7 ئاي ئىلگىرى ۋولكسۋاگېن ”Volkswagen 大众“ خانوۋېر سودا يەرمەنكىسىدىكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ Milano Taxi Concept دەپ ئاتىلىدىغان تاكسى ئۇقۇم ماشىنىسى تۈرىنى تەتقىق قىلىپ ياسايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئېدى. شۇ چاغدىكى مىلەن شەھىرىنىڭ يەرلىك پۇرىقىغا ئېگە بولغان بۇ تاكسى ماشىنا لايىھەسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 7 ئاي كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بولسا ۋولكسۋاگېن يەنە ئۇلاپلا ئۇنىڭ داۋامى بولمىش London Taxi Concept نى ئېلان قىلدى.بۇ ماشىنا ۋولكسۋاگېننىڭ تېخى بازارغا سېلىنمىغان Up! ۋە Lupo دېگەن ماشىنىلىرىنىڭ لايىھەسى ئاساسىدا Klaus Bischoff لايىھە گورۇپپىسى تەرىپىدىن مەيدانغا كەلگەن. كۆرىنىشى ئەنگىلىيەنىڭ Mini ماشىنىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سىرتقى ئۆلچىمى 3730mm X 1680mm X 1600 mm . ئەڭ يېڭى تىپتىكى بۇ تاكسىنىڭ ئىچىنىڭ راھەت، ئازادە ۋە كەڭتاشالىقى تاكسىغا چىققۇچىلارنى چوقۇم ھوزۇر ھېس قىلدۇرالايدۇ.
113 ئات كۈچىگە ئېگە بولغان ئېلىكتىر ماتور بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ. ئەڭ يۇقىرى سۈرئېتى سائېتىگە تېخى 119 كىلومېتىر. بۇ پەقەت بىر تاكسى بولماستىن يۇقىرى سەۋىيەلىك تېخنىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئەقىل پاراسەت مىۋىسى.
بۇ كاساپەتنىڭ يەنە بىر قول قويۇشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، 1 سائەت ئىچىدە 80% توكنى قاچىلاپ بولالايدۇ. توكى تولۇق بىر قېتىم قاچىلانسا 300 كېلومېتىر يۈرەلەيدۇ. بۇ تەرىپى كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ-دە!
كۇلۇبىمىز سىلەرنىڭ قەدىمىڭلار بىلەن تېخىمۇ رەڭدار !









































يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار