2010-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى يىپيېڭى پولو كەڭ جامائەت ئەھلى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. شاڭخەي ۋولكىسۋاگېن شىركىتى ئېلان قىلغان بۇ پولو 5-ئەۋلاد بولۇپ، كونكىرتنى باھا ۋە پاسونلىرىنى شاڭخەيدە ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى پولوغا 1.4 لىك ۋە 1.6 لىك ئىككى خىل ماتور، 5 خوتلۇق قولخوت ۋە 6 خوتلۇق ئاپتۇماتىك خوت سەپلەنگەن 7 خىل پاسونى بار ئىكەن. زاۋۇتنىڭ كۆرسەتمە باھاسى 85 مىڭ 9 يۈز يۈەندىن 123 مىڭ 9 يۈز يۈەنگىچە.

2011 نۇسخىدىكى 5-ئەۋلاد پولونى شاڭخەي ۋولكىسۋاگېن ئەسلى پۇراق بويىچە گىرمانىيەدىن كىرگۈزۈپ جۇڭگۇ بازىرىغا خاس قىلىپ ئىشلىگەن بولۇپ، يېڭى نۇسخىسىنىڭ  تاشقى كۆرىنىشىگە خاسلىققا ئېگە ئېلمىنتلار كۆپ قوشۇلغان. بۇ كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىلىرى ئىچىدە  نەپس ماشىنا ھېساپلىنىدۇ.

7خىل پاسونىنىڭ باھاسى بىز بايا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك ھەر خىل قاتلامدىكى خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى بىمالال قاندۇرالايدۇ.  كۆزنى قاماشتۇرىدىغان 8 خىل رەڭنى تاللىيالايمىز. ئىچكى بېزىلىشىمۇ ئىنتايىن نەپس بولۇپ، قارا رەڭلىك ۋە ئاق رەڭلىك ئىككى خىل بېزەك يەنە بىزنىڭ تاللىشىمىزغا قالدۇرۇلغان.

بۇ ماشىنا 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدىكى ياخشى ماشىنا ئالماقچى بولغانلارغا يەنە بىر تاللاش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى. بۇ خىل رىقابەت كۈچىگە تولغان ماشىنا ئالدىدا فورد فيېستا، خوندا فىت، تويوتا يارىس دېگەندەك رىقابەتچىلىرىگە بىر ئاز بىسىم چۈشۈشى مۇمكىن.

گىرمانىيە پۇرىقى بىلەن جۇڭگۇ ئىستىمالچىلىرىغا خاسلاشتۇرۇپ ياسالغان بۇ مەھسۇلات كۆركەم تاشقى كۆرۈنۈش، ئۇزۇن يىللىق ئىشەنچلىك ماركا،  راھەت بوشلۇق، مۇكەممەل كونترول، يۇقىرى تېخنىكىدىكى يۈرۈشلۈك سەپلىمىلەر ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدىكى گىرمانىيە ماشىنا بىخەتەرلىك تەلىپى بويىچە ياسالغان 5-ئەۋلاد پولو چوقۇم كۆپ قىسىم ۋولكىسۋاگېن ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلالايدۇ.

بۇ نۇسخىسىنىڭ ئارقا ساندۇقىنى ئۇرۇق-جەمەتىنىڭ ئادىتى بويىچە ۋولكىسۋاگېننىڭ بەلگىسى بار يەردىن ئاچىدىغان قىلىپ لايىھەلىگەن. سەپلەنگەن قويغۇچى CD/MP3/WMA تىپىدىكى دېسكىلارنى ئوقۇيالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا AUX-in  ئېغىزى بار بولۇپ ئايفونغا ئوخشاش 3.5 مىللىمېتىرلىق ئېغىزى بولغان ھەرقانداق قويغۇچتىن چىققان ئاۋازنى ماشىنا ياڭراتقۇسىغا يوللىغىلى بولىدۇ. يەنە SD كارتا ئوقۇيالايدۇ.

چوڭ چىرىقىنىڭ ئېگىزلىكىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. ئەگىلگەندە بۇرۇلغان تەرەپنى ئالدىن يورۇتۇپ كېچىدە يول يۈرۈشتە تېخىمۇ بىخەتەر بولغان شارائىتقا ئېگە قىلىدۇ. ئېلىكتىر سېستىمىلىرىدىن ABS+EBD+CBC دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى بار. 4 تەرەپتە رادارلىق سىگنال قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن.  6 دانە بىخەتەر ھاۋا خالتىسى بار. مانا بۇ ھەقىقى ياۋرۇپا بىخەتەرلىك تەلىپى بويىچە ياسالغان ئىسىل ماشىنا – 5-ئەۋلاد پولو.

1.4 لېتىرلىق ماتورنىڭ قۇۋۋىتى 63 كېلوۋات، ئات كۈچى 85 ، 1.6 لېتىرلىقىنىڭ 77 كېلوۋات، 103 ئات كۈچى ئىكەن.

راستىنى ئېيتسام شەخسىي قارىشىم بويىچە  بۇ ئات كۈچى ھەقىقەتەن تۆۋەن. 1.4 لىك ماتورنىڭ 100ئات كۈچىدىىن ئاشىدىغانلىرى بار. ئاددىسى مېنىڭ ھازىر ھەيدەۋاتقان چاڭچىڭ ماركىلىق ماشىنىنىڭ تويوتادىن «ئىلھام» ئېلىپ ئۆزى ياسىغان 1.5 لىك ماتورنىڭ قۇۋۋىتىمۇ 105 ئات كۈچى، بۇ 1.6 لىك ۋولكىسۋاگېن ماتورنىڭكىدىنمۇ كۈچلۈك دېگەن گەپ. ۋولكىسۋاگېننىڭ ھەممە يېرى خو قولدەك ماشىنا. لېكىزەەەە ماتورغا كەلگەندە ياپونغا، ياكى ئۆزىگە  يېقىنراق BMW ياكى بېنزغا يېتىشەلمىدى ياكى يېتىشكىسى كەلمەي «خاسلىقى» نى ساقلاپ كەلدى.

بىچارە سانتانا تا ھازىرغىچە سېتىلىۋاتىدۇ، 1.8 لىك ماتورنىڭ ساقال-سۇمبىتى بىلەن ئات كۈچى 90 غا بارمايدۇ. مانا مۇشۇمۇ ۋولكسۋاگېننىڭ خاسلىقى بولسا كېرەك. نېمىلا دېگەن بىلەن ۋولكسۋاگېن سپورت تۈرىدىكى ماشىنىلارنى باشقا ماركىلارغا قارىغاندا كېچىكىپرەك تەتقىق قىلدى. ھازىر ئۇنىڭ ئېسىل سپورت ماشىنىلىرىدىن CC ، گولف GTI، بورا R، يەنە چاپقۇرىدىنScirocco  قاتارلىق ماشىنىلىرىمۇ پەچەت. بۇ چاپقۇر  1.4 لىك قوش تۇربېنلىق . بۇ ماشىنا چاپقۇر ئالغۇسى بار، لېكىن  بېنزىننى ئازراق كۆيدۈرۈشنى خالايدىغانلارغا ئىسىل تاللاش.

ئەلۋەتتە،ئات كۈچىنى ئۇنچە قوغلىشىپ كەتمەيدىغانلارغا پولو ئوخشاش تۈردىكىلەرگە نىسبەتەن ئاقىلانە تاللاش بولالايدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش