ھەممىمىزگە ئايان. ھاۋا تۇتۇق ۋاقىتتا رەڭ ئېلىمىنت پەرقى كىچىك ۋە روشەن كۆرۈنگەن سايە بولمايدۇ. كۈن نۇرى ئاستىدىكىدەك قاراڭغۇ يەرلىرى قاراڭغۇ، يورۇق جايلىرى زىيادە يورۇق بولىدىغان ئەھۋالمۇ بولمايدۇ. ھاۋا تۇتۇق ۋاقىتتا تارتقان سۈرەت كىشىگە كۈچلۈك رەڭ تۇيغۇسى بېرەلمەيدۇ. چۈنكى ئاسمان پارچە-پارچە ئاق بۇلۇتلىرى بار كۆك ئاسمان بولماستىن كۈلرەڭ ھالەتتە بولىدۇ. بۇ بەلكى كۆرگۈچىگە تازا ھوزۇر بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن سۈرەتكە تارتقاندا كۈلرەڭ ئاسماننىڭ سۈرەتتىكى ئورنىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئۇنىڭغا جاينى كۆپ بېرىۋەتمەسلىك كېرەك.

ئاپاراتىڭىزنى ئېگىزرەك ئورۇنلاشتۇرۇڭ

رەسىمگە تارتقاندا ئىلاجنىڭ بېرىچە ئاپاراتنى سەل ئېگىزرەك ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت مەركىزى ئىددىيەنىڭ ئەتراپىدا خىزمەت قىلىدىغان شەيئىلەرنى كۈلرەڭ ئاسماندىن زىمىنغا يۆتكەپ ئەكىلىشتىن ئىبارەت. قوشۇمچە شەيئىلەرنى تاللىغاندا ئەتراپتىكى يېشىل ئوت-چۆپلەر، ئورۇندۇق ياكى كىچىك چىغىر يول دېگەندەك نەرسىلەرنى تاللاش ئوبىكتى قىلىش لازىم. گەرچە قۇياش نۇرى كەمچىللىكتىن روشەن رەڭ پەرقى بولمىسىمۇ، ئاپاراتنىڭ ئىچىدىكى 阴天 ياكى 生动 ، ۋەياكى 风光 دېگەندەك ھالەتلەرنى تاللاپ كەملىگەن رەڭ ئېلىمىنتلىرىنى قوشىۋالساق بولىدۇ.

ئالدى مەنزىرە ئارقىلىق بوشلۇق تۇيغۇسى پەيدا قىلىڭ

تۇتۇق كۈندە نۇر كۈچلۈك بولمىغاچقا جىسىمدىن قايتقان نۇر مەلۇم ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاپاراتقا قايتقۇچە بولغان جەرياندا، نۇر مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئالدى ۋە كەينى مەنزىرىدە ئوچۇق ۋە خۇنۈك بولغان مەنزىرە يارقىن شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بوشلۇق ياكى ئارىلىق تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ دېگەن گەپ. قىستۇرما رەسىمگە قارىساق بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيمىز.بوشلۇق تۇيغۇسى مەنزىرە رەسىملىرىنى تارتقاندا ئەڭ تەلەپ قىلىنىدىغان مۇھىم ئامىل. بۇنى كۈچەيتىش ئۈچۈن چوڭ نۇر چەمبىرىكى ئىشلىتىش كېرەك (ئاپاراتتىكى A ياكى Av دېگەن جايغا ئەكىلىپ =f نى ئەڭ كىچىك سانلىق قىممەتكە توغرىلاپ تارتىڭ. مەسىلەن 4.0 ياكى 3.6 دېگەندەك). چوڭ نۇر چەمبىرىكى نۇر كىرىش مىقدارىنى كۈچەيتىپ يورۇقلۇق قوشۇش بىلەن بىرگە، قوشۇمچە ئېلىمىنتلارنى خۇنۇكلەشتۈرۈش ئارقىلىق سۈرەتكە ھەقىقىيلىق ۋە مەۋھۇملۇق تۇيغۇسىنى تەڭ بېرىش مەقسىتىگە يېتىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ.

ئادەم ئوبرازى يارىتىشتىكى ياخشى پەيت

ھاۋا تۇتۇق كۈندە يورۇقلۇق ئاز بولغاچقا، كۆرۈش ئارىلىقى بىز ئاز تۆۋەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يىراقتىكى جىسىملار ياكى ئاسمان زىمىن بىرلىشىپ كەتكەن سۈرەتلەرنى تارتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. گەرچە كۈچلۈك قۇياش نۇرى بولمىغىنى بىلەن بۇ خىل يورۇقلۇقنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا ئالاھىدىلىكى بار. مەسىلەن، ھاۋا تۇتۇق كۈنى يورۇقلۇق بىر قەدەر ئىللىق، يورۇق ۋە قاراڭغۇ جايلارنىڭ پەرقى چوڭ ئەمەس. ئېنىق سايە يوق. بىز بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى چىڭ تۇتۇپ بىز بىر ئاز نازۇك نوقتىلارنى ئوچۇق يورىتىپ بېرىش لازىم بولغان، قەۋەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىشى كېرەك بولغان تېمىلارنى تاللىساق مۇۋاپىق بولىدۇ. مەسىلەن، يېقىندىن ئادەم ئوبرازى يارىتىش ئۈچۈن بۇ ياخشى پەيت بولسا كېرەك. ئەگەر ئاپاراتىڭىزدا ئادەم تارتىش ھالىتى بولسا شۇنىڭغا توغرىلاپ، چوڭ نۇر چەمبىرىكى بىلەن سۈرەتكە تارتىڭ. چۈنكى نۇر بىر ئاز تۇتۇق بولغاچ تېرە رەڭگى بىر ئاز ئاجىز چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك تەشتەكتىكى ياكى گۈللۈكتىكى گۈللەرنى تارتىشقىمۇ بولىدۇ. لېكىن يوپۇرماقتىكى سۇ تامچىسىنى تارتقىنىمىزدا سۈرەت كۆڭۈلدىكىدەك چىقماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى سۇ تامچىسىدا قۇياش نۇرى پارلاپ تۇرسا تېخىمۇ جانلىق، ئاشۇنىڭدىمۇ بىر دۇنيا باردىكىدەك كۆرىنىدۇ، شۇنداققۇ؟

شاقىراتمىنى تېما قىلىپ تاللىساقمۇ بولىدۇ. نۇر تولۇقلاش ئۈچۈن ئۇزاقراق زاتۋور ۋاقتىنى قوللىنىپ، ماي بوياق سىزمىدەك ئۇلىشىپ كەتكەن سۇ تامچىلىرىنى ھاسىل قىلساق ئۆزگىچە بىر تۇيغۇ بېرىشى مۇمكىن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



7 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. مەن سۆرەت تارتىشقا دەھشەت قىزىقىمەن بارغۇ،شۇڭا بۇيەرگە پات-پات كەپتۇرىمەن.

  2. كۈركۈم گۈلنى ھەممىدىن ياخشى كۆرىمەن براۋوووو

  3. ئۆزەم ئۆستۈرگەن قىزىل كۈركۈم گۈلنى ۋېيبورىمغا چىقىرىپ قويدۇم، كۆرۈپ باھا بېرىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن :kungfu:
    يەنە باشقا رەسىممۇ بار ئايفوندا تارتقان، بەك ئۇستا تارتىۋەتكەن :o))):

  4. ھى ھى ھى ۋاي تەلىمنى سىزدىن ئالمامدۇ،ئۆزەمنى مەسخىرە قىلىپ دەپ قويغان گېپىمتى ئۇ :o))): ، توختىماي ئىت مۈشۈكتىن تارتىپ رەسىمگە تارتىپلا يۈرىمەن ئەتىدىن كەچكىچە ئۆيدىمۇ لېكىن تۈزۈك ئاپارات ئېلىپ سەل بىلىشىمنى كېڭەيتىش توغرىلىق ئويلىشىپ باقماپتىمەن جۇمۇ، راسلا ئايال كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا بولىدىكەن :cry: بولمىسىغۇ ھەتتا مەخسۇس بىر كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ رەڭلەرنى تونۇش دىگەندەك دەرسلەرگىمۇ قاتناشقان تۇنجى قېتىم ئۆي زىننەتلەش جەريانىدا، ھازىر بەك ھورۇنلىشىپ كەتتىممۇ قانداق تۈزۈك ھەۋىسىم قالماپتۇ بىرەر نەرسىگە. سىزنىڭ تەپسىلى يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ بەك ھەۋەس قىلدىم، بىرەر نەرسىگە بۇنداق ئىشتىياق باقلىماق ئاسان ئەمەس راسلا :kungfu:

    • بەكلا كەمتەركەنسىز. رەسىملىرىڭىز خېلى ياخشى تارتىلىپتۇ. ئۆزۈم ئۆگىنىۋالغان نەرسە بولغانلىقتىن قايسى چاغدا بىرەر كەسپ ئەھلى ئالدىدا چېنىپ قالارمەن دەپ ئەنسىرەپلا يۈرۈيمەن. ئۇنداق دېگەن بىلەن مەنمۇ تايىللىق بىلىمەن، 2 تال رەسىمگە تارتىپ قويۇپ ئۆزۈمچە ھەۋەسكار تېخى :o))):

  5. ھى ھى ياق سىز خېلى ياخشى تەرەققى قىلىۋېتىپسىز،مەنمۇ بۇندىن كېيىن كۆپرەك ئەھمىيەت بەرمىسەم.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش