سىمسىز توك قاچىلاش ئىلگىرى بىزلەرگە چۈش ئىدى. چۈنكى ھاۋانىڭ توك ئۆتكۈزمەيدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم. بۇ جەھەتتە ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ھەممىباپ ئاپتوموبىل زاۋۇتى بۈگۈن بۇ ساھەنىڭ باشلامچى كارخانىسى بولغان POWER MAT شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالاپتۇدەك.

2012-يىلىدىن باشلاپ ھەممىباپ بايرىقى ئاستىدىكى ماركىلاردىن چېۋرولېت، بېك، GMC ۋە كادېللاك قاتارلىق ماركىلارنىڭ يېڭى تىپتىكى ماشىنىلىرىغا سىمسىز توك يەتكۈزۈش ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن باشلامچى كارخانا POWER MAT نىڭ تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ئۇزۇن سىملاردىن خالىي يېشىل تېخنىكا بىلەن ماشىنا ياسايدىكەن.

بەلكى بۇنىڭغا ئەڭ دەسلەپ چېۋرولېتنىڭ ۋولت توكلۇق ماشىنىسى ئېرىشىشى مۇمكىن. بۇ ماشىنا كېلەر يىلى رەسمىي بازارغا سېلىنىدۇ. ۋولت بولسا ھەممىباپنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىسى قوللىنىلغان توكلۇق ماشىنىسى.

ھەممىباپ ئاپتوموبىل شىركىتى بۇ شىركەت بىلەن 5 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، تېخنىكىنىڭ تىز ئىلگىرلىشىگە ياردەمچى بولغان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



6 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. نەچچىگە بىرەر بۇنى!

  2. ئاۋۇ ئادەمنىڭ قولىدىكى دوللارنى ساناپ باقساڭ بىلىسە…. :o))):

  3. «ھەممىباپ ماشىنىلىرى»دېگەنگە بىر چۈشەنچە بېرىۋەتكەن بولسىڭىز…

    • GM يەنى General Motor خەنچە 通用 . قول ئاستىدىكى ماركىلاردىن چېۋرولېت، بېك، خاممېر، كادېللاك، كورۋېت، ئوپىل، ساتۇرن، دەيۋو قاتارلىقلار بار. ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش گوروھى شىركىتى. نامىنى «ھەممىباپ» دەپ ئالغىنىمدىن نارازى بولسىڭىز، يوليورۇق بەرسىڭىز سەمىمىي قوبۇل قىلىمەن.

      • ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن، نارازى بولغىنىم ئەمەس، چۈشىنەلمىگەچكە سورىغان ئىدىم.
        خىلى كۆپ كەسپىي ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ئومۇملاشمىغان بولغاچقا، بىرقىسىم ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە ئالغاندا يېڭى كۆرگۈچىلەرنىڭ چۈشىنىشى ئۈچۈن قىسقىچە چۈشەنچە بېرىۋەتسە تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەيمەن.

      • راست دەيسىز. مەن ماشىنا ساھەسىگە قىزىققىنىم ئۈچۈن ئىلگىرى مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپ ئىزدەنگەن ئېدىم. لېكىن بۇ ساھەدە ئىلمىي ۋەياكى كەسپىي تور بېكەت ۋە ماتىرىيال يوق. شۇنداق بولغانىكەن ماشىنا ساھەسىدىكى ئاتالغۇنىڭ ئوموملىشىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىغان ئىشكەن. مەن BMW دەپ ئالسام يەنە بىرى خاسىيەتلىك ئات دەپ ئېلىپ … سەل ئۈمىدسىزلىنىپ قالىمەن. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈم بەزىبىر خاس ئىسىم ۋە ئاتالغۇلارنى ئويلاپ تېپىشقا تىرىشىۋاتىمەن. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئىلمىيلىكى، قوللىنىشچانلىقى ۋە قولايلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستىمال قىلالىغۇدەك ھالەتكە ئەكىلىشكە تىرىشىمەن. شۇڭا مەنمۇ باشقىلارنىڭ نازارىتى ۋە ياردىمىگە مۇھتاج.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش