سىز تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېگەن بۇ ئۇقۇمغا يېڭى ئەمەسقۇ دەيمەن؟ ئەگەر سىز ئالما مەھسۇلاتلىرىغا يېڭى بولسىڭىز بۇ ئاتالغۇ سىزنىڭ ئىزدىنىپ كۆرىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ. چۈنكى بۇ سىزگە يېڭىچە بىر ئالما مەھسۇلاتى تەمىن ئېتىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز ئايفوننىڭ بۇ تەرەپلىرى بىلەن تازا ھەپىلىشىپ كېتىشنى خالىمىسىڭىز ۋەياكى بىلمىسىڭىز، سېستىمىدىن چاتاق چىقىش دېگەندەك بىرقىسىم ئەھۋاللارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيىنىدىن ئەنسىرىسىڭىز سىزگە تۈرمىدىن قاچۇرۇش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئەگەر تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولغان بولسىڭىز قېنى مەرھەمەت! ئايفونىڭىز پەقەت بۇنچىلىكلا ئەمەس! ئۇ ھەقىقەتەن ئىسىل!

كونا ئالمىداشلارنىڭ ھەممىسى بىلىشى مۇمكىن. تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئامېرىكا نۇسقىسىغا ئوخشاش قۇلۇپى بار نەشىردىكى ئايفون ئۈچۈن شەرت بولغىنى بىلەن، قۇلۇپسىز نەشىردىكى iPhone، شۇنداقلا iPod Touch ۋە iPad ئۈچۈن تاللاپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر مەشغۇلاتتىن ئىبارەت. تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ بىردىنبىر مۇددىئاسى، App Store دا بولمىغان نەرسىلەرنى قاچىلاش ۋە يېشىۋېتىلگەن ئويۇنلارنى قاچىلاش قاتارلىق ئالمىنىڭ ئىشلىتىش قائىدىسىگە زىت بولغان بەزى مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بېرىش، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا تېخىمۇ ئەركىن ئىشلىتىش ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭ نامى – تۈرمىدىن قاچۇرۇش.

تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولغاندىن كىيىن قايسى سۇپا ئارقىلىق بۇ مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارىمىز؟ بۇ ئويۇن ۋە ئەپلەرنى قەيەردىن چۈشۈرىمىز؟ كونكىرتنىيراق قىلىپ ئېيتقاندا ئەركىنلىك قايسى جايدىن باشلىنىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئەلۋەتتە Cydia .Cydia نىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئىقتىدار تولۇقلايدىغان ياماقلار بار. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەقلىق بولسا بەزىلىرى ھەقسىز. ئەلۋەتتە، يەنە بەزىلىرى يېشىۋېتىلگەن.

بۈگۈنكى يازمىدا تۈرمىدىن قاچۇرغانلار ئۈچۈن ئايفون ئىشىلىتشنى قولايلاشتۇرىدىغان ياماقتىن بىرنى تونۇشتۇرماقچىمەن. ئايفوننىڭ كۆرۈنمە يۈزىدە پەس تەرەپتە دائىم مۇقىم تۇرىدىغان بىر جاي بار. ئادەتتە ئۇ جايغا پەقەت 4 تاللا ئەپ قويغىلى بولىدۇ. بۇ جاينى بىز Dock دەپ ئاتايمىز. بۇ خۇددى Mac سېستىمىسىدىكى Dock قا ئوخشايدۇ. ئۈستىدىكى قىستۇرما رەسىمگە قاراپ بايقىغانسىز؟ مېنىڭكىدە 5 دانە ئەپ قويۇلغان. ئەمەلىيەتتە 10 ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قويغىلى بولىدۇ. بۇنى پەقەت تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىزلا ئاندىن قىلالايسىز. قېنى، تۆۋەندە ماڭا ئەگىشىپ بۇ مەشغۇلاتلارنى بىرمۇبىر قىلىپ چىقايلى!

بىز ئالدىنقى تېمىدا Cydia ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەندە يازمىنىڭ ئاخىرىدا بىزگە كۆپ ئىشلەيدىغان مەنبەلەرنى قانداق قوشىدىغانلىق توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن. شۇڭا بۇ يەردە قايتا تەپسىلىي توختىلىپ يۈرمەيمەن.

  1. ئاۋال Cydia نى ئېچىپ، ئالدىنقى تېما بويىچە 威锋网 نىڭ مەنبەسىنى قوشۇڭ. ئادرىسى : http://apt.weiphone.com ئىلگىرى قوشۇپ بولغان بولسىڭىز ئاستىدىكى قەدەمگە بىۋاستە ئۆتۈڭ.
  2. ئاستى تەرەپ ئوڭدىكى ئىزدەيدىغان جايغا infinidock دەپ ئىزدەڭ.
  3. 威锋网 نىڭ مەنبەسى ئىچىدىن Infinidock دەپ بىر ياماقنى تاپىدۇ. شۇنى بېسىڭ
  4. ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە Install دەپ چىقىدۇ. ئەگەر سىزدىكى Cydia خەنزۇچە بولسا 安装 دەپ كۆرىنىدۇ.
  5. ئۇنى باسقاندىن كىيىن چوڭ كىچىكلىكى كۆرىنىدۇ. ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە يەنە Confirm (خەنچە 确认) دەپ چىقىدۇ. شۇنى بېسىڭ
  6. مۇقۇملاپ بولغاندىن كىيىن توردىن چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ ۋە قاچىلايدۇ.
  7. قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن Restart SpringBoard دەپ چىقىدۇ. خەنچە 重启SpringBoard
  8. قاچىلاش تامام

بۇ باسقۇچلارنى تاماملاپ بولغاندىن كىيىن تەڭشەش تىزىملىكى 设置 نىڭ ئىچىدە Infinidock دېگەن نامدىكى يېتىپ قالغان 8 (چەكسىزلىك) نىڭ بەلگىسى بار تەڭشەك تىزىملىكىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ مۇناسىۋەتلىك تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئېنگلىزچە تەڭشەكلىرىگە كۆنەلمىسىڭىز Cydia دىن قايتا infinidock 中文包 دەپ ئىزدەپ قاچىلىۋېتىڭ. باسقۇچلىرى ئۈستىدىكىگە ئوخشاش. قايتا قوزغىتىپ قارىسىڭىز infinidock نىڭ تەڭشەيدىغان جايلىرىنىڭ خەنزۇچىغا ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرىسىز.

تەڭشەك تىزىملىكىنىڭ ئۈستىدىكى سان بار جايدىكىسى ئاستى تەرەپتە قانچە دانە ئايكون قويىدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدىغانلىقىنىڭ تەڭشەيدىغان ئورنى. بۇنى 5 قىلىپ تەڭشىسىڭىز مۇۋاپىق. ئاستى تەرەپتىكى 3 تاللش تۈرىنىڭ ھەممىنى ئېچىپ قويسىڭىز مۇۋاپىق. بۇ بەتكە بۆلۈش دېگەندەك تاللاش تۈرلىرى. ئۈستىدىن 2-تاللاش تۈرىدىكى ئەڭ دەسلەپ كۆرىنىدىغان بەت سانى. ئەگەر 2 نى تاللىسىڭىز بىرەر ئەپتىن قايتىش كونۇپكىسىنى بېسىپ قايتقىنىڭىزدا Dock نىڭ 2-بېتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجى بويىچە تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى تۈرمىدىن قاچۇرۇش – تېخىمۇ ئەركىن ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ!

ئەسكەرتىش: گەرچە تۈرمىدىن قاچۇرغاندا يۇقارقىغا ئوخشاش بەزى ئىقتىدارلارنى ئارتۇقراق ئىشلەتكىلى بولغىنى بىلەن سىزنىڭ سېستىمىڭىزغا بەلگىلىك تەسىرى بولىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جەھەتتىن خاتىرجەم بولالمىسىڭىز سىز ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرماي ئەسلى زاۋۇتنىڭ سېستىمىسى بويىچە ئىشلىتىش ئەڭ بىخەتەر. تۈرمىدىن قاچۇرۇش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ!

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



14 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئالامەت…. :vict: ئەمدى ھېلىقى بەت ئۆرۈش ئۈنۈمىنى :evil: ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇق….بولسا بۈگۈن يوللىغان بولساق!!! ئاددىلا قىلىپ مۇشۇنىڭ كەينىگىلا يېزىپ قويساق بولاتتى :-o ok?

  2. پاسىبان ئەپەندىنىڭ مۇشۇ يېرىنى دېمىسەك …… :lol:
    ھازىرلا سىناپ باقاي قېنى ، ئاغىنىلىرىمنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتمىسەم :-D
    راست … پاسىبانىم ، ھېلىقى بەت ئۆرۈلگەندىكى ئۈنۈمگە بىرەر دىتال قاچىلامدۇق ياكى مۇشۇنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەشغۇلات قىلامدۇق ، ئىنىقراق چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز ….. :-D :-D

  3. ئسسالام پاسىبان ئەپەندى!!! چ چ نىڭ pushيەنى推送 ئىقتىدارىنى قەتتى ئىشلىتەلمىدىم :oh,no: ! يا 4.1دە ئىشلىمەيدىغانمىدۇ؟؟! مۇشۇ توغرىسىدا مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز!!!!!

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
      设置 نىڭ ئىچىدىكى 通知 دېگەن تاللاش تۈرىگە قاراڭ. ئوچۇقمىكەن؟ ئوچۇق بولسا ئاستى تەرەپتىن QQ نى تېپىڭ. ئىچىنى ئېچىپ 3 تاللاش تۈرىنىڭ ھەممىنى ئېچىڭ. بۇنداق قىلسىڭىز ساقايدىمۇ؟ ساقايمىسا ئايفوندا QQ نى ئېچىڭ. 设置 دىن 通知推送 دېگەن تۈرىدىكى PUSH 在线 نى ئېچىپ قويۇڭ. ئاندىن ئاستىدىكى 离线后保持推送 دىن 2 كۈن ۋە ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزاقراق تۈرنى تاللاڭ. ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئەسكەرتىش ۋاقتىنى ۋاقىتنى ئەتىگەن سائەت 09:00 دىن كەچ سائەت 22:00 گىچە قىلىپ تەڭشەڭ. ئاندىن تور بار مۇھىتتا ( QQ نى ئېچىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن ئايفون تورغا ئۇلانغان ھالەتتە بولىشى كېرەك) دوستىڭىز سىزگە خەت قالدۇرسا ئايفون PUSH ئارقىلىق QQ ئوچۇق بولسۇن بولمىسۇن بىۋاستە ئۇچۇر بىلەن ئەسكەرتىدۇ. ئەگەر 1 تالدا ئەسكەرتمىسە يەنە بىرقانچىنى يېزىپ باقسۇن. مېنىڭ مۇشۇ ھالەتتە تەڭشەلگەن، قايسى سېستىما بولسۇن نورمال ئەسكەرتىۋاتىدۇ.

