كۆرىۋاتقىنىمىزدەك ئايفون ۋە ئايپەدتىكى iBooks دېگەن بۇ دېتال ناھايىتى نەپس ئىشلەنگەن ياغاچتىن ياسالغان كىتاب جازىسى شەكلىدە. بۇنى ئاچقىنىمىزدا كۆز ئالدىمىزدا كۆرىنىدىغىنى كىتاب جازىسىغا تىزىلغان بىر قانچە ئېلكىتابلار. لېكىن بۇ PDF شەكلىدىكى كىتابلار بولماستىن AppStore نىڭ كىتاب بازىرىدىن سېتىۋالغان كىتابلاردۇر. ئايفون ۋە ئايپەدلەرنىڭ سېستىمىسىنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن iBooks نىڭ يېڭى نەشىرى PDF نى ئوقۇيالايدىغان بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە iTunes نى ئاۋارە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىكى 编辑 ۋە 书店 دېگەن ئىككى كونۇپكىنىڭ ئىقتىدارى ئايرىم–ئايرىم ھالدا كىتاب جازىسىغا تىزىلغان كىتابلارنى ئۆچۈرىۋېتىش ۋە كىتاب بازىرىدىن كىتاب سېتىۋىلىشتىن ئىبارەت.

بىز ئاۋال iTunes نى ئېچىۋالايلى. ئاساسى كۆزنىكى ھالىتىدە تۇرۇپ 文件 دېگەن تىزملىكتىن 将文件添加到资料库 دېگەن تۈرنى تاللايمىز. ياكى تىزلەتمە كونۇپكا «Ctrl+O»  نى باسساقمۇ بولىدۇ.  ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن PDF ھۆججىتىنىڭ ئورنىنى تېپىپ قوشىدىغانلىرىمىزنى تاللاپ 打开  نى باسىمىز.

* رەزمىرى يوغان رەسىملەرنى چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ.

بىز يېڭىدىن  قوشقان ئېلكىتابلار يان تىزىملىكتىكى 图书 دېگەن يەردە پەيدا بولىدۇ.

كىيىنكى باسقۇچ ئويۇن قاچىلىغانغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئاۋال iTunes قا ئۇلانغان «ئالما» نى بېسىڭ. (بۇ يەردىكى ئالما – ئايفون، ئايتاچ ۋەياكى ئايپەدنى كۆرسىتىدۇ) ئاندىن ئوڭ تەرەپ تىزىملىكتىكى 图书 دىن 同步图书 نى توغرا قىلىڭ. ئەگەر iTunes ئامبىرىدىكى ھەممە ئېلكىتابلارنى قاچىلىماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى 所有图书 نى، تاللاپ قاچىلىماقچى بولسىڭىز 选定的图书 نى بېسىپ، ئاستىدىن  قاچىلايدىغان ئېلكىتابلىرىڭىزنى تاللاڭ.

ئاندىن ئەڭ ئاستىدىكى 应用  نى ، ئاندىن 同步  نى باسسىڭىز ئايفون ياكى ئايپەدتىكى iBooks نىڭ ئىچىگە ئۇلارنى قاچىلىۋېتىدۇ.

قولىڭىزغا ئايفوننى ئېلىپ iBooks نى ئېچىپ قورقۇپ كەتمەڭ. بۇ دېتال قوزغالغاندا كۆڭۈلدىكى كۆرۈنمە يۈزى ئالما كىتاب بازىرىدىن سېتىۋالغان كىتابلار بېتى بولۇپ، ئۈستىدىكى 图书|PDF  دېگەن جاينى بېسىش ئارقىلىق ئىككى خىل «كىتاب جازىسى» نى ئالماشتۇرالايسىز.

ئەمدى سىز بايا قاچىلىغان ئېلكىتابلاردىن خالىغانچە ھورۇزلىنىڭ.

ئېلكىتاب ھۆججىتىنى باسقاندىن كىيىن ئۈستىدە بىر قانچە كونۇپكىلار كۆرىنىدۇ. بۇنى قىسقىچە تونۇشتۇرىۋىتەي:

1. «كىتاپ جازىسى» غا قايتىش.

2. بەتلەرنى كىچىكلىتىپ بىر ئېكراندا 9 بەتتىن كۆرسىتىش.

3. ئېكران يورۇقلۇقىنى تەڭشەش.

4. مەزمۇندىن ئىزدەش.

5. خەتكۈچ

6. بەتنى تىز ئۆرۈش. ئاستىدىكى بۇ جايدا سىزنىڭ PDF  ئېلكىتابىڭىزدا نەچچە بەت بولسا شۇنىڭ ھەممىسى كۆرىنىدۇ. قولىڭىز بىلەن سىيرىش ئارقىلىق تىز سۈرئەتتە دېگەن بەتكە بارالايسىز.

بۇلار ئايپەدتىكى iBooks كۆرۈنمە يۈزى.

باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ. يازما ئادرىسى:

/20101227398.html

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



18 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. 3ج دىمۇ ئوقۇغىلى بولامدۇ

    • بولىدىكەن. ھازىر تېخى سىناپ بېقىشىم. مەن سىنىغان 2-ئەۋلاد ئايفون (iPhone 3G) ئەڭ يېڭى نەشىردىكى 4.2 لىك ئىدى. ئېلكىتاپ ئوقۇيدىغان iBooks بولسا 4.0 لىك سېستىمىدىن باشلاپ قوشۇلغان. ئۇنىڭدىن تۆۋەن نەشىرىدە بولامدۇ يوق بىلمىدىم. لېكىن 4.2 لىك سېستىما 2-ئەۋلاد ئايفون ئۈچۈن سەل ئېغىر كەپ قالىدىكەن. سۈرئەت بەك ئاستا.

  2. 3.1.3دە قاچىلىغىلى بولمىدى

  3. ئەسسلامۇئەلەيكۇم ناھايىتى پايدىلىق ياخشى توربەت قۇرۇپسىز !!! تور بېتىڭىزدىن ئايفۇن توغرىلىق نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدۇم ، سىزدىن سورايدىغان يەنە بىر مەسىلە : مەن تېخى ئايفۇن 3gs سېـتىۋالغىلى تېخى بىر ھەپتە بولمىدى ،ئايفۇنغا ئۇيغۇرچە فونت چۈشۈرگەن ئىدىم قانداق يىرىگە قانداق قاچىلاشنى بىلەلمىدىم ،ئېغىر كۆرمەي بۇ ئاددى ساۋاتنى بىر چۇشەندۈرۈپ بەرسىڭىز ، توربېتىڭىزنىڭ تېخىمۇ رەڭدار پايدلىق توربەت بولىشىغا تىلەكداشمەن !!! :vict: :vict: :vict:

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەن سىز دېگەن ئاددىي ساۋاتنى تېخى بىلمەيدىكەنمەن. ئايفوننىڭ 4.0 سېستىمىسىدىن يۇقىرى سېستىمىنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇرچە خەت شەكلى سەل سەترەك چىقىدۇ. لېكىن تولۇق نورمال كۆرىنىدۇ. شۇڭا بۇ توغرىسىدا ئىزدىنىپ باقماپتىمەن. ئەگەر سىز كىيىنچە بىلىۋالسىڭىز تەڭ بەھرلىنەيلى! :welcome:

  4. ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! مەن iBooksنى باشقىلارنىڭ كومپىيوتىرىدىن قاچىلىغان ئىدىم لىكىن ئۆزەمنىڭ كومپىيوتىرىدا ئىلكىتابنى تۇڭبۇ قىلسام مەن باشقىلارنىڭ كومپىيوتىرىدا قاچىلىغان بارلىق دىتاللارنى يۇيۇۋىتىدىكەن .بۇنىڭ ئامالى بارمۇ ؟ئىلكىتابنى 91ئارقىلىىقمۇ iBooksقا چۇشۇرگىلى بولامدۇ؟باشقىلارنىڭ كومپىيوتىرىدا قاچىلىغان دىتاللارنى ئۆزەمنىڭ نامىدىكى ئاي تۇنىس قا تۇنىتالايمەنمۇ؟ باشقىلارنىڭ ئاي تۇنىس ھىساۋات نۇمۇرىنى بىلمىگەن شارائىتتا.

    • ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى 1 ئايفونغا 1 دانە ھېساۋات نومۇرى ۋە 1 دانە كومپىيۇتېر بولۇش پرىنسىپى بويىچە ياسىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى سىز ئۇچرىغانلىكى كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئويۇنلارنى قاچىلىيالمايسىز دېگەن گەپ. سىزنىڭ ئايفونىڭىز باشتىن ئاخىر 1 كومپىيۇتېر بىلەن ئۇلىنىپ ماتىرىياللار شۇنىڭدا ساقلىنىپ شۇنىڭ بىلەن ماسقەدەملەشتۈرىلىشى كېرەك. ئەگەر باشقا كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ ئۇنىڭ بىلەن ماسقەدەملىۋەتسىڭىز باشتىكى ئۇچۇرلار يېڭى كومپىيۇتېرنىڭ ئىچىدىكى ئۇچۇرلارغا ئالمىشىپ كېتىدۇ.
      ماسقەدەملەش بولسا كومپىيۇتېر بىلەن ئايفۇنىڭىز ئىچىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئوخشاش ھالەتكە ئەكىلىش دېگەن مەنىدە. دېمەك، سىز ماسقەدەملىگەنكەنسىز ئايفوندىكى ھەممە نەرسە (سىز ماسقەدەملەشتۈرۈشتە تاللىغان دائىرىگە كىرىدىغان ھەممە نەرسە) كومپىيۇتېردىكىگە ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر سىز ئايفونىڭىزغا بۇرۇن باشقا كومپىيۇتېردىن ئويۇن قاچىلىغان بولسىڭىز، ئەكىلىپ يېڭى بىر كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ ماس قەدەملەشتۈرسىڭىز يېڭى كومپىيۇتېرنىڭ ئويۇن ئامبىرىدا ئۇ ئويۇن بولمىسا يۇيىۋېتىدۇ دېگەن گەپ.
      ماسقەدەملەش بىلەن يېڭىدىن قاچىلاش ئىككىسىى ئوخشىمىغان ئۇقۇم. ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ماسقەدەملەيدۇ. شۇڭا «ماۋۇ-ماۋۇلارنى قاچىلا، لېكىن بۇرۇنقىلىرىنى يۇيىۋەتمە» دېگىلى بولمايدۇ.
      ئالمىنىڭ مۇشۇ ئىشىنى مەنمۇ ياقتۇرمايمەن. لېكىن بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ پەقەت ئوغرى نەشىردىكى ئويۇن ياكى پروگراممىلارنى ئۆز-ئارا كۆچۈرۈلۈپ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىر. ئۇلارنىڭ تەلىپى سىز ئۆزىڭىزنىڭ كومپىيۇتېرىدا پەقەت ئۆزىڭىزگىلا تەۋە بولغان ھېساۋات نومۇرى ئارقىلىق ئۆز قولىڭىز بىلەن سېتىۋېلىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاش.
      ئەگەر سىز باشتىن-ئاخىر بىر كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ شۇنىڭدىن ئويۇن قاچىلاپ ئىشلەتكەن بولسىڭىز ھېچقانداق ئىش بولمايدۇ. پەقەت بىر كومپىيۇتېردىن يەنە بىر كومپىيۇتېرغا كۆچۈپ ماسقەدەملىگەندە ئۆچۈپ كېتىدۇ دېگەن گەپ.
      بۇنى تېپىشنىڭ ئامالى بۇ كومپىيۇتېرغا بۇرۇنقى شۇ نەرسىلەرنى قايتىدىن ئۆزىڭىزنىڭ يېڭى ھېساۋاتى ئارقىلىق چۈشۈرۈش.
      iBooks دېگەن ھەقسىز نەرسە. شۇڭا ئۇ 91 نىڭ ئامبىرىدا بولماسلىقى مۇمكىن. تەۋسىيەرىم، تېلفۇنىڭىزنىڭ سېستىمىسىنىڭ مۇكەممەل تۇرىشى ۋە ئۇزۇنغىچە بۇزۇلماسلىقىنى خالىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى 91 نى ئىشلەتمىگىنىڭىز ئەۋزەل.

  5. كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر !! بۇنچىۋالا تىز ئىنكاس قايتۇرار دىمىگەن ئىدىم .جاپا تارتىتىڭىز .سىزگە چىن كۆڭلۈمدىن ئامەت تىلەيمەن!!!!!!! :welcome: :welcome: :good: :good:

  6. پاسىبان ئەپەندىم ،بەكمۇ جاپا تارتىپ كىلىۋاتىسىز ، بىزمۇ بىلىدىغانلىرىمىزنى.تىما قىلىپ يوللىساق دىگەن ئۈمىتتە ئىدىم .بۇنىڭغا قانداق قارايسىزكىن بىلمىدىم .ناۋادا مۇمكىن بۇلۇپ قالسا قانداق يوللايمىز؟مەنمۇ ئايفون ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى بولۇپ قالدى ئانچە مۇنچە بىر نەرسە بىلىمەن دەپ قارايمەن ئۆزەمنى . مۇمكىن بولارمۇ؟ :cute:

  7. پاسىبان ئەپەندى iTunes نىڭغۇ ئادەتتىكى ۋىندوۋىس قاچىلانغان كومپىيۇتىردا ئىشلەيدىغىنى باركەن؟PDF كۆرگىلى بولىدىغان iBooks نىڭ ۋىندوىس قاچىلانغان كومپىيۇتىردا ئىشلەيدىغىنى بارمۇ؟ مەن iBooks نىڭ PDF كۆرگەندىكى ئۈنۈمىگە بەك قىزىقىپ قالدىم. ئەگەر بولۇپ قالسا چۈشۈرۈش ئادىسىنىى يوللاپ، ئىىشلىتىش ئۇسۇلىنى تور بېتىڭىزدە ئېلان قىلسىڭىز؟ ياكى iBooks تەك PDF كۆرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە يۇمىشاق دېتالدىن بىرنى تونۇشتۇرسىڭىز؟

    • iTunes نىڭ Mac ۋە Windows سېستىمىسى ئۈچۈن ياسىغان نەشىرى بار. لېكىن iBooks قا ئوخشاش ئۈنۈمگە ئېگە كىتاب ئوقۇغۇچنى بىلمەيدىكەنمەن. بىلگەن چاغدا ئىنشائاللاھ چوقۇم تەڭ بەھرلىنىمەن. مەنمۇ Windows شارائىتىدا Foxit Reader گە ئوخشاش ئوقۇغۇچلاردىن پايدىلىنىدىكەنمەن

  8. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن بىر دانە 3 – ئەۋلات ئايفون ( 8گ ب ) ئالغان ئىدىم، نەشىرى 4.1 ئىكەن ،
    سورىماقچى بولغىنىم،
    بۇ ئايفون 3 نىڭ نەشىرىنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا قايسى نەشىرگە كۆتۈرسەم مۇۋاپىق بولىدۇ ؟ ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىر 4.3.3 قاچىلىسام يانفۇنۇم ئېغىرلىشىۋالارمۇ ؟

    2 . ئايفوندىن ئايبوكسى نى تاپالمىدىم ئۇنى كىيىن قاچىلايدىغان نەرسىمىدى ؟
    ئايبوكىس قاچىلىساق ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرچە پ د ف لىق كىتاپلارنى ئوقۇغۇلى بولامدۇ ؟

    • يۇقىرى نەشىرىنىڭ باشقا ئىھتىياجى بولمىسا مۇشۇ نەشىردە ساقلاپ قالغىنىڭىزمۇ ياخشىمىكىن. 4.1 بىلەن 4.3.2 نەشىرىنىڭ پەرقى كۆپ بولمىسا كېرەك. بەرىبىر 4.0 ئائىلىسىدىكى سېستىمىلار. 4.3.3 تە پەقەت ئىز قوغلاش ئىقتىدارىنى مەخپىيلەشتۈرگەن. باشقا يېرى 4.3.2 بىلەن ئوخشاش. شۇڭا سۈرئەت جەھەتتە 4.0 نىڭ ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بەزىدە يۇقىرىرا نەشىردە سۈرئەت تىزلىشىدىغان ئىشلارمۇ بار. خالىسىڭىز يېڭىلىۋېلىڭ.
      iBooks نى كىيىن قاچىلايمىز. App Store ئىزدەپ تېپىپ قاچىلىۋېلىڭ. ئۇيغۇرچە كۆرگىلى بولىدۇ. PDF نىڭ ئىچىدە نېمە بولسا، كومپىيۇتېردا قانداق كۆرۈنسە ئايفوندىمۇ شۇنداق كۆرۈنىدۇ. فونت كەتمەيدۇ. چۈنكى PDF رەسىملەشكەن ھۆججەت. iBooks نى قاچىلاپ يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بويىچە قاچىلىۋېلىپ خالىغانچە كۆرۈڭ.

  9. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئۇيغۇرچە pdfقايسى تور بەتتە بادۇ؟

  10. مەن ibooks قا ئۇيغۇرچە PDF ۋە ibooks فورماتىدىكى كىتاپلارنى قاچىلاپ كۆرۈپ باقتىم، ئۇيغۇرچە PDF كىتاپلارنى كۆرۈشمۇ بەكلا قولايلىق ئىكەن ، ئەمما يەنىلا ئۆز فورماتىدىكى كىتاپلار نوچى كۆرۈنىدىكەن ibooks تا .

    بۇ خىل فورماتتىكى كىتاپلار ئايبوكىستا PDF فورماتىدىكى كىتاپلاردىنمۇ بەك راھەت كۆرىنىدىكەن ، بۇ خىل فورماتتا كىتاپ ياساش ئۇسۇلى بەك مۇرەككەپ بولمىسا پاسىبان ئەپەندىم ibooks نىڭ فورماتى بولغان epub فورماتىدىكى ئېلكىتابلارنى قانداق ياسايدىغانلىغىنى تونۇشتۇرغان بولسا بوپتىكەن، ئۆزەم كۆپ كۆرىدىغان بىر نەچچچە ئۇيغۇرچە يازمىلارنى مۇشۇ خىل فورماتتا ياساپ قاچىلاپ كۆرۈپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ ، مېنىڭچە ئايبوكىس گەپ يوق ئۇيغۇرچىنى قوللايدۇ.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش