بۈگۈن ماۋۇ App قىززىق. ھەقلىق تولۇق نەشىرىنى ھەقسىز قىلىپ، سىناق نۇسخىسىنى 2 دوللار چىقىرىپ قويۇپتۇ. ئالدىراشچىلىقتا ئالماشتۇرۇپ قويغان ئوخشايدۇ. ماۋۇلار بۇ ئىشنى سېزىپ قېلىپ باھانى ئالماشتۇرىۋالغۇچە دەرھال چۈشرىۋالغۇلۇق.
كۆرگىنىڭىزدەك. سىناق نۇسقىسى 2 دوللار. دەرھال تولۇق نۇسقىسىنى چۈشۈرىۋېلىڭ.
بۇنىڭ ئىچىدە 30 نەچچە خىل تەبىئەت ئاۋازلىرى بار بولۇپ، ئايفونىڭىز ئارقىلىق يېشىل تەبىئەتنى كارىۋېتىڭىز ئالدىغا ئەكىلىپ بېرىدۇ.
بۇ خىل ئاۋازلارنىڭ ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرىدىغان ئالاھېدىلىكى بار. ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولالايدۇ. ۋاقىت بەلگىلەپ قويغىلى بولىدۇ. كۆرىنىشىمۇ كۆركەم.
نېمىلا دېگەن بىلەن ھەقسىز چۈشۈرىدىغان گەپ ئەمەسمۇ! ئۇنداق بولغانىكەن پىيىزىنى ئىلغىماي يەۋەرگەن تۈزۈك! دەرھال چۈشۈرىۋېلىڭ. قاچان ھەقلىق بوپ قېلىشى ئېنىق ئەمەس!
پروگرامما ئىسمى : Sleep Pillow
تۈرى : قوللىنىشچان
چوڭلۇقى : 98.1 MB
ئەسكەرتىش: بۇپروگراممىنىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































بلوگلىرىغا كىرسەملا بىر خىل بېسىم ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. بىرىدە ماشىنىنىڭ گېپى، بىرىدە ئاۋۇ iPhone نىڭ گېپى. مەندە ھەر ئىككىلىسى يوقكەن. ئەمما ھەر ئىككىلىسىگە بولغان ھەۋىسىم تولۇپ تېشىپتۇ ( ھەۋەس تولۇپ تاشقۇچە ھەميان تولۇپ تاشسا نېمە بولار دەيمەندە
) …
يوقسۇ، ئۇنداق ئويلىمىغايلا. ئاللاھ خالىسا ھەممىسى بولىدۇ بىزدە. شۇ كۈنلەرگە بالدۇرراق يەتكۈزسۇن دەپ بلوگىڭىزغا كىرسەملا ئېلاننى بېسىپ قويىۋاتىمەن . قولۇمدىن كېلىدىغىنى شۇكەن
ئاۋۇ چۈشۈرىدىغان يەرنى باسسام گومۇشتەكلا تۇرىدىغۇ ، ھېچنىمە يوق ……….
سىزدە iTunes بارمىدى؟ ئەگەر بولسا ئاپتۇماتىك ئاشۇ پروگرامما قوزغىلىپ ئېچىلاتتى. ئەگەر چوغتۈلكىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز IE دا سىناپ بېقىڭ. مەن تەكشۈرۈپ باقتىم. ئۇلىنىش ساقكەن. لېكىن 2 دوللارغا چىقىۋاپتۇ باھاسى…
مۇشۇ دىتالنى بىر سىناپ باققۇم باتتى،لېكىن 1.99دوللار دەيدا
ھە، ئۇزاق ئۆتمەيلا باھاسىنى توغرىلىۋالغان ئىدى.