  4. سىز دىگەندوك نەچچە رەت قىپ باقتىم. لىكىن بولمىدى. سىز دىگەن تېلىفۇن تورغا ۇلانغان بۇلۇش كىرەك دىگەن قانداق گەپ؟ چ چ نى پەسكە چۈشۈرپ قايتا ئاچسام توردىن ۇزۇلۇپ قايتا ۇلىنىدۇ。شۇنىڭغا قارىغاندا تېلىفۇنۇم سىز دىگەندەك تورغا ۇلانغان ھالەت دىگەن شەرتنى ھازىرلىيالمىدىمۇ يا؟ 

  5. ئايپونغا قانچىلىك زىيىنى بار شۇنى بىر دىۋەتسەڭلار …چوڭ زىيىنى بولمىسا قىلىۋىرەمەن … ئۆزۇممۇ مۇشۇندا نەرسىلەردىن پايدىلىنىشقا بەك ئامراقتىم … مەسىلەنگە ماندا بولىدۇ دىگەندەك …

    • ئەڭ ياخشىسى تۈرمىدىن قاچۇرمايمىز. بۇ تولا ئۈجۈ-بۈجۈرىگە ھەپىلىشىپ يۈرمەيدىغانلار ئۈچۈن ھەممىدىن ياخشى تاللاش. لېكىن ئايفوننى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىتەي، ئاچچىقىنى چىقىراي دەپ قاچۇرغانكەنمىز زىيىنىنى ھىساپلىشىپ ئولتۇرمايمىز. تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېگەن بۇنىڭ بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرمايدىغانلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى. نوقۇل زىيىنى يوق. بەزى ئەھۋاللاردا بەزى ياماقلارنى قاچىلىساق سېستىما سەل بىنورماللىشىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنى ئۇنى يۇيىۋېتىش ئارقىلىقلا ھەل قىلالايمىز.

  6. مۇشۇ گەپ قىلاليدىغان توم مۈشۈك بەك ئۇماق ھە؟ ئېرلاندىيەدىمۇ ئوقۇمدۇ دەيدىغان بىر ھۇۋلايدىغان ۋىدىيونى كۆدۈڭلارمۇ، مۇشۇ توم مۈشۈككە ئوقۇتۇپتىكەن ئېرلاندىيەدىن قاقشاپ :o))): بەك كۈلكىلىك ،دىمەكچى سەللىمازا كۈلكىلىك :lol: :lol: :lol:

  7. مانا بۇ يەردە. بۇنى ئاران گۈللۈگتىن تاپتىم بىر تېمامغا قوشۇپ قويۇپتىكەنمەن لېكىن ھازىر چىقمايۋاتىدۇ، سىزنىڭكىدە چىقىشى مۈمكىن، تومنىڭ ئاۋازىغۇ بەكمۇ كۈلكىلىك بولماسلىقى مۈمكىن لېكىن مۇشۇ 伤不起 يۈرۈشلۈك يازمىلار كۈلكىلىك :kungfu:

  8. پاسىبان تور بېتىنىڭ ئاۋۇ سول تەرەپ ئۈستىدىكى سائەت نىڭ ئۆزگىرىشى ھەجەپ قىزىقارلىقكەن دىسە… بىردەم قاراپ تۇرۇپلا قاپتىمەن جۇمۇ… بەك پەچەتكەن زادى…!
    ھې ھې ھې ھې :good: :o))):

  9. مەنمۇ مۇشۇنىڭغا قىزىقىپ يۈرگەن. قارىسام سىز بۇ تېمىنى خېلى بۇرۇنلا يوللاپتىكەنسىز… رەھمەت سىزگە! كۈندە نەچچە رەت كىرىپ تۇرىدىغان بلۇگ بولۇپ قالدى پاسىبان!

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5 نىڭ كونا نەشىر ئابونتلىرى 5.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 5.0.1 5.1
iPhone 4 5.0.1 5.1
(iPhone 4 (CDMA 5.0.1 5.1
iPhone 4S 5.0.1 5.1
iTouch 3 5.0.1 5.1
iTouch 4 5.0.1 5.1
iPad 1 5.0.1 5.1
iPad 2 Wifi 5.0.1 5.1
iPad 2 3G 5.0.1 5.1
iPad 2 CDMA 5.0.1 5.1
iPad 3 WiFi - 5.1
iPad 3 4G - 5.1
iPad 3 4G CDMA - 5.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.6 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac].

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0228 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش