ئىلگىرى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يوق بولغانلىقتىن پاسىبان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بېتى ئارقىلىق بولسىمۇ بۇ ئىشلارنى ئاز-پاز قولايلاشتۇرۇپ تۇرغان ئېدۇق. يېقىندا بىلىك كۇلۇبىدىن Sazgum ئەپەندى ئەرەب يېزىقى كىرگۈزگۈچىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان، ئايفوننىڭ بارلىق خىزمەت دائىرىسىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە بولىدىغان كىرگۈزگۈچ ياساپ چىقىپتۇ.
بۇنى قاچىلاش ئۈچۈن چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرغان ئايفون بولىشى شەرت ئىكەن. قاچىلاشقا تەمىنلەنگەن بولاق DEB فورماتىدىكى Cydia قاچىلاش بولىقى بولۇپ، Cydia نىڭ ئاپتۇماتىك قاچىلاش رايونىغا ئۆزىمىز قوشۇپ قويۇش ئارقىلىق ھەل قىلىدىكەنمىز. بۇنى قاچىلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈڭ.
- Cydia دىن WinterBoard دەيدىغان ئاساسى تېما ئىجرا قىلىش سۇپىسىنى تېپىپ قاچىلىۋېتىڭ
- 搜狗拼音输入法 ۋە 百度输入法 دېگەندەك كىيىن قوشقان كىرگۈزگۈچلەرنى ئۆچۈرىۋېتىڭ. بۇنى ئۇيغۇرچىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن قاچىلاشقا بولىدۇ.
- چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن Uyghur.deb ھۆججىتىنى iTools دېگەندەك قوراللار ئارقىلىق /var/root/Media/Cydia/AutoInstall نىڭ ئاستىغا كۆچۈرۈڭ.
- ئايفوننى قايتا قوزغىتىڭ. قوزغاتقاندىن كىيىن Winterboard نىڭ تەڭشىكىنى ئچىڭ. Winterboard نى 设置 نىڭ ئىچىدىن، ياكى ئاساسى بەتكە قوشقان ئايكوندىن تاپالايسىز. ئۇنىڭ تەڭشىكىنى ئېچىپ Select Themes نىڭ ئىچىدىن Uyghur دېگەننى تاللاپ Respring نى بېسىڭ.
- ئاندىن …设置-通用-键盘-国际键盘-添加新键盘 دېگەننى بېسىپ يېڭى كونۇپكا تاختىسى قوشىدىغان تىزىملىكنى ئېچىڭ. بۇنىڭدىن 阿拉伯语 نى تاللاپ قوشۇپ بېرىڭ. قوشۇپ بولغاندىن كىيىن بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ ئىچىدە يەنە بىر دانە كىچىك تاللاش تۈرىنىڭ ئىچىدە Uyghur دەپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز. شۇنى تاللاپ قويۇپ چېكىنىڭ.
- ئەمدى خاتېرە دەپتەرمۇ ياكى قىسقا ئۇچۇرمۇ خالىغان جايغا كىرگۈزگۈچنى ئۆزگەرتىپ يېزىپ بېقىڭ. ئىش تامام!
- ئەگەر ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىنىڭ ھەرپلىرى كۆرۈنمەستىن باسسىڭىز ھەرپ چىقسا ئاستىدا تەمىنلەنگەن ئۇلىنىشتىكى يەنە بىر قاچىلاش بولىقى Keyboard Fixer دېگەن ياماقنى بايىقى ئۇسۇل بويىچە قاچىلىۋېتىڭ. يەنى iTools ئارقىلىق /var/root/Media/Cydia/AutoInstall نىڭ ئاستىغا كۆچۈرۈپ ئايفوننى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.
بۇنى قاچىلاش بىر ئاز قولايسىزبولسىمۇ لېكىن پىدائىيلىرىمىزنىڭ بۇ ئەجرىگە رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايمىز! ئۇلار خېلىلا كۈچەپتۇ. ئۇلارغا كاتتا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز! ئىشلىرى تېخىمۇ يۈكسەلگەي!
مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى چۈشۈرۈڭ.
ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يامىقى ۋە كونۇپكا تاختىسىنى ئوڭشاش يامىقى.









































ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. بەكمۇ ئىسىل ئىش بوپتۇ.مەن بۇ تور بەتكە بۇگۈن تۇنجى كىرىشم. بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق كىرىپ تۇرىمەن.
ھە راست، ياماقنى پىرىستتىن يەشمەيلا قاچىلامدۇق؟ياكى…………..؟
ياق. يەشمەيمىز. چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن DEB فورماتىدىكى ھۆججەتنى بىۋاستە شۇ جايغا كۆچۈرىمىز.
Mediaنىڭ ئىچىدە cydiaكۆرۈنمەيدىغۇ؟
iTools تا سول تەرەپتىن 文件管理 نى بېسىپ تۆۋەندىكى ئادرىسنى توغرا ئىزدەپ بېقىڭ
var/root/Media/Cydia/AutoInstall
مەنىمو بەك خوشبولىدۇم.!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
مۇشۇ ئادرىس بۇيىچە ئىزدىدىم،بىراق يەنىلا يوق.var/root/Media/Cydia/AutoInstall
پاسىبانىم،ياردەم قىلسىڭىز.
ئەگەر بۇ مۇندەرىجە بولمىغان بولسا تەرتىپ بويىچە ئۆزىمىز قۇرىمىز.
ئەمدى تاپتىم،91手机助手دا ئاچسام ئېچىلدى.
ئووو بەكلا ياخشى ئىش بوپتۇ …لىكىن سەل ئاۋارىچىلىق بوپ قالدىكە ھە … لىكىن كىيىنچە ياخشىلىنىدۇ …
كامىراغا تاتىيدىغان يانا بىر ئادەم يوقما پاسىبانىم … بولمىسا مەن باراي .. بەكلا تارت تارت ىپ كىتىپ بارىدا
نەۋرە ئىنىم ياردەملەشكەن ئىدى. ئاپارات كەسپىي فىلىم ئاپاراتى ئەمەس. مەندىكى فوتو ئاپاراتنىڭ فىلىمغا ئېلىش ئىقتىدارى سەل تۆۋەن ئىكەن.
بۇ بەك ياخشى بوپتۇ~! مەن بىر سوئال سورىسام ، IPOD TOUCH 4 غا مۇشۇ يۇمشاق دىتاللارنى قاچىلغىلى بولامدا؟
تامامەن بولىدۇ. تۈرمىدىن قاچۇرغانلا بولسا ئايپەدكىمۇ بولىدۇ
يەنە بىر سوئال : mac os سېستىمىسى ئارقىلىق تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى تاماملىدۇق ،،،بىراق مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقان كومپىيوتىرىم بولسا windows سېستىمىسى . قاچىلغىلى بولامدۇ؟
بۇمۇ تامامەن بولىدۇ. قالدۇرغان iTools مەخسۇس ۋىندوۋس مەشغۇلات سېستىمىسى ئۈچۈن. ئاشۇنىڭ بىلەن قاچىلاۋېرىمىز. بولىۋېرىدۇ
بوشلۇق كۇنۇپكىسى ئەرەپچە تۇرىدۇ سانلار قانداق چىقىدىغاندۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سىز ئىنكاسقا جاۋاب بېرىپ ئايپەدگىمۇ بولىدۇ دەپسىز.مەن بۇ كىرگۈزگۈچنى ئايپەدگ بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم.
بۇ يەردىن كۆرۈپ بېقىڭ.
http://bbs.bilik.biz/thread-24036-4-1.html
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەن قايسى بىرەيلەننىڭ قاچىلىغانلىق توغرىسىدىكى سۆزىنى كۆرگىنىم ئېسىمدە شۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىدىم. يازمىدىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا ئايپەدتە قاچىلىغىلى بولغان بىلەن نورمال ئىشلىمەيۋېتىپتۇ. قارىغاندا مەن خاتالىشىپتىمەن.
نىمىشقا ئايپەد تە بولمىغۇدەك….؟! قاراپبېقىڭ~~~http://www.halastan.com/1697.html
http://bbs.bilik.biz/viewthread.php?tid=24048&extra=&page=2
بۇ يەردە مۇنداق دېيىلگەن:
«بۇ كىرگۈزگۈچ iPad كە ماس كەلمەيدۇ! ئەسلى تېمىنى يازغان ۋاقتىمدىلا (يېشىلگەن iPhone, iPod Touch ئۈچۈن) دەپ يازغان ئىدىم.
iPad نىڭ كونۇپكا تاختىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كودىنى كۆرۈپ چىقتىم،
iPhone نىڭ كونۇپكا تاختىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كودى بىلەن قەتئىي ئوخشىمايدىكەن.
ئاللاھ خالىسا، iPad نىڭمۇ پات ئارىدا پۈتۈپ قالار، لېكىن مەندە سىنايدىغانغا iPad يوقلىقى يامان بولدى-دە!»
ئەسلى بۇ سىزنىڭ ئەمگەك مىۋىڭىز ئىكەندە! تولىمۇ ساۋابلىق ئىش قىلدىڭىز! سىز بۇنى فىسەبىلىللاھ قىلغىنىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئالمىداشلارنىڭ پايدىلىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ سوراپ يۈرمەيلا بۇ جايغا ئېلان قىلغان ئىدىم. ئەيىپكە بۇيرىمىغانسىز ھە؟
ياق…ياق… بۇ مېنىڭ قىلغان ئىشىم ئەمەس… مەنمۇ مۇشۇنى ياسىغان ئادەمگە ئىچىمدىن رەھمەت ئيتتىپ كەتتىم. مەن بىلىكتىكى sazgum دېگەن بۇرادەرنىڭ ئىنكاسىنى قوش تىرناق ئىچىگە ئېىلىپ يېزىپ قويدۇم،خالاس. ئىنكاسدىن قارىغاندا sazgum ئىسىملىك بىرەيلەن قىلغان ئوخشايدۇ.
ۋاقتىڭىز چىققاندا «تۈرمىدىن قاچۇرمىغانلار بۇنى قاچىلىماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ »دەيدىغان تېمىدىنمۇ بىرنى يوللاپ قويسىڭىز بولاتتى
كىرگۈزگۈچكە App Store دىن ئورۇن يوق، بۇنىڭ ئۈچۈن قاچىلىماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ دەپ قاملاشقان ئەپتىن بىرەرنى تاپسام بولغۇدەك.
ۋاي ما قىززىق گەپ بولدى …تۇرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز بۇنى قاچىلىماسلىققا باھانىڭىز بارمۇنى ئەمدە قاچۇمىغانلاغا قاچىلىماسلىققا ناھانىڭىز بارمۇغا ئۆزگەرتتىدىغان گەپمۇ تازا كۇلۇپتىمەن ھى ھى ھى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندىم.
مەن ئۇزۇندىن بۇيان تور بىتىڭىزنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئايفۇنۇمدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋە بىلمىگەن قېيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىپ نۇرغۇن ئەمىلىي نەپكە ئىرىشىپ كەلدىم،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزگە مۇشۇ يازمام ئارقىلىق رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە مۇمكىن ولسا مەن يىقىندا قۇرۇپ چىققان ئەلكىن تور بىتىنىڭ ئۇلىنىش لوگوسىنى تور بىكىتىڭىزگە قوشۇپ قويغىلى بولارمۇ.
مەن تور بىكىتىڭىزدىن ئۇدا نەپ ئىلىپ كىلىۋاتقىنىم ئۈچۈن سىزدىن سورىمايلا بىكىتىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىپ قويغان ئىدىم..
تور بەت ئادرىسى:
http://www.alkin.cn
سىزنىڭ جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.مۇمكىن بولسا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ، ئۆز ئارا تولۇقلاپ ئورتاق تەرەققىي قىلساق دىگەن ئۈمىدتە مەن.
سالام پاسىبان ئەپەندىم مەن سىز دىگەندەك قىلدىم لىكىن مىنىڭ تېلفۇنىمدا ۋار ئاندىن رۇت ئاندىن مېيدىئا دىگەن مۇندەرىجدىن كىيىن سىز كۆرسەتكەن مۇندەرىجىلەر چىقمىدى ،مەن ئۆزۇم شۇ مۇندەرىجىنى قۇرۇپ سىز دىگەن دېپ ھۆججىتىنى قويسممۇ ۋىنتېربورتتا ئۇيغۇر دىگەن خەت كۆورىنمىدى .بولسا سەۋەبىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز.
سىز iTools ئارقىلىق ئۈستىدىكى مۇشۇ شەكىلدە ئاچسىڭىز چوقۇم بولىدۇ. قايتا سىناپ بېقىڭ. بۇ ئادرېستىن iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈڭ.
iTools 0530
设置-通用-键盘-国际键盘-添加新键盘 مىنىڭكىدە ئۇنداق چىقمىدىغۇ
سىزنىڭ ئايفون نەچچىنجى نەشىرى .نىمىشقا بىزلەر كەمتۈك گەپ قىلىمىز،ھەممە نەشىرگە باپ كىلەمدۇ كەلمەمدۇ،ئۇچۇق دىمەمسىز…
بۇ كىر گۈزگۈچنى مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلاپ تىلفۇن دەپتىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋالدىم تىلفۇن كەلگەندە ئۇيغۇرچە خەت بەك چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن…. مۇشۇ كىرگۈزگۈچنى ياسىغان پىداكارلارغا شۇنداقلا پاسىبان ئەپەندىمگە تەشەككۈرئىيتىمەن…
مۇشۇ كىرگۈزگۈچ ئارقىلىق ئايفوننىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىكى ئەپلەرنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولامۇ… خۇددى پاسىبان ئەپەندىمنىڭ ئايفونىغا ئوخشاش…
مۇشۇنداق بىر ياماق بولىدىغان. مەن ئىزدەپ كۆرەي. مەن ئۆزگەرتىپ باقمىدىم. پەقەت بەزى ئەپلەرنى بىر قىسقۇچنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ شۇنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىۋالدىم. يەنى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ نامىنى. Cydia دا ئەپنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىدىغان ئايرىم نەرسە باردەك قىلغان ئىدى
پاسىبان ئەپەندىم سىزنىڭ ئايفونىڭىز دىكى سوگو نى قەيەردىن قاچىلايمىز…بەزىدە خەنزۇچە كىرگۈزگۈچكە ھاجىتىمىز چۇشىدىكەن…
威锋 مەنبەسىنى Cydia غا قوشقان بولسىڭىز 搜狗 دەپ ئىزدىسىڭىزلا چىقىرىپ بېرىدۇ. شۇنىڭدىن قاچىلاپ قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر كونۇپكا تاختىسى ئاپتۇماتىك قوشۇلمىسا تەڭشەك ئىچىدىن ئۆزىڭىز قوشىۋېتىڭ
ئەرەبچنى تاللاپ قوشۇپ بولغاندىن كىيىن بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ ئىچىدە يەنە بىر دانە كىچىك تاللاش تۈرى پەقەتلا چىقىمىدى. Winterboard نىڭ تەڭشىكىنى ئچىدىن Uyghur دېگەن تۈرنى تاللىدىم بولمسا. ماڭا ياردەم قىلساڭلار ، ئايفۇنۇمدا ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ باقسام بۇلاتتى.
قايتا قوزغىتىپ سىناپ باقتىڭىزمۇ؟ سىزنىڭ قايسى ئايفون ئىدى؟ نۆۋەتتە بۇ بەك مۇكەممەل بولمىغاچ بەزى خاتالىقلاردىن خالىي ئەمەس. يەنە كېلىپ Cydia دىن قاچىلىۋالغان بەزى نەرسىلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمايدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا سىزنىڭكىدە نورمال بولسا مېنىڭكىدە نورمال بولماسلىقى مۇمكىن. بارلىق مەشغۇلاتلارنى سىندىكى كۆرسەتمە بويىچە قايتا سىناپ بېقىڭ.
پاسىبان ئەپەندىم سىز ماك كومپىيۇتېردا ئۇيغۇرچە قاچىلاشتا ئېشلەتكەن itools قا ئوخشاش سىستېما قۇرالىنى بىلەنGarageBand دىتالنى TursunjanVs@gmail.com مۇنۇ ئىلىكتېرونلۇق خەت ساندۇقىغا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز ناھايىتى خۇش بولغان بولاتتىم…..
ماقۇل. ئاللاھ خالىسا كەچتە مەن ئىۋەتىپ بېرەي. لېكىن GarageBand نى ئىۋەتكىلى بولامدۇ يوق بىلمىدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندىم…
مەن ئۇزاقتىن بۇيان پاسىبان تورىنى كۆرۈپ بۈگۈن ئاخىرى كۆزۈمنى يۇمۇپلا بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىكىلەر تۈرمىدىن قاچۇرساڭ چاتاق چىقسا تۆلەپ بەرمەيمىز دىگەن گىپىگىمۇ پەرۋا قىلماي ئاخىرى تۈرمىنىڭ سىرتىغا چىقاردىم ۋە بىرىنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە تونىتاي دىسەم
(كونۇپكا بىسىلىپ كىتىپ يازماقچى بولغانلىرىم يوللىنىپ كىتىپ قالدى)
cydia دىگەن ئاداشنى قانداق ئىشقا سىلىشنى بىلەلمەي قالدىم.تېمىدا سىز دىگەن winterboard نى قاچىلاي دەپ ئىزدىسەم تاپتى،لىكىن قاچىلاش كونۇپكىسىنى باسسام
NotDB:open nodenname nor servname provide,or not known
دىگەن ماۋۇ خەتلەر قىزىل رەڭدا نەچچە قۇر چىقىۋىلىپ قاچىلاشقا تەسىر كۆرسەتتىمۇ ياكى باشقا بىر ئىش بولدىمۇ پەقەت بىلەلمىدىم.
مۇمكىن بولسا مۇشۇ توغۇرلۇق بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز…رەھمەت
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. Winterboard سەل نورمال قاچىلانمايدىغان ئىش بار زادى. مېنىڭمۇ تا ھازىرغىچە گەرچە نورمال قاچىلىنىپ بولغان بولسىمۇ Cydia دىن ھەرقانداق بىرەر نەرسىنى يېڭىلىسام ۋە ياكى يېڭىدىن قاچىلىسام يەنە Winterboard نى قايتىدىن قاچىلايمەن دەپ قاچىلايدۇ، يا قاچىلىيالمايدۇ. ئىچىمنى پۇشۇرىۋەتتى. بۇنىڭ DEB فورماتىدىكى قاچىلاش بولىقىنى تېپىپ ئۈستىدىكى ئۇسۇلغا ئوخشاش Autoinstall نىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ مەجبۇرى قاچىلىتىش، ياكى PXL ھالىتىدىكى قاچىلاش بولىقىنى تېپىپ قاچىلىۋېتىش لازىمدەك تۇرىدۇ. توردىن ئىزدەپ كۆردۈم. 178 نىڭ تور مەنبەسىنى قوشقاندا توقۇنۇش يۈز بېرىدىكەن. شۇڭا سىز ئۇ مەنبەنى ئۆچۈرىۋېتىپ، Winterboard نى 威锋网 نىڭ مەنبەسى ئارىسىدىن قاچىلاڭ. ماۋۇ ئادرىستا PXL فورماتىدىكى كونىراق نەشىردىكى Winterboard بار ئىكەن. سىناپ باقاسىز.
http://www.sz1001.net/soft/44336.htm
سالام پاسىبان ئەپەندىم….
