ئاجايىپ - غارايىپ ئەپ (1) : Heart Rate

iPhone نى Steve Jobs ياساپ قويغىنى بىلەن ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېخىمۇ قوللىنىشچان قىلىشتا پروگراممېر ئاۋانگارتلار تولىمۇ چوڭ روللارنى ئويناۋاتىدۇ. قولىڭىزدىكى بۇ iPhone شۇ قەدەر قوللىنىشچان بىر نەرسىكى، سىز ئۇنىڭ پۈتۈن ئالاھېدىلىكلىرىنى مەڭگۈ توپمۇ-تولۇق بايقاپ ۋە ئىشلىتىپ بولالمايسىز.

 

مەن ئەڭ دەسلەپ بۇ ئەپنى كۆرگىنىمدە ئۆزۈممۇ قولۇمدىكى بۇ ئوقەتنىڭ نەقەدەر كېڭەيتىشچانلىققا ئېگە ئىكەنلىكىدىن، ئەقىللىق پروگراممېرلارنىڭ ئەجرىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.  بىز ئەمدى ئېلېكترو كاردىئوگرامما (心电图) غا چۈشۈش ئۈچۈن ئاتايىتەن دوختۇرخانىغا بېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئوخشايدۇ. قولىمىزدا iPhone بولسىلا يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى، رېتىمى دېگەن تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېگە بولالايدىكەنمىز.

بۇ ئەپنىڭ يۈرەك سوقۇش قېتىم سانىنى ئۆلچەشنى ئۆزۈم سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ باقتىم. ئىنتايىن توغرا چىقىدىكەن. باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئۇلارغا ناھايىتى توغرا سانغا ئېرىشىپتۇدەك.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

ئەپنى قوزغاتقىنىمىزدا iPhone 4 بولسا ئارقىدىكى چاقماقنى ئاپتۇماتىك ئاچىدۇ ۋە DETECTING FINGER دېگەن ئۇچۇر كۆرىنىدۇ. بۇ بارماقنى سېزىۋاتقانلىق ئەسكەرتمىسى. بىز بۇ چاغدا كۆرسەتكۈچ بارمىقىمىزنى كامېراسىغا چاپلاپ تۇتىمىز. ئاندىن ئاپتۇماتىك ھالدا يۈرەك رېتىمىنى سېزىشكە باشلايدۇ. بارماقنى قويغاندا بەك كۈچەپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. چۈنكى بۇنىڭدا ھەقىقىي يۈرەك سوقۇش رېتىمىغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. شۇڭا تەبىئىي ھالەتتە يىنىكلا قويساق بولدى. بارماقنى مىدىرلاتماي بىر ئاز تۇرغاندىن كىيىن ئوڭۇشلۇق سېزىدۇ ۋە DETECTING FULSE دېگەن ھالەتكە ئۆتىدۇ. بۇ يۈرەك رېتىمىنى ئۆلچەشكە باشلىغانلىقىنىڭ ئەسكەرتمە ئۇچۇرى. مىدىرلاتماي بىر ئاز ساقلىغاندىن كىيىن يۈرەك سوقۇشتا ھاسىل بولغان ئەگرى سىزىقلارنى كۆرىمىز. ئېنىق بىر رېتىمغا ئېرىشكەندىن كىيىن بۇ ئەپ ئاپتۇماتىك ھالدا 10 سېكونت تەتۈر ساناشقا باشلايدۇ. ۋاقىت توشقاندىن كىيىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ يۈرەك سوقۇش قېتىم سانىڭىزغا ئېرىشىسىز. قايتىدىن تەكشۈرمەكچى بولسىڭىز MEASURE نى باسسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر سىز بۇنىڭغا ئىشەنمىسىڭىز قولىڭىزغا قويماستىن باشقا بىر نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئۆلچەپ كۆرۈڭ. ئېكراندا NO FULSE (يۈرەك رېتىمى يوق) دېگەن ئۇچۇر كۆرىنىدۇ. يەنە بىر قول بىلەن ئۆزىڭىز بېلىكىڭىزنى تۇتۇپ سىناپ كۆرۈڭ. پەرق ئاساسەن بەكلا ئاز چىقىدۇ. ھەقىقەتەن پەچچەت!

ئىلگىرى مەن بۇنداق نەرسىلەرگە ئاساسەن ئىشەنمەيتتىم. لېكىن بۇنىڭ ئىش پرىنسىپى مېنى قايىل قىلدى. بۇنىڭ پرىنسىپى مۇنداقكەن. ئەپنى ئاچقىنىمىزدا بىزگە كۆرسەتمەستىن iPhone نىڭ كامېراسىنى قوزغىتىدىكەن. ئاندىن قولىمىزنى كامېراغا چاپلاپ تۇرساق قولىمىزنىڭ ئۇچىدىكى قىل قان تومۇرلارنىڭ يىنىك سوقۇشىدىن ھاسىل بولغان رەڭ ئۆزگىرىشىدىن بىلىدىكەن. بۇ iPhone 4 نىڭ چاقمىقىنىڭ ياردىمىدە تېخىمۇ ئوچۇق پەرق قىلىنىدىكەن. بۇ پەرق كامېرا ئارقىلىق ئەپ ئىچىدىكى سەزگۈچكە كېلىپ ئانالىز قىلىنىپ، دەل شۇ ۋاقىتتىكى يۈرەك سوقۇش رېتىمىغا ئېرىشىلىدىكەن. پەچچەتمىكەن؟ ئەمدى ئىشەنگەنسىز؟ بۇ ھەقىقىي فىزىكىلىق ئۆلچەش بولۇپ، گۇمانلانغۇدەك يېرى يوقكەن. يەنە ئىشەنمىسىڭىز ئۆزىڭىز تەپسىلىي تەتقىق قىلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

ئۆلچەش تەجرىبىلىرىگە قارىغاندا iPhone 4 نىڭ چاقمىقى بولغانلىقتىن ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، نەتىجە ئاساسەن %100 توغرا ئىكەن. 3GS تە بەزىدە تاپالمايدىكەن. بەزىدە توغرا ئۆلچەيدىكەن.

ئۆزىڭىزنى قولىدىن كېلىدىغان يەنە بىر سىناقنى قىلىپ كۆرۈڭ. iPhone 4 نىڭ ئۆزىدىكى سۈرەتكە ئالىدىغان كامېراسىنى ئېچىڭ. ئاندىن فىلىمگە ئېلىش ھالىتىگە ئۆتۈڭ. ئاندىن چاقماقنى ئېچىڭ. ئاندىن ئاشۇ ئەپتىكىگە ئوخشاش قولىڭىزنى كامېراغا قويۇڭ. ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسىڭىز يۈرەك سوقۇش رېتىمىڭىزغا ئاساسەن ئېكراندا رەڭ پەرقىنىڭ مەۋجۇت بولىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. شۇنداقمىكەن؟ بۇ رەڭ پەرقىنى ئاۋۇ ئەپ پروگرامما تىلى ئارقىلىق چوڭايتىپ بىزگە يۈرەك سوقۇشنى ساناپ بېرىدىغان ئىقتىدار بىلەن تەمىنلەپتۇ. پرىنسىپىنى ئەمدى تولۇق چۈشەنگەنسىز؟

 

 

 

 

ئەپ ئىسمى : Instant Heart Rate by Azumio

ساتقۇچى : Modula d.o.o. © azumio

تۈرى : قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 5.6 MB

باھاسى : 0.99 دوللار

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

قۇربىتىڭىز يەتسە ھەقىقىي نۇسقىسىنى ئىشلىتىڭ. ئەگەر تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز يېشىۋېتىلگەن نۇسقىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسىنىمۇ قالدۇراي.

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



11 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. مېنىڭ يۈرىكىم 77 بىلەن 78 ئارىلىقىدا سوقتى.

  2. راستىنلا قولىنىشچان ئەپ ئىكەن. ئىشلەش پىرىنسىپى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىكەن.

  3. http://goo.gl/cQhKb
    بۇ ئەپ نى كيۇكيۇ توپتا بىرەيلەن لازىم دېگەندەك قىلغان. مۇشۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم.

  4. love scanometer دەپ بىر ئەپ بار ئىكەن .پەدتە ئويناپ باقتىم ، مۇھەببەتداشلارنى ئۆز ئارا قانچىلىك ماس كىلدىغانلىقنى كۆرسىتپ بىردىكەن. ئىككىلا تەرەپ بىگىز بارمىقىنى پەدنىڭ ئۈستىگە قويسا ئانالىز قىلىپ …………..

  5. مەن بۇ ئەپنى ئايتۇنىستىن چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن، لېكىن ياخشى ئەپ ئىكەن.
    مەن سىيدىئا دىن بىر ئەپ چۈشۈردۇم lconrenamer بۇ ئەپتە ئايفوندىكى سىن بەلگىلەرنىڭ ئىسمىنى ئۆزىمىز خالىغانچە ئۆزگەرتىدىكەنمىز، سىلەر ئىشلىتىپ باققانمۇ يوق بىلمىدىم. مەن پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە قىلىپ يېزىۋالدىم.

  6. بۇ ئەپنىڭ ئانجرويىد نۇسقىسىمۇ بار ئىكەن ، ئەتىگەن قاچىلاپ سىناپ باقتىم ، مىنىڭ يۈرەك سوقۇشۇم 75 چىقتى ، دىتال كۆرۈنمە يۈزى ئايفوننىڭكىگە ئاساسەن ئوخشايدىكەن …

  7. ھەقىقەتەن ئاجايىپ _ غارايىپ ئەپكەنغۇ بۇ . بۇنى قاچىلاپ سىناپ باقتىم ، ئاساسەن توغرا چىقىدىكەن . ئەمدى ، قان بېسىمنى ئۆلچەيدىغان ئەپ بارمىدۇ ، دەپمۇ ئويلاپ قالدىم جۇمۇ ؟! :razz: بارمىدۇ ؟ بار بولسا ئۇنىمۇ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، نوچىسى شۇ ئىدى .

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش