ئەسلى «ھەقسىز ئويۇننى قانداق تېپىشنى بىلەمسىز» دېگەن يازمىدىن كىيىن، ھېچقانداق ئويۇننى تەۋسىيە قىلماي دېگەن ئىدىم. لېكىن بۈگۈن ماۋۇ مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئېسىل ئويۇن ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىلغان ئىكەن. شۇڭا سىلەرنىڭمۇ چۈشۈرىۋېلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىپ ئايرىم يازما يوللىدىم.
بۇ ئويۇن مۇداپىئە ئويۇنلىرىغا كىرىدۇ. ئۆسۈملۈك ۋە مۇردا (植物大战僵尸 Plants VS Zombies) دەيدىغان بىر ئويۇن بار. مېنىڭچە بۇ ئويۇننى بىلمەيدىغان ئادەم يوققۇ دەيمەن. شۇنداق ئوماق بىر ئويۇن. بۇمۇ ئاشۇ تۈرگە كىرىدىغان، دۈشمەنلەردىن مۇداپىئەدە تۇرۇپ ئىستېھكام قوغدايدىغان ئويۇننىڭ بىرى.
بەلكى بۇ ئويۇننى ئىلگىرى ئوينىغان بولىشىڭلارمۇ مۇمكىن. ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق ئىدى دەپ قارايمەن.
بۇ ئويۇننىڭ 1-سىگە قارىغاندا 2-سى ماڭا بەك ياقىدۇ. ھازىر 3-سىمۇ چىقىپتۇ. لېكىن 3-سىدە بىز بەك بوزەك بولۇپ كېتىدىكەنمىز.
دەسلەپ ئوينىغاندا بىزگە تەپسىلىي ئۆگىتىدۇ. ئويۇننىڭ ئويناش قائىدىسى، قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىش ئالاھېدىلىكى، دۈشمەنلەرنىڭ ئالاھېدىلىكى دېگەندەك.
بۇ ئويۇننى ئويناۋاتقانلارنى Game Center ياكى Open Feint ئارقىلىق باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىنىپ، نومۇرغا تىزغىلى بولىدۇ.
تۆۋەندىكى سىن ئارقىلىق ئويۇندىن بىر ئارىيە كۆرۈپ باقايلى:
ئەپ ئىسمى : Sentinel 2
ساتقۇچى : Origin8 Technologies Limited
تۈرى : مۇداپىئە
چوڭلۇقى : 14.2 MB
باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز









































بۇ ئويۇن ئايپەد كە ماس كىلەمدۇ؟
ئايفوننىڭ ھەرقانداق بىر ئويۇنى ئايپەدكە ماس كېلىدۇ بۇنى بىلىسىز. لېكىن مەخسۇس ئايپەد ئۈچۈن ياسىغاندەك تولۇق ئېكران شەكىلدە بولمايدۇ. يەنى، بۇ ئۇنىۋېرسال ئەمەس.
تۈرمىدىن قاچۇرغان تىلفۇنغا يىڭى سىستىما قاچىلىغاندا قانداق قىلساق تىلفۇن دەپتىرى،ئۇچۇرۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاپ قالغان ئاساستا قاچىلىغىلى بولىدۇ؟
سىزگە جاۋاب بېرىپ بولدۇم. ئوخشاش سۇئالنى قايتا يوللىماڭ. بۇ يەرگىمۇ يوللىغان ئىكەنسىز. شۇ يەردىن كۆرۈۋېلىڭ. http://goo.gl/Uq2bT