ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھ - چىقىرىش مىقدارى

كۇلۇب يېڭىدىن قۇرۇلۇپ بىر مەزگىلدىن كىيىنلا ماشىنا ساھەسىدە بىزگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر ئاتالغۇ – ئات كۈچى توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. (بۇ جاينى بېسىپ شۇ يازمىغا بېرىڭ) بۈگۈن بىز داۋاملىق ئاڭلايدىغان «1.8 لىك ماشىنىكەن ماۋۇ» دېگەندەك جۈملىلەردىكى ئاشۇ ساننىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا، يەنى چىقىرىش مىقدارى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى.

داۋامىنى ئوقۇش »

ماتورنىڭ ئات كۈچى بىلەن ھېساپلېشىپ بۇنىڭغا ئالاھىدە ئېتىۋار بەرگەندىن بۇيان بېكنىڭ ماشىنىلىرىغا ئانچە قاراپ كەتمەيدىغان بوپقالغان ئىدىم. چۈنكى ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ماتورنىڭ قۇۋۋىتى (ئات كۈچى) نى سېلىشتۇرغاندا بۇنىڭ ماتورلىرى خېلىلا ئارقىدا ئېدى. لېكىن ئات كۈچى تۆۋەن بولغىنى بىلەن ماينىمۇ ئاز يېمەيتتى. شۇڭا بۇنىڭ ماشىنلىرى مېنىڭ تاللاش تەرتىۋىمدە ئارقا رەتكە تىزىلاتتى. لېكىن ئېكسېل XT پەيدا بولغاندىن كىيىن مەندىكى بۇ قاراش مۇتلەق ئۆزگەردى.

داۋامىنى ئوقۇش »

بۈگۈن مۇشۇنىڭغا ئائىت ماتىرىياللارنى ئاختۇرۇش ئۈچۈن تورنى ئارىلاۋېتىپ بۇ رەسىملەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم. قارىسام خېلى سۈزۈك ئىكەن. چاپقۇرلارغا، بولۇپمۇ ماۋۇنىڭدەك تەلۋە چاپقۇرلارغا ئامراق دوسلار خېلى كۆپقۇ دەيمەن. كىچىككىنە ماشىنا ئىچىگە پەقەت ئىككىلا ئادەم سىغسا، ئۇنى تارتىدىغىنى 700 ئاتنىڭ كۈچى بار ماتور بولسا، ماي تەپكىسىنى كۈچەپ بىر دەسسىسەك نېمە بولا ھە؟ :beauty:

داۋامىنى ئوقۇش »

پاجانىنىڭ يېڭى ماشىنىسى C9 ھەققىدە نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر تېما يوللىغان ئېدىم. بۈگۈن توردا بۇ ماشىنىنى يولدا سىناق قىلغان چاغدا ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىۋالغان كۆرۈنىشى ئېلان قىلىنىپتۇ.

ئەسلىدە تەيۋەندىكى بىر تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى يۇتيۇبتىكى بۇ فىلىمنى خەۋەر قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئەسلى فىلىمنى ئىتالىيەلىك تورداش NM2255 يۇتيۇبقا يوللىغان ئىكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

پاجانى ماركىسىدىكى ماشىنىلارنى ئارىمىزدىن ئەمەلىيەتتە كۆرۈپ باققانلار ناھايىتىمۇ ئاز، ھەتتا يوق بولىشى مۇمكىن. پاجانىنىڭ كۆپ ماشىنىسى يوق. لېكىن دەرىجىدىن تاشقىرى چاپقۇرى بار. پات ئارىدا بازارغا سالماقچى بولغان تەلۋە ماشىنا C9 مۇ ئاشۇنداق «ئاز» ماشىنىلاردىندۇر.

داۋامىنى ئوقۇش »

مەيلى ماشىنىسازلىق ساھەسىدە بولسۇن، مەيلى ئېلىكتىر ساھەلىرىدە بولسۇن، قۇۋۋەت ئېيتىلىدىغان جايلاردا «ئات كۈچى» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى پات-پات ئاڭلاپ قالىمىز. ئات كۈچى ھەرقايسى ئەللەردە كەڭ ئوموملاشقان، يېشى ئەڭ چوڭ بولغان، ھەمدە تا ھازىرغىچە كەڭ قوللىنىلىۋاتقان ئەڭ  قېرى  بىرلىكلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى يىپيېڭى پولو كەڭ جامائەت ئەھلى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. شاڭخەي ۋولكىسۋاگېن شىركىتى ئېلان قىلغان بۇ پولو 5-ئەۋلاد بولۇپ، كونكىرتنى باھا ۋە پاسونلىرىنى شاڭخەيدە ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى پولوغا 1.4 لىك ۋە 1.6 لىك ئىككى خىل ماتور، 5 خوتلۇق قولخوت ۋە 6 خوتلۇق ئاپتۇماتىك خوت سەپلەنگەن 7 خىل پاسونى بار ئىكەن. زاۋۇتنىڭ كۆرسەتمە باھاسى 85 مىڭ 9 يۈز يۈەندىن 123 مىڭ 9 يۈز يۈەنگىچە. داۋامىنى ئوقۇش »

2010-يىللىق گۇاڭجۇئاپتوموبىل  يەرمەنكىسى باشلانغىلى بىر قانچە كۈن بولدى. مەن مۇشۇ يەرمەنكىنى ئىز قوغلاپ ئىسىل ياكى يېڭى ماشىنىلار بولسا تونۇشتۇرۇش ئويۇم بار ئېدى. ئۇقۇم ماشىنىلىرىمۇ يىللاردىكىدىن كۆپ ئىكەن بۇيىل. ئىشلىرىم ئالدىراش بوپ كېتىپ ھەم  يېڭىياچىلىقتا يېتىشىپ بولالماي قالدىم.

ئات كۈچى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئېگە ئەمەس ۋاقىتلىرىمدا پەقەت تاشقى كۆرىنىشىگىلا ئېتىۋار بېرەتتىم. بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچەم چوڭقۇرلىغاندىن بۇيان كوچىدا مۇشۇنداق ماشىنىلارنى كۆرسەم ئىشتىياق بىلەن قاراپ كېتىمەن. داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量



App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.3 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0111 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش