.
ئۇنىڭ ئاستىدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغان ئاۋۇ خەت بولسا دەل بىز دەۋاتقان USM شۇ.
سېرىق رامكىدىكىسى 70-200 مىللىمېتىر دائىرىدىكى فوكۇس ئارىلىقىنى كۆرسەتكۈچ كۆزنىكى. قارا رامكىدىكى فوكۇس ئارىلىقىنى ئۆزگەرتىش تۇتقۇچى، ئاق رامكىدىكىسى بولسا IMAGE STABILIZER نىڭ بەلگىسى. يەنى IS بولۇپ، لېنزىنىڭ سۈرەت مۇقۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
رەسىمدىكى بۇ لېنزىنى خەنچە 小小白 دەپ ئاتىۋالىدۇ. يېڭىسىنىڭ باھاسى 16 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا. بۇ لېنزا بىلەن تارقان سۈرەتلەرنى بۇ جايدىن كۆرۈڭ.
باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى چوقۇم ئەسكەرتىڭ. يازما ئادرىسى :









































ئەسسالام ئەلەيكۇم ! بىلوگىڭىز بەك ياخشىكەن ، ھەممىسى مەن ياقتۇرىدىغان نەرسىلەركەن ! بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى يازمىلارنى كۆپلەپ يېزپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈدقىلىمەن!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئاللاھ خالىسا قۇربىتىمنىڭ يېتىشىچە …
تۈزۈك چۈشەنمەيتتىم مۇشۇ ئۇچۇرلارنى، بۈگۈن دەسلەپكى بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم رەھمەت سىزگە