سۈرەتكە تارتىش بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇنداق ئاددىي ئۇقۇم بولماسلىقى كېرەك. كەسپىي فوتوگرافنىڭ ئۆزىگە يارىشا يېتىلدۈرگەن ئوخشاش بولمىغان كەسپىي ئادەتلىرى بولىدۇ. ئۇلار مۇنتىزىم تەربىيىلەنگەن بولغانلىقتىن ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك فوتو سۈرەتچىلىك كەسپى تارىخىغا ئېگە بولغانلىقتىن بۇ ئادەتلەرنى يېتىلدۈرگەن بولىدۇ. لېكىن بىزگە ئوخشاش بوۋاق دەۋرىدىكى ھەۋەسكارلار بۇ ئادەتلەرنى قانداق يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك؟ تۆۋەندە بۇ توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.
1. كۆپ سۈرەتكە تارتىش
زادى قانچىلىك بولسا كۆپ بولغان بولىدۇ؟ بۇنىڭ چېكى يوق. كۆپ رەسىمگە تارتىش نېمە كۆرسە قالايمىقان تارتىۋېرىش ئەمەس. بۇ پەقەت مەشىق قىلىش بولۇپ، سىزنىڭ فوتو سۈرەتچىلىكتىكى ئىقتىدارىڭىزنى ساقلاپ قېلىشنى ئاساسى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭ سانىنى تەخمىنەن ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 30 پارچە دەپ بېكىتىۋالساق بولىدۇ.
سىز پەقەت مۇشۇ مىقدارنى ئۆزىڭىزگە نىشان بېكىتىۋالسىڭىز، ھەر كۈنى مەقسەتلىك، بىرەر تېمىنى ئاساس قىلغان ھالدا تارتىش ئۈچۈن ئاپاراتنى قولىڭىزغا ئالىسىز. مۇشۇ ھېساپ بويىچە 1 يىلدا تەخمىنەن 10 مىڭ پارچە رەسىمگە تارتقان بولىسىز. سىز مۇشۇ ساننى ساقلاپ قالالىسىڭىز، قولىڭىزدىن فوتوگرافنىڭ پۇرىقى چىقىپ تۇرغان بولىدۇ.
يەنە بىر ئىشنى مىسالغا ئالساق، سىز بىر يىلدا ئاپاراتىڭىزنى تەخمىنەن 1000 يۈەن ئارقىغا دەسسىدى دەپ پەرەز قىلىڭ. دېمەك سىز 1000 يۈەنگە 10 مىڭ پارچە رەسىمنى سۈرەتكە ئالغان بولىسىز. ئۇنداقتا ھەر بىر پارچە رەسىمىڭىز 1 مودىن توغرا كەلگەن بولىدۇ. بۇ سان كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىزگە ئانچە قىممەت ئەمەس. مۇشۇنداق ئويلىساق، يەككە رېفلېكىسمۇ قىممەت ئەمەس.
2. كۆپ كىتاب كۆرۈش
بىر دانە ئىسىل فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى توپلىمى – بىر ھەۋەسكار ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان ماتىرىيالدۇر. بۇ ماتىرىيالنىڭ كونكىرتنى نامى ۋە تۈرى پەقەت ئۆزىڭىزگە ھاۋالە. ئۆزىڭىز توردىن ياكى يەرلىك كىتابخانىلاردىن ئىزدىنىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
سىز كىتاب كۆرگەندە داڭلىق فوتوگرافلارنىڭ ئەسەر تاللاشتىكى ماھارىتىنى تەپسىلىي كۈزىتىڭ. ئەسىرىڭىز تېمىسى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە ئۇنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىش سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنىڭ يېرىمىنى ھەل قىلغانلىقىڭىز. سىز ئۆز ئەسىرىڭىز ئۈچۈن ئويلىغان خىيالىڭىز ۋە مۇددىئايىڭىزنى باشقىلار رەسىمىڭىزنى بىر كۆرۈپلا بىلەلىسۇن. ئەگەر سىز مەلۇم بىر مۇددىئا بويىچە رەسىمگە تارتقان بولسىڭىز بۇنى شۇ رەسىمدىن بىلمەك قىيىن ئەمەس.
مىسالغا ئالساق، سىز ئايالىڭىز ۋە بالىڭىزنى سۈرەتكە تارتقاقچى بولسىڭىز سىز ئۇنىڭدىن قايسى نەرسىنى ئاساسى تېما قىلماقچى؟ ئايالىڭىزنىڭ نازاكىتىنىمۇ؟ بالىڭىزنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىنىمۇ؟ سەبى – گۆدەكلىكىنىمۇ؟ بۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالغاندىن كىيىن سىزنىڭ تارتقان رەسىمىڭىزدىن باشقىلار كۆرۈپلا سىز ئويلىغاندەك ئويغا كېلەلىشى كېرەك.