يۇقارقى ئىككى ئىنكاسىمغا تور بىتىڭىزنى ئاقتۇرۇش ئارقىلىق جاۋاپ تاپتىم ، ھەم شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن…
يەنە بىر سورايدىغان سۇئالىم:مەن يانغۇنۇمغا كۆرسەتمىڭىز بويىچە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىسام مۇۋاپپىقيەتلىك بولدى،لىكىن ئۇزاق ئۆتمەي يەنە ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختا رايونىدا ھىچنىمە يوق.ئەرەپچە بىر قانچە خەتلا چىقىۋالغان ئىدى، يامىقىنى قايتا قاچىلىسام ئوڭشىلىپ قالدى.ئەجەپلەندۇرىدىغان ئىش شۇكى بۇ خىل خاتالىق بىر قانچە قىتىم كۆرۈلگەچكە مەن ئۇدا زىرىكمەي قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن.
يەنە بىر سۇئالىم: مۇشۇ ئۇيغۇرچە خەت شەكلىنى ئۇيغۇرچە تۈز خەت نۇسخىسىدا قىلغىلى بولارمۇ يوق(مىنىڭ يانفۇنۇمدىكى خەت نۇسخىسى ئەرەپچىگە مايىلراق تۇرىدۇ.)
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. جاۋاب تاپقان بولسىڭىز ياخشى بوپتۇ. ئۇيغۇرچە فونت ھۆججىتىنى ئەسلىدىكى ئەرەپچە فونتقا قاپلىۋەتسىڭىز بۇ ئەھۋال ئۆزگىرەيدۇ. چىرايلىق ئۇيغۇرچە فونت كۆرىنىدۇ. لېكىن ئەرەپچىمۇ مۇشۇ فونت بويىچە كۆرىنىدۇ. مەيلى دېسىڭىز فونتنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قالدۇراي.
http://dl.dbank.com/c0i19d59u0#
بۇنى /System/Library/Fonts/Cache/ نىڭ ئاستىغا iTools ۋە ياكى iFunbox قا ئوخشاش قوراللار ئارقىلىق كۆچۈرۈڭ. ئوخشاش نامدىكى ھۆججەت بار دەپ ئەسكەرتمە چىقسا سىز ئالماشتۇرىۋېتىش دېگەننى باسسىڭىز بولىدۇ. خالىسىڭىز بۇرۇنقىسىنى زاپاسلاپ قويۇڭ. كىيىن يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.
@تۇرسۇنجان
رەخمەت سىزگە پاسىبان ئەپەندىم
Uyghur.deb ھۆججىتىنى قەيەردىن چۈشۈرىمىز…؟
ئاستىدا باركەن، دىققەت قىلماپتىمەن، كەچۈرۈڭلار…
ئۇيغۇرچە قۇرئان ۋە ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ لازىم ئىدى ، ئۇيغۇرچە قۇرئان ۋە ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ كۆرۈش ئۈېۈن يەنە باشقا دېتال قاچىلامدۇق ، يۇقاردىكى كۆرسەتمە بۇيچە ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسىنى ۋە يېزىقىنى قاچىلىۋالدىم ، رەھمەت سىزگە ، ئەمدى ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ ۋە قۇرئان قاچىلاپ كۆرەي دىگەن ، ياردەم قىلساڭلار ؟؟
ئۇيغۇرچە قۇرئاننىڭ PDF نۇسقىسىدىكى ھۆججىتى بولسا باشقا نەرسە قاچىلىمايسىز، iBooks دېگەن نەرسىسى بىلەن كۆرىسىز. بۇ يوق بولسا App Store دىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. ھەقسىز
iBooks ئارقىلىق ئېلكىتاپ كۆرۈش ئۇسۇلى
/20101226398.html
iBooks بار ، ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ ، قۇرئاننى نەدىن قاچىلايمەن ، بىلەلمىىدم ، ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئۈستىدىكى ئۇلىنىشنى كۆرمىدىڭىزما؟ ئاشۇ يەردە تەپسىلىي بار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندىم؟
مەن مەزكۇر تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن كۆرسەتمىڭىز بويىچە تىلفۇنۇمغا ناھايىتى ئاسانلا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچنى قاچىلىۋالغان ئىدىم.لىكىن بىر ھەپتە ئىچىدە كەم دىگەندە كونۇپكا تاختىسىدىكى ھەرىپلەر يوقاپ كىتىدىغان ئىشقا ئون قىتىم ئۇچرىغاندىمەن.ئۆزۈم كۆپىنچە سەپەر ئۈستىدە يۈرىدىغان بولغاچ بۇ جەھەتتە بىر ئاز قېيىنچىلىققا ئۇچرىدىم.
سىزدىن سورىماقچى بولغىنىم: كونۇپكا تاختىسىدىكى ھەرىپلەرنىڭ يوقاپ كىتىشىدىكى سەۋەپ زادى نىمىدۇ.بۇنى يوقىمايدىغان قىلىشقا بولامدۇ يوق؟
جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىز keyboardfixer نى قاچىلىغانمۇ؟ بۇنى قاچىلىسىڭىز بۇ ئەھۋال تۈزىلىدۇ.
لېكىن ئەگەر سېستىمىڭىز 4.3.1 دىن تۆۋەن بولسا ھەر قېتىم Cydia دىن بىرەر نەرسە قاچىلىسىڭىز بۇنى يۇيىۋېتىدۇدە يەنە كۆرۈنمەي قالىدۇ. چۈنكى KeyboardFixer نىڭ ئەڭ تۆۋەن سېستىما تەلىپى 4.3.1 بۇنىڭدىن تۆۋەن نۇسقىسىغا قاچىلىغىلى بولمايدۇ. بىز ئۆزىمىز قولىمىز ئارقىلىق قاچىلىغانلىقىمىز ئۈچۈن Cydia دىن باشقا نەرسە قاچىلىساق ياكى يۇيىۋەتسەك مۇشۇمۇ ئۆچۈپ كېتىدۇ. شۇڭا قايتا بىر قاچىلىۋېتىش كېرەك. بۇنى قاچىلىسىڭىزلا ئوڭشىلىدۇ. قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن Cydia دىن باشقا نەرسە قاچىلىماڭ ياكى ئۆچۈرمەڭ. ياكى بۇ مەشغۇلاتنى چوقۇم قىلىش كېرەك بوپقالسا KeyBoard Fixer نى ئۈستىدىكى ئۇسۇل بىلەن قايتا بىر قاچىلىۋېتىڭ.
ئايۇپ نۇسقىسىدىكى huawei c8600 بار ئىدى شۇنىڭغىمۇ ماس كېلەمدۇ
ياق. بۇ پەقەت iOS كىلا ماس كېلىدۇ.
بەك ياخشى بوپتۇ.مىنىڭمۇ يېڭى 4- ئەۋلاد ئايفۇن ئالغىم بار ئىدى. ئەمدى ئالسام ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى بىمالال زىيارەت قىلالىغىدەكمەن.
17-قەۋەتتكى سۇئالغا جاۋاب : ئايفونىڭىزنى تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز ، شۇنداقلا مەزكۇر يازمىدا ئېيتىلغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلىغان بولسىڭىز (ئەلۋەتتە ، ئايكونلارنىڭ نامىنى ئۇيغۇرچە قىلىشنى ئويلىغان بولسىڭىز )ئىكراندىكى ئايكونلارنىڭ نامىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز ، مەسىلەن ئۇنىڭ نامى خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىزچە بولغان بولسا ئۇنى بىۋاستە ئۇيغۇرچە نامغا ئۆزگەرتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئۇنى Cydia دىن ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ ، ئەپ نامى Rename ياكى Icon renamer ، مۇشۇنداق ئەپتىن 4-5 بار ، قايسىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىۋېرىدۇ ، بۇ ئىككىسىدىن قايسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ، مەنRenameنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتقان . Renameچۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ، ئىكران يۈزىدىكى ئايكوننىڭ بەلگىسىنى بېسىپ تۇرسىڭىز ئايكونلارغا تېتىرەش ھالىتىگە كىرىدۇ (يەنە بىر قىسىم ئايكونلارنىڭ ئو ئۈستى تەرىپىگە قارا رەڭلىك ئىسكوپكا ئىچىگە ئېلىنغان خاتا بەلگىسى چىققان ھالەتتە ) ، بۇ ۋاقىتتا سىز ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئايكوننىڭ بەلەىسىنى يەڭگىل قوش چەكسىڭىز بىر دىئالوگ كۆزنىكى چىقىدۇ ، شۇ يەرگە ئۇيغۇرچە يېزىپ بولۇپ ، Apply نى بېسىپ بولۇپ ، ئايفوننىڭ ئىقتىدار كونۇپكىسى يەنە ئوتتۇردىكى يۇمىلاق ئىقتىدار كونۇپكىسىنى بېسىپ چىكىنسىڭىزلا بولىدۇ ، ئۈستەل يۈزىدىكى ئايكونلارنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش مۇشۇنداق ئاددى .
ئايفوننى كومپيۇتېرغا ھەر قانچە قىلىپمۇ تونۇتالمىدىم. ياردەم قىلغان بولساڭلار؟
ئايفوننى كومپىيۇتېرغا ئۇلىساق 我的电脑 نىڭ ئىچىدە رەسىم ئاپاراتى شەكلىدە كۆرىنىدۇ. ئۇ يەردىن كۆرمەيمىز، iTunes نى شۇنىڭ بىلەن كۆرىمىز. ماۋۇ يازمىدا مۇشۇ iTunes دېگەن نەرسىنى تىتىپ-تىتىپ چۈشەندۈرگەن. تولۇق ھەم تەپسىلىي كۆرسىڭىز جىقلا چۈشۈنۈپ كېتىسىز. http://goo.gl/4cj4G
2-ئەۋلاد4.1نەشىردىكى تىلفۇنغا تەمىنلەنگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئورنۇتۇپ ئۇزۇندىن بىرى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئىدىم. بۈگۈن تۇيۇقسىز تىلفۇندىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ئۆزگۈرۈپ كەتتى، كونوپكا تاختىسىنىمۇ ئىنگىلىزچىدىن باشقىغا ئالماشتۇرغىلى بولمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى تىلفۇن كەلگەندە ياكى كومپىيوتىرغا چاتقاندا نورمال كۈرىنىدۇ. تىلفۇن تىزىملىكىدە ناھايىتى قالايمىقان كۈرىنىۋاتىدۇ. بيۇ قانداق ئەھۋال ؟ خەت نۇسخىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بۇلامدۇ؟
safe mode ھالەتتىمىكەن قاراپ بېقىڭ. شۇنداق بوپقالسا قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ. ئاخىرى قېتىم قاچىلىغان بىرەر ئەپنىڭ چاتىغى ئەمەستۇ ھە؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان بۇرادەر ،رۇزى ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،ئائللىڭىز شاتلىققا تولسۇن. iphone ۋەipad لارنى تۇرمىدىن قاچۇرمىغان ئەھۋالدا، o player قاچىلساق ،ئۇنىڭ ئىچىگە ،كىنو-ناخشىلارنى قانداق قاچىلاپ كۇرۇمىز؟ مۇشۇ ھەقتە چۇشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن…
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. رەھمەت.
ئۇنى iTunes ئارقىلىق قاچىلايمىز. مۇشۇ يازمىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقسىڭىز ئارىلىقتا مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى قانداق قاچىلاشنى ئېيتىپ ئۆتىدىغان بىر يەر بار.
/itunes-tutorial.html
ئەسسالام ! مەن سىزنىڭ مۇشۇ تىمىڭىزنى كۆرۈپ سىناپ بېقىش مەقسىتىدە تېلفۇنىنىڭ ئىچىدىكى تەڭشەشنى يوقىتىۋەتتىم . ماڭا ياردەم قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىرىشنى خالامسىز …..چ چ نۇمۇرىم 83177488 رەھمەت سىزگە ! سىزنى ئاۋارە قىلدىم !
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىزدەيدىغان جايدىن ئىزدەپ تاپالامدۇ؟ قايتا قوزغىتىپ سىناپ بېقىڭ ئوڭشىلامدۇ يوق. ئۇنىڭدىمۇ ئوڭشالمىسا سېستىمىنى قايتا يېزىش لازىم بولسا كېرەك. يېقىننىڭزى بۇنداق مەسىلە بەك تولا بولىۋاتىدۇ. ھەممىسى بىلىدىغان بىلمەيدىغان قالايمىقان نەرسىلەرنى قاچىلاشتىن، سېستىمىغا ماس كېلەمدۇ يوق كارى بولماي قارىغۇلاچە مەشغۇلات قىلىشتىن كېلىپ چىققان ئىشلار. سىزنىڭ سېستىمىڭىز يېڭى سىسىتىما بولسا كېرەك. بۇ نەرسە ماس كەلمىگەن چېغىۋا. مەنمۇ يېڭى سېستىمىنى قاچىلاپ بۇ يازمىدىكى كىرگۈگۈچنى قاچىلىمىدىم. ئەگەر قولايسىزكەن دېمىسىڭىز بۇنىڭ ئورنىغا مەخسۇس ئايفون ۋە ئايپەدكە ياسالغان «پاسىبان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى» نى ئىشلىتىڭ. بۇنىڭغا تۈرمىدىن قاچۇرۇش كەتمەيدۇ. پاك-پاكىز زىيانسىز كىرگۈزگۈچ. تور تەلەپ قىلىدىغانلا يېرى بار خالاس.
ئەسسالام ! سىزنى ئاۋارە قىلدىم ئالدىنقى ئىنكاستا مەخسىتىمنى سىزگە ياخشى چۈشەندۈرمەپتىمەن … سىز بىز ئۈچۈن ھاېدىم-تەالدىم دىمەي داتلانماي پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن ئاز بولمىغان نەرسىلەرنى بىزگە ئۆگۈتۈپ ۋە بىرىپ كەلدىڭىز بۇنىڭدىن بەكمۇ مىننەتدارمەن . ئالدىنقى ئىكاستا سىزدىن نارازى بولغاندەك تەسىر بىرىپ قويۇپتىمەن … ئامال تاپالماي سېستمىنى يېڭىدىن يېزىۋېدىم مانا ھازىر نورمال رەھمەت سىزگە ! مومكىن بولسا چ چ نۇمۇرۇمنى قوشىۋېلىڭ ئۇنداق ئاۋارە قىلمايمەن مىنىڭ توردا بۇلۇش ۋاقتىم مەلۇم سەۋەتىن بەكلا ئاز شۇڭا ئاۋارە قىلاي دەپمۇ قىلالمايمەن ھا ھاھا ھا !!!!!!!!!!! ئامان بۇلۇپ ھارمىغايسىز !
مەندىكىسى iphone4 5.0.1 نىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان نەشىرى ئىدى. مەن ئويغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچلاي دېسەم
‹•چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنگەن Uyghur.deb ھۆججىتىنى iTools دېگەندەك قوراللار ئارقىلىق /var/root/Media/Cydia/AutoInstall نىڭ ئاستىغا كۆچۈرۈڭ›
مۇشۇ مۇندەرىجىدىكى cydia/AutoInstall بۇ ھۈججەت قىسقۇچلار يوق تۇردۇ. ئۆزەم i tools ئارقىلىق ھۈججەت قىسقۇچ قۇرۇپ ئاۋۇ ئىككى مۇندەرىجىنى قۇرۇپ ئىچگە ئويغۇرچە كىرگۈزگۈچ سېستېمسنى قاچلاپ قايتا قوزغاتساممۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق. قاچلىغان كىرگۈزگۈچ سېستېمسى جايدا تۇرۇپتۇ.
قارىغاندا قولدا ھۈججگت قىسقۇچ قۇرسا نورمال چىقمايدىغان ئوخشايدۇ. بۇنىڭغا باشقا ئامال بارمۇ ؟ مەن قايتا-قايتا تۈرمىدىن قاچۇرۇش مەشغۇلاتنى سىناپ كۆردۈم . يەنىلا ئۇ مۇندەرىجىلەر يوق.
ياردەم قىلساڭلار……………..
سىزنىڭ سورىغىنىڭىز مۇشۇ سۇئال بىلەن ئوخشاش ئىكەن. سىزگىمۇ جاۋاب ئوخشاش.
/guestbook/comment-page-5#comment-3639
باشقا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىللەرى بامۇ؟
تېلىفۇنۇم 4.3.1 ۋاقتىدا يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىغان ئىدىم. ناھايىتى نۇرمال ئىشلىگەن. ھازىر 5.0.1 غا كۆتۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن يەنە شۇ ئۇسۇل بويىچە قاچىلىغاندىن كىيىن بوشلۇق كونۇپكىسى ۋە يەنە بىر كونۇپكىدىن باشقاكونۇپكا تاختىسىدا ئىنگىلىسچە ھەرىپ چىقىۋالدى. بۇنى قانداق قىلىپ ئوڭشىغىلى بولىدۇ. ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم!!!
ئوڭشىغىلى بولمايدۇ. بۇ كىرگۈزگۈچ يېڭى سېستىمىغا ماسلاشمايدۇ. يېڭىدىن كىرگۈزگۈچ ياسىلىۋېتىپتۇدەك. پات ئارىدا ئېلان قىلىنسا شۇنى قاچىلاسىز.
تىزرەك ئېلان قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممەيلەننىڭ تىرىشچانلىقىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
iso 5.0.1 سېستىمىدا cydia/AutoInstall ناملىق ھۆججەت قىسقۇچنى itools تا كۆرگىلى بولمايدۇ.
ifunbox نى ئىشلىتىپ ئاچسىڭىز نورمال كۈرۈنىدۇ.
بۇ سېستىمىدا بۇرۇنقى كىرگۈزگۈچ ئىشلىمەيمىشقۇ؟
يىڭىسى پات يېقىندا كىلەمىش ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ…
5.0.1 نەشىرىدا يۇقارقى ئۇسۇل بۇيىچە قىلسام كۇنۇپكا تاختىسى كۈرۈنمىدى ئاپپاق چىقىۋالدى . ئاپپاق چىقىۋالغان يەرنى باسسام ئۆزلىكىدىن چىكىنىپ كىتىۋاتىدۇ . winterboard تىن ئۇيغۇر دىگەن تاللاشنى ئېلىۋەتسەم ئوڭشالدى لىكىن كۇنۇپكا تاختىسىدا ئەرەپچە چىقىۋېلىپ ئۇيغۇرچە يازغىلى بولمىدى .
5.0.1 نەشىرىدا يۇقارقى ئۇسۇل بۇيىچە قىلسام كۇنۇپكا تاختىسى كۈرۈنمىدى ئاپپاق چىقىۋالدى . ئاپپاق چىقىۋالغان يەرنى باسسام ئۆزلىكىدىن چىكىنىپ كىتىۋاتىدۇ . winterboard تىن ئۇيغۇر دىگەن تاللاشنى ئېلىۋەتسەم ئوڭشالدى لىكىن كۇنۇپكا تاختىسىدا ئەرەپچە چىقىۋېلىپ ئۇيغۇرچە يازغىلى بولمىدى .
ئۇيغۇرچە كىرگۈز گۈچ ماس كەلمەمدۇ نىمە………………………………..؟؟؟
ئايپەددە قاچلىنىدىكەن لىكىن قەتئى يازغىلى بولمايكەن ،، ھەم كۇنۇپكا تاختىسىمۇ ئۆلچەملىك ئەمەس ، خاپا بولماي ئايپەدكىمۇ كۆڭۇل بۆلۇپ قويساڭلا ~ ئاللاھ ئەجىرىڭلارنى بەرسۇن ~!
4.3.3كە ماس كەلمەمدۇ نىمە؟ قايسڭىلار سىناپ باقتىڭلار؟
ياق خاتا يېزىپ قاپتىمەن ، 3.1.3كە دىمەكچى ئىدىم.
مەن شۇ سېستىمىدا بۇنى قاچىلىغان. نورمال ئىشلىگەن ئىدى. سىزمۇ خالىسىڭىز سىناپ كۆرۈڭ. لېكىن سېستىمىنى بۇزمايدۇ دېيەلمەيمەن.