iPhone 4S نىڭ پاتېنتى بولغان Siri ئىلگىرى خاككىرلار تەرىپىدىن «مۇكەممەل بولمىغان» ھالەتتە iPhone 4 كە كۆچۈپ كەلگەن ئىدى (بۇ يازمىغا قاراڭ). يېقىندىن بۇيان ھەممە كىشى iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى 4 كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقاندا، سارىخان بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەن خاككىرلار ئۇتۇقلۇق ھالدا iPhone 4 تە قانۇنلۇق سىناپ قىپتۇمىش.
ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلات ئېلانلىرىنىڭ ھەممىسىدە خاسلىق بار. بۇلار 90-يىلىدىن كىيىن جوبس ئالما شىركىتىگە قايتىپ كېلىپلا تەرغىپ قىلىشقا باشلىغان ئاددىيلىقنى ھەممە نەرسىسىگە سىڭدۈرىۋەتكەن. مەھسۇلات چۈشەندۈرىدىغان ئېلانلىرىغا قارىساقمۇ ئارقا مەنزىرىسىدە ئارتۇقچە مەزمۇننى كۆرمەيمىز. بۇ خىل خاسلىق كىشىگە پاكىزە، ئازادىلىكنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈنكى بىر خەۋىرىدە ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يىللىق مول ھوسۇللىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپ تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار مەسىلىلەرنى رەتلەپ چىققان. ئالما شىركىتى كەتكۈزۈپ قويغان بۇ كەمچىللىكلەر تۈپەيلى بەلكى ناھايىتى نۇرغۇن مالىيە كىرىمىدىن قۇرۇق قالغان بولىشىمۇ مۇمكىنكەن.
شۇنداق. مۇشۇ سىرىنىڭمۇ ساختىسىنى ياساپتۇ. سىرىنىڭ خەنچە تىل ئاڭلايدىغان نۇسقىسى يوق ئىكەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن جۇڭگولۇق پروگراممېر iPhone 4 نىڭ ئۆزىدىكى ئاۋازلىق كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق بۇنى سىرىغا ئۆزگەرتىۋاپتىمىش.
ئىككى كۈندىن بۇيان iOS 5 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى چىقمىسىمۇ تونۇشتۇرۇپ يۈرگىنىم ئەسلى مۇشۇ سەۋەبتىن ئىدى. مەقسەتكە كەلسەك، سىرى iPhone 4S نىڭ پاتېنتى ئەمەس. تۈرمىدىن قاچۇرساقلا، iPhone 4 كىمۇ ئەكىرىش مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ھازىرچە نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغانلار ئۈچۈنمۇ بولىۋېرىدۇ.
iPhone 4S ئېلان قىلىنغاندا Siri دەپ ئاتىلىدىغان مۇشۇنداق بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئۆتكەن. ئېلان قىلىش سىنىنى كۆرگەنلەر بولسا بۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلىدىغۇ دەيمەن. بۇ بىز فىلىملاردا كۆرىدىغان ئاۋاز ئارقىلىق باشقۇرىدىغان ماشىنا ئادەمگىلا ئوخشايدىغان بىر نەرسە.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار