سىفىرلىق ئاپارات جەمىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تۇرمۇشىمىزغا چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ جەھەتتىكى بىلىملىرىمىزنىڭ كەمچىللىكى ئادەمدە تولىمۇ تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. ناھايىتى كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز ئاپاراتنى قولغا ئالىمىز، قىسقا ئارىلىق ھالىتى ئوچۇقمۇ يوق، يورۇقلۇق يېتىشەمدۇ يوق ھېچنىمە بىلەن ھېساپلاشمايلا تاراسسىدا باسىمىز. مانا بۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى «سۈرەتكە تارتىش». ئەمەلىيەتتە ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلسىڭىز قولىڭىزدىكى ئاشۇ كىچىككىنە ئالقانچىلىك ئاپاراتتا نۇرغۇن بېلىملەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى، سىزنىڭ پەقەت ئۇلارنى بايقىماي ياكى بايقاشنى خالىماي ئۆتكۈزىۋېتىپ بارغانلىقىڭىزنى بىلىپ يېتىسىز.
پېقىرمۇ ئىشتىن سىرتقى فوتوگراف ھەۋەسكارى. ئېسىل چىققان ئەسەر بولسا زوق ئېلىپ ھوزۇرلىنىپ كېتىمەن. ئاشۇ فوتوگرافلارنىڭ كەينىدە يۈرۈپ بولسىمۇ شۇ بېلىملىرىنى ئۆگەنگىم كېلەتتى. لېكىن، ئېنگلىز تىلى، كومپىيۇتىر مەشغۇلاتى، سۈرەت لايىھەلەش دېگەندەك بۇ تۈردىكى تەربىيلەش كۇرۇسلىرىدەك فوتو سۈرەتچىلىك ساھەسىدە مەخسۇس تەربىيلەش مەركىزى ئىنتايىن ئاز. تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئۇنىڭغا نەدىمۇ مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ شۇ كۇرس بار شەھەرگە بېرىپ ئوقۇپ كەلگۈدەك پۇرسەت بولسۇن. مۇشۇ قىزغىنلىقتا تورنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ، بار شارائىتلاردىن يېتىشەلىشىمچە پايدىلىنىپ يۈرۈپ ئاز-تولا تەجرىبىلەرگىمۇ ئېگە بوپقالدىم. بۇ جەرياندا بۇ ساھەدە ئۇيغۇر تىلىدىكى مەخسۇس تور بېكەتنىڭ بولمىغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىپ، ماڭا ئوخشاش فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاش مۇددىئاسىدا بۇ تور بىكەتنى ھېچ بولمىغاندا خەت نورمال كۆرۈنۈپ، كىرگەنلەر تېمىنى نورمال ئوقۇپ ئازراق بولسىمۇ بىر نەرسە بىلەلەيدىغان ھالەتكە ئەكەپتىمەن. خوش، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپلەر ئاۋۇپ كېتىپ قالدى، ئەمدى تېمىنى داۋاملاشتۇرايلى.
ئېيتىلىۋاتقان سىفىرلىق ئاپارات Digital Camra تىن كەلگەن بولۇپ، خەنزۇچە 数码相机 دەيمىز. كىچىكىمىزدە 90-يىللاردىن بۇرۇن تۇغۇلغانلار ئىشلىتىپ باققان بولىشىمىز مۇمكىن «جوجەر» چۈشىدىغان ئاپاراتلار بولىدىغان. بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسى نىگاتىۋ. ئۇ خىلدىكى ئاپاراتلارنىڭ ھازىر ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان پاسونلىرى يوق. كەسپىي ئاپارات« يەككە لېنزا رىفلىكىسلىق ئاپارات» لاردا يەنە قوللىنىۋاتقانلارنىڭ بارلىقى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ باھاسى تېخى ئىنتايىن قىممەتمىش. سىفىرلىق ئاپارات دۇنياغا كەلگەندىن كىيىن «نىگاتىۋ ئىسراپ بولىدۇ» دېگەن قاراش يوقۇلۇپ ياخشى چىقمىغان رەسىم بولسا كۆرۈپ بېقىپ يۇيىۋىتىپلا قايتا تارتىپ، بىزگە ئىنتايىن كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر بىزدە بېرى سىفىرلىق، سىفىرسىز ئاپارات تاپىمەن دەپمۇ تاپماق قىيىن. شۇڭا بۇندىن كىيىن يوق نەرسىنىڭ گېپىنى قىلماي سۆزلىرىمىزدە «ئاپارات» دەپلا ئالىمىز.
كەڭ مەنىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئاپارات چوڭ 4 تۈرگە بۆلىنىدۇ:
1. ئائىلىگە ئىشلىتىدىغان ئاپرات. بۇ كۆپ قىسمىمىز كۆرگەن ۋە ئىشلىتىۋاتقان ئاپارات تۈرى بولۇپ، تارقىلىشى كەڭ. ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك. باھاسى ئەرزان. بۇنداق ئاپاراتلاردا يۇقىرى ئېنىقلىق ۋە خاسلاشتۇرۇلغان باشقۇرۇش تەكىتلەنمەيدۇ. پەقەت ئائىلە ئەزالىرى توپلىشىپ ساياھەت قىلىشقا، دادا بالىنى، ئانا قىزىنى تارتىشقا، تۇرمۇشتىكى ئاددى پائالىيەتلەرنى تارتىشقا ئىشلىتىشنى نىشان قىلىپ ياسىلىدۇ. بۇ تۈردىكى ئاپاراتلارغا بىر-ئىككى مىسال:
2. كارتىسىمان ئاپارات . ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ئائىلىگە ئىشلىتىدىغان ئاپاراتلارغا كىرىپ كېتىدۇ. لېكىن بۇ ئۈستىدىكىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەپلىك، بىر قەدەر مودا، پاسونلىرى سەرخىل. باھاسىمۇ ئۈستىدىكىسىدىن قىممەت. رەڭلىرى ۋە پاسونلىرى خلمۇخىل . ياشلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بىر قەدەر ماس كېلىدۇ. بۇخىلدىكى ئاپاراتنىڭ بىزگە كۆپرەك ئۇچىرىغىنى بەلكىم سونىي بولسا كېرەك. بۇلاردىنمۇ بىر-ئىككى پارچە رەسىم كۆرۈپ باقايلى:
3. بۇ خىلىدىكىسىنى ئۇزۇن لېنزىلىق ئاپارات دەيمىز. ئۇزۇن لېنزىلىق دېگىنىمىز بىرقەدەر چوڭ بولغان ئوپتىكىلىق چوڭايتىش ئىقتىدارىغا ئېگە. يەنى ئۇزاقتىكى نەرسىنى يېقىن قىلىپ كۆرسىتىش ئىقتىدارى يۇقىرىراق. ئۇزۇن فوكۇس ئارىلىقىدا تارتقانداق ئوبىكتقا دەخلى يەتكۈزىدىغان بەزى شەيئىلەرنىڭ زىيىدىن خالى بولغىلى، ھەم ئارقا مەنزىرىنى خۈنۈكلەشتۈرشنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن رەسىم بىر قەدەر كەسپىي فوتوگرافچىنىڭ رەسىمىدەك كۆرىنىدۇ. ئۇزۇن فوكۇس ئارىلىقىدا نۇر چەمبىرى كىچىك بولىدۇ. بۇ تۈرگە ۋەكىللىك بىر قانچە تىپتىكى ئاپاراتلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
4. تۈردىكىلەر بىزنىڭ مەخسۇس سۆزلەيدىغىنىمىز. بۇنى ئايرىم تېىما قىلىپ يوللايمەن.
ھەجەپ ئۇششاق ئىشلەركەن بۇ. يېرىم كۈن سەرپ قىلىپ مۇشۇ ماقالىنى يېزىپتىمەن …









































[...] سىفىرلىق ئاپاراتنىڭ تۈرلىرى (1) دېگەن تېمىمىزدا ئالدىنقى 3 تۈرىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئېدۇق. بۈگۈنكىسى كۇلۇبىمىزدا ئاساسلىق مۇنازىرە قىلىشىدىغىنىمىز ۋە كەسپىيلىك دەرىجىسى بىر قەدەر ئۈستۈن بولغان تاق لېنزىلىق رېفلېكىسلىق ئاپارات. بۇ ئەمدى قانداق گەپتۇ؟ ئىسمىغا قارىساق دەماللىققا بىرنەرسىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. لېكىن بىز بۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي مىسال ۋە زاغرا تىلىمىز بىلەن چۈشۈنۈپ ئۆتەيلى. مۇخبىرلارنىڭ قولىدا ياكى كەسپىي فوتوگرافلارنىڭ قولىدا لېنزىلىرى ئۇزۇن بولغان يوغان، ئېلىپ يۈرۈشكە بىر ئاز ئەپسىز ئاپاراتلارنى كۆرگەن بولىشىڭلار مۇمكىن. ئاپارات قارا بولسا لېنزىسىنىڭ بەزىلىرى ئاق، بەزى لېنزىلار يوغان كۆزلۈك دىقماق بولسا، بەزەنلىرى ئاپاراتتا ئىككى ھەسسە يوغان. بىز دەۋاتقان تاق لېنزىلىق رېفلېكىسلىق ئاپارات دېگەن دەل مۇشۇ شۇ. خەنچە بۇنى单镜头反光 دەيدۇ. قىسقارتىپ单反 دەپ قويىدۇ. ئېنگىلىزچىسى «SLR» ، يەنى Single Lens Reflex دەپ ئاتايدۇ. بىز بۇنى قىسقارتىپ «تاق رېفلىكىس» دەپ ئاتايمىز. [...]
ھارمىغايسىز ! زېرىكىپ قالماي داۋاملىق يېڭى-يېڭى مەزموندىكى يازمىلانى يېزىشىڭىزنى ئۈمۈدقىلىمەن !
رەھمەت. سىزمۇ كەپتۇراسىز
ئەلۋەتتە كەپتۇرىمەندە ھەممىسى مەن قىزىقىدىغان بىلىملەرتۇرسا
، سىزدىن بىرئىشنى سورىسام ، ئۈستىدىكىدەك ئىنكاسقا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈنۈمىنى قانداق ھاسىل قىلىدۇ ؟ دوپ بىرەمسىز؟
بۇنى قىستۇرما قوشۇش ئارقىلىق ھەل قىلىمىز. تەپسىلاتىنى ماۋۇ ئادرىستىن كۆرۈۋېلىڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر!
راستىنى ئېيتسام بۇ تور بېتىڭىزنى كۆرۈپ خۇددى مەن ئۈچۈن ياساپ قويغاندەكلا خۇش بوپ كەتتىم. ھازىرغىچە مەنمۇ نۇرغۇن رەسىملەرنى تارتىپتىمەن. خېلى ياخشى چىققان رەسىملىرىممۇ بولغان. لېكىن بەك بەك ئەپسۇس ئىككى قېتىملىق قاتتىق دېسكا ئوغۇرلۇقىغا ئۇچراپ 5000 پارچىدىن ئارتۇق( ئىچىدە تاللاشقا بولىدىغان 10نەچچىسى بار ئىدى) رەسىممۇ بىراقلا يۈتۈپ كۆڭلۈممۇ سوۋۇپ قالغانىدى. ئەمما يەنە شۇ ئۆگىنىپ قالغان خۇي جىم تۇرغۇزماي ھازىر ئاپپارات تاللاۋاتىمەن. بۇ بېكەتكە ماڭا بىر ئاپپارات تاللىشىمغا مەسلىھەت بېرەرمىكىن دەپ كىرىپ نۇرغۇن ياخشى تېمىلارنى بايقىدىم. ھەم كۆرۈپ چىقتىم.
گەرچە بىزدە بۇ ساھەدىكىلەر كۆپتەك كۆرۈنمىسىمۇ، سىزنىڭ غەيرەت بىلەن بۇ توربەتنى مەزمۇنلارغا تولدۇرۇپ كېلىۋاتقىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم. ھەم ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. داۋاملىق ئىزدىنىشىڭىزغا، ھەمدە بىزدەك ھەۋەسكارلارغىمۇ يېتەكچىلىك قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن. بۇنىڭدىن كېيىن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاندىن سىز ماڭا ئېغىر كۆرمەي ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، بىر قەدەر كەسپىراق ئاپاراتلاردىن تونۇشتۇرۇپ باققان بولسىڭىز بەك خۇرسەن بولاتتىم. مەن ھازىر ئاپپارات سېتىۋالاي دەپ قايسسىنى سېتىۋېلىشنى بىلەلمەي بېشىم قاتتى. باھاسى 4000 ئەتراپىدا بولسا بولاتتى. 单反نى سېتىۋالغۇم بولسىمۇ ئېلىپ يۈرۈشكە بەك قولايسىزكەن. مەن سىرتلاردا كۆپ يۈرىمەن ھەم رەسىم تارتىش ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت بەلگىلەپمۇ قويالمايمەن. ئاپپارات يېنىمدا بولسا زۆرۈر بولغان ھامان تارتىۋالىمەن. بىراق 单反نى ھەمىشە يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش ئەپسىزكەن. قانداق قىلسام بولا؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
بلوگدىن نەپ ئالالىغان بولسىڭىز مەن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. يېقىندىن بۇيان بۇ توغرىسىدا كۆپ تېما يوللىيالماي قالدىم. ئاللاھ خالىسا بۇندىن كىيىن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بىلگەننى تەڭ بەھرلىنىمىز. گەپنى مەندىن ئەمەس سىلەردىنمۇ ئاڭلايلى. چۈنكى ھەممىمىز ئۆگىنىش باسقۇچىدىكى ھەۋەسكارلار.
سىز دېگەن باھاغا ماس كېلىدىغان بىر-ئىككى خىل ئاپارات كۆرۈپ باقتىم. ئەگەر ئىلاج بولسا ئازراق قوشۇپ Canon EOS 550D تىپلىق يەككە رېفلېكىسقا 18-35 لىك لېنزا قوشۇپ ئالغان بولسىڭىز ناھايىتىمۇ ئوبدان بولاتتى. ئەگەر يەككە رېفلېكسنى بىر مەزگىل ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالسىڭىز ئادەتتىكى ئاپاراتلاردا ھەقىقەتەن سۈرەتكە تارتقۇڭىز كەلمەيدۇ. سىز دېگەن باھاغا ماس كېلىدىغان EOS 1000 D ياكى 1100D تىپلىق يەككە رېفلېكىسلار بار.
ئەگەر چوقۇم بۇنى ئالمايتىم دېسىڭىز PowerShot G12 مۇ بولىدۇ. 10 مېگاپېكسىل، Digic4 بىر تەرەپ قىلغۇچ، CMOS سەزگۈچ، 720P لىك سۈرەتكە ئالالايدۇ. 5 ھەسسە چوڭايتىش ئىقتىدارىغا ئېگە 28mm لىق كەڭ دائېرىلىك لېنزا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. توردىن ماتىرىياللىرىنى ئىزدەپ كۆرۈپ باقاسىز.
كۆپ رەھمەت سىزگە. مەن سىز دىگەن ئاپاراتلارنى كۆرۈپ كەلدىم . ئاۋۇ يەككە رىفلىكىس دېگىنى ھەقىقەتەنمۇ پەيزىكەن. بىراق… 6950 يۈەنلىك باھا چاپلاپ قويۇپتۇ. سېتىۋالغۇم شۇنداق كەلدى لېكىن…. ئىككىلىنىپ قالدىم.
ماۋۇ ئاستىدىكىنى 4000 ئەتراپىغا ئالغىلى بولىدىكەن. ئەممازە شۇ، سىزچە بولاما؟
ھە راست يەنە بىرنى كۆردۈم سونىنىڭ. مىكرو يەككە رېفىلىكىس دەمدۇق، ئۆزى ناھايىتى كىچىككەن. كۆزىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن. يەككە كۆز بىلەن ئالساق 4500 ئەتراپىدا ئالغىلى بولىدىكەن. بۇ سىزچە قانداقراق چىقار؟ 索尼(SONY) NEX-5CK(SEL18-55镜头)单镜套装 مۇشۇ شۇ، قېنى كۆرۈپ بېقىپ مەسلىھەتىڭىزنى بېرەسىز… 7000غا بىر چىدىۋىتىدىغان ئىشمۇ يا؟ يا بۇ سونىمۇ بوپ قويامۇ؟
يەككە رېفلېكسنى ئالماقچى بولسىڭىز سونىينى ئويلىشىپ يۈرمىسڭىز بولامدىكىن دەيمەن. كانون بىلەن نايكون 20~30 يىللاردىن بۇيان مۇشۇ ساھەدە مەھسۇلات ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. سونىي يەككە رېفلېكسكە كىرگىلى تېخى ئالتە-يەتتە يىل بولدى.
سىز دېگەن باھاغا كانوننىڭ 1000D نى ۋەياكى نايكوننىڭ D5000 نى ئويلاشسىڭىز بولىدۇ. بۇ دەسلەپكى ھەۋەسكارلارنىڭ بىرقەدەر ياخشى تاللىشى بولالايدۇ. كانون 1000D غا 18-55 لىك لېنزا سەپلىسە ئارانلا 4000 يۈەنگە بارماي ئالغىلى بولىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن كۆپ پۇل خەجلىمەي ياخشىراق يەككە رېفلېكىس ئوينىماقچى بولغان ھەۋەسكارلارغا ياخشى تاللاش. تاۋباۋدىن كۆرۈپ باقتىم. تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈپ بېقىڭ.
http://item.taobao.com/item.htm?id=2252454686&ad_id=&am_id=&cm_id=&pm_id=
套餐三 ئوبدانراق ئوخشايدۇ. باھاسى 3،939 ئىكەن.
مەن بۇ كۇلۇبقا كىرىپ ئايفوندىن باشقا سەھىپىنى ئېچىپ باقماپتىكەنمەن، (دەسلەپتە قىزىقىش بولمىغاندىن كېيىن).بىرسىگە مۇشۇ يەردە ئاپاراتلارغا دائىر مەلۇماتلار باردەپ بېرىپ ،ئۆزەم ھەم كۆرەپ باقاي دەپ مانا ئاپاراتقا ھەۋەس قىلىدىغان بولاپ قالدىم دىسە.بىرنى ئالسام 功夫茶دىنمۇ بەكرەك ئىچ-پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم دىسە