قاملاشقان بىر كىتابنى تولۇق كۆرۈپ چىقسىڭىز سىزدە مەلۇم يورۇقلۇقتا قايسى خىل يورۇقلۇق تەڭشىكىنى ئىشلىتىشكە بولغان دەسلەپكى تونۇش شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل ھالەتتە سىز EV نى + ياكى – قىلىپ تەڭشەشنى، نوقتا بەلگىلەپ نۇر سېزىش ياكى پۈتۈن دائىرىلىك نۇر سېزىش قاتارلىقلارنىڭ قايسىسىنىڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيسىز.
3. ئۆزىڭىزگە بىرەر تېما تاللىۋېلىڭ
بىز مەقسەتلىك سۈرەتكە تارتىشىمىز كېرەك. خۇددى بايا دېگەندەك قولىمىزغا ئاپاراتنى ئېلىپلا نېمە كۆرسەك شۇنى رەسىمگە تارتساق، بىر قاتار مەنىسىنى چۈشۈنۈپ بولمايدىغان «ئەخلەت» ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر بىز بىرەر تېمىنى تاللىۋالساق سۈرەتكە تارتىش جەريانىدا ئىلاجىنى قىلىپ ئاشۇ تېمىنى يورۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن «گەپ قىلىدىغان تىلى بار» رەسىم دۇنياغا كېلىدۇ.
بىر تېمىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن سىز بەلكى 40 پارچە رەسىمگە تارتىشىڭىز مۇمكىن. شۇنداقمۇ؟ ئەمدى سىز ئاشۇ 40 پارچە رەسىمىڭىزنى قولىڭىزغا ئېلىپ كۆرۈپ بېقىڭ. ئاساسى تېمىڭىز يورۇتۇپ بېرىلگەنمۇ يوق؟ بەلكى بىر يەرلىرى كەمدەك قىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟ سىز يەنە بىر مەزگىلدىن كىيىن بۇ تېما ئۈچۈن 20 پارچە رەسىمنىڭ كۇپايە قىلىدىغانلىقىڭىزنى بايقايسىز. شۇنداق 20 پارچە رەسىم تامامەن يېتىدۇ. يەنە بىر مەزگىللەر ئۆتكەندە بولسا 10 پارچىلا يىتىدىغانلىقىنى بايقايسىز. سىز ھەقىقىي پىشىپ يېتىلگەندە بولسا پەقەت 1 پارچە رەسىمدىلا نەچچە ئون بەتلىك ماقالىلاردا نامايان قىلىنىدىغان مەزمۇنلانى مۇجەسسەملىگىلى بولىدىغانلىقىنى ۋە سىزنىڭ ئاشۇ تېمىڭىز ئۈچۈنمۇ پەقەت 1 پارچىلا رەسىم كۇپايە قىلىدىغانلىقىڭىزنى بايقايسىز. سىز مۇشۇ 1 پارچە رەسىمنى تارتىپ چىقالىغىنىڭىزدا، مۇبارەك بولسۇن! سىز پىشىپ يېتىلگەن بولىسىز. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن بىر جەريان كېتىدۇ. بۇ جەريان ھېلىھەم بىزنىڭ ئورتاق بېسىپ ئۆتىشىمىزنى كۈتمەكتە!
4. كۆپ رەسىم كۆرۈش
دۇنيادىكى داڭلىق فوتوگرافلارنىڭ تارتقان رەسىملىرىنى كۆپ كۆرۈش، ئۇلارنىڭ شۇ رەسىمنى تارتقاندىكى ھېسياتىنى ئۆزىمىزگە تەدبىقلاش، باشقىلارنىڭ تېما تاللاشتىكى ماھارىتىدىن پايدىلىنىش، نۇر بېرىش ۋە پەيت تاللاش … بۇلارنى بىز پەقەت كۆپلەپ ياخشى ئەسەرلەرنى كۆرۈش ئارقىلىق ھېس قىلالايمىز. نادىر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ نادىرلىقى زادى قەيەردە؟ ئاپتورنىڭ مۇشۇ رەسىمنى تارتقىچە كىشىنى ئەڭ قايىل قىلىدىغىنى زادى قايسى ئورۇن؟ بۇنى كۆپ تەپەككۇر قىلىش لازىم. رەسىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى لاياقەتلىك چىقىش چىقماسلىقىدىكى چوڭ ئامىل. نادىر ئەسەرلەرنىڭ بۇ جەھەتتە تەلىپى خېلى يۇقىرى.
بېسىپ 2~3 كۈندە 1 توم كىتابنى تۈگىتىش شەرت ئەمەس. بوش ۋاقىت چىققاندا سەنئەتتىن ھوزۇرلانغاندەك ھوزۇرلىنىپ، ھەر بىر پارچە رەسىم ئۈستىدە ئازراقتىن مۇلاھىزە يۈرگۈزگىنىمىزدە بۇ ئادەتنىڭ پايدىسىنى ئەلۋەتتە كۆرىمىز.
5. رەسىملىرىمىز ئۈستىدە پات-پات يەكۈن چىقىرىپ تۇرۇش
مىسالغا ئالساق، سىز بىر يىل ئىچىدە تارتقان ئاشۇ 10 مىڭ پارچە رەسىمىڭىز ئىچىدە ئۆچۈرىۋېتىش توغرا كەلسە زادى قايسىلىرىغا ئەڭ قىيمايسىز؟ شۇ رەسىمگە نېمە ئۈچۈن قىيمايسىز؟ سىز شۇ رەسىمنى تارتقۇچە قايسى تېمىنى ئويلاپ تارتقان ئېدىڭىز؟ شۇ تېمىڭىز رەسىمدە زادى ئېنىق نامايەن بولدىمۇ يوق؟ بۇلارنى ئويلاپ پىكىر يۈرگۈزىشىڭىز كېرەك. بۇ ئادەت بۇ كەسىپتە ئىلگىرىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى شوتىسى.
ئەگەر سىز تەپسىلىي كۈزەتسىڭىز سىز بىرەر تېما ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ تارتقان سۈرەتلىرىڭىز ئىچىدە ناھايىتى كۆپ قىسىم رەسىملەرنىڭ ئۆچىرىۋەتسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز. بەلكى سىز شۇ تېمىدىكى رەسىملىرىڭىزنى كىيىنچە ياراتماي قايتا رەسىمگە تارتىشىڭىزمۇ مۇمكىن. بۇ خىل ھالەت ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ قايتا-قايتا تەكرارلىنىۋېرىپ، ھەتتا ئاخىرىغا كەلگەندە ئەڭ دەسلەپتىكى رەسىملىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرىۋەتسىمۇ بولىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى بايقىشىڭىز مۇمكىن. بۇ چاغدا سىز چوڭ بولغان ھالىتىڭىزدە بالىلىق دەۋرىڭىزدىكى بەزى قىلىقلىرىڭىزدىن كۈلگىڭىز كەلگەندەك ھېسياتقا كەپقالىسىز.
سىز ئىلگىرى تارتقان سۈرەتلىرىڭىزگە سەپ سېلىپ قاراپ بېقىڭ. سىز كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا قايسى دائىرىدىكى فوكۇس ئارىلىقىنى كۆپ قوللىنىدىكەنسىز؟ قايسى نۇر چەمبىرىكىنىچۇ؟ ئادەمنى كۆپ تارتامدىكەنسىز ياكى مەنزىرىنىمۇ؟ ھەرىكەتلىك شەيئىلەرنمۇ ياكى تىنچ شەيئىلەرنىمۇ؟ بۇلارنى تەپسىلىي كۆزىتىپ چىققىنىڭىزدا سىز تەبىئىي ھالدا ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ئاپارات ياكى لېنزىنى تېپىپ چىقالايسىز. مۇشۇ ئارقىلىق سىز مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى چوڭقۇرلاپ ئىزدەيسىز. شۇنىڭ بىلەن تەبىئىي ھالدا سىزدە بۇ جەھەتتە ئىلگىرىلەش بولىدۇ.
خوش، سىز فوتوگراف ئۈچۈن يەنە قانداق ئادەتلەرنى مۇھىم دەپ قارايسىز؟ بىز بىلەن ئورتاقلىشىشىڭىز ئۈچۈن ئىنكاسىڭىزغا قاراپ قالدۇق.









































مەنمۇ بىر رەسىم ھەۋەسكارى يېنىمدىن ئاپىراتنى ئايرىمايمەن . بىراق رەسىمچىلىك ھەققىدە سىزچىلىك بىرنىمە بىلمەيدىكەنمەن . تەسىمگە تارتىشتا شۇ كۈزۈمگە سىغىپ قالغان بىرنەرسىنى مەقسەتسىزلا تارتىمەن. كىيىن رەسىملىرىمنىڭ ئارسىدىن ياقتۇرغانلىرىمنى ساقلاپ قېلىپ قالغانلىرنى يۇيۋىتىمەن.بەزەن ۋاقىتلاردا تۇيۇقسىز تارتىلىپ قالغان بىرەر پارچە رەسىمىمگە قاراپ ئاجايىپ تۇيغۇلاردا بۇلۇپ قالىمەن. ئاشۇنداق تۇيۇقسىز تارتىلىپ قالغان بىرنەچچە پارچە رەسىمنى ساقلاپ كىلىۋاتقىلى نەچچە يىل بۇپتۇ .
يېقىندىن بىرى بلوگىمنى يىڭىلىغۇدەك ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن . بۇندىن كىيىن بلوگىمغا ئاشۇنداق رەسىملىرىمدىن يوللاپ تۇرسام بولغۇدەك . رەسىمچىلىك ھەققىدە داۋاملىق تەلىم بىرىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .