بۇ نېمە گەپكىن دەپ قالدىڭلارغۇ دەيمەن. ئۆتكەن يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 10 مىلياردىنجى ئەپ App Store دىن چۈشۈرۈلگەن ئىكەن. قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدە بۇ سان تېز سۈرئەتتە ئارتىپ، ھازىر 25 مىليارد قېتىمغا يېتىشقا ئاز قاپتۇ.
ئالما شىركىتى بۇ ئىشقا مەخسۇس پائالىيەت تەشكىللەپتۇ. چۈشۈرۈلۈش سانىغۇچىنىمۇ تور بېتىدە جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاپتۇ. چۈنكى بۇ سان، ئەلۋەتتە كىچىك سان ئەمەس. بۇ بەلكى ئالمىنىڭ نەچچە يىللاردىن بۇيانقى چوڭ غەلبە مىۋىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئالما شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە 25 مىلياردىنجى قېتىم ئەپ چۈشۈرگەن ئاشۇ تەلەيلىك ئابونتقا، ئالما شىركىتى 10 مىڭ دوللارلىق App Store قىممەت تولۇقلاش كارتىسى سوۋغا قىلىدىكەن.
پائالىيەتنىڭ تەپسىلىي قائىدىلىرى ۋە سانىغۇچ ئەھۋالىنى ئورگان تور بېتىدىن كۆرۈڭ.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار