Gameloft شىركىتىنى ئايفون ئىشلىتىۋاتقانلار بەلكىم بىلىشى مۇمكىن. بۇ شىركەتنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرىغا ئاتاپ ياسىغان ئويۇنلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ناھايىتى قارشى ئېلىشقا ئېرىشىدۇ. يېقىندىن بۇيان ئۇلار مەھسۇلاتلىرىنى ھەقسىز تارقىتىپ خېرىدارلارغا ئۆزىنى قوللىغانلىق يۈزىسىدىن رەھمەت ئېيتىش پائالىيىتىنى يولغا قويغان. بۇ پائالىيەت بىزدەك ئويۇنخۇمارلارغا ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەت بولدى. بۈگۈن پائالىيەتنىڭ 17-كۈنى. بۈگۈنكىسى تەقلىدىي  تىجارەت تۈرىگە كىرىدىغان Pocket Chef™ دەپ ئاتىلىدىغان ئويۇنى. بۇ شىركەتنىڭ ئويۇنلىرىنى ئويناپ باققان ئالمىداشلار بىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئويۇنلىرىنىڭ كۆرىنىشى بولسۇن، ئۇسلۇبى بولسۇن ھەر جەھەتتىن ئۆزىگە قىزىقتۇرالايدۇ.  بۇ ئويۇندا بىز ئاشپەزنىڭ رولىنى ئالىمىز. يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلانغان كۆرۈنۈش ۋە ئويۇن مەزمۇنى سىزنى چوقۇم رازى قىلىدۇ. خوش، گەپنى جىق قىلساق ھەقسىز تارقىتىش ۋاقتى توشۇپ كېتىپ قالمىسۇن، ئاستىدىكى ئۇلىنىش ئادرىسىدىن چۈشۈرىۋېلىڭ.

ئويۇن ئىسمى : Pocket Chef™

ياسىغان شىركەت : Gameloft

چۈشۈرۈش ئادرىسى : بۇ يەرنى بېسىپ iTunes Store ئارقىلىق چۈشۈرۈڭ

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



3 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. مەن چۈشۈرىۋالدىم :cute: كاساپەت 80 نەچچە مېگابايت كېلىدىكەن.

    • بىكاغا چۈشۈگەن بولغىيتىلە شاھزادەم؟ بۈگۈن 5$ غا چىقىپتۇ باھاسى مانا! بالدۇرراق چۈشىرىۋېلىڭلار دېسە كۇلۇبىمىزنى كۆرمەي چۆگىلەپ يۈرگەنلەر ئەمدى ئۇنداق قىلماڭلار ھە! ا :razz:

  2. ھە ئە :o))): . ئەمدى چىكەتمەيمە بۇ توربەتتىن :naive:

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش