ماشىنىنى بەزىبىر تېخنىكىلىق كەمچىللىك سەۋەبىدىن قايتۇرىۋالىدىغان بەزىبىر خەۋەرلەرنى پات-پات ئاڭلاپ قالىمىز. بەلكى ئۆتكەن يىلى شىمالى ئامېرىكىدىكى تويوتانىڭ نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى تېرىغانلىق خەۋىرىنى جىق ئاڭلاپ كەتتۇق. يېقىنقى كۈنلەردە ئامېرىكىدا يەنە خوندا شىركىتىنىڭ 2010-يىلى ئىشلەپچىقارغان خوندا ئاككورد ۋە CR-V تىپىدىكى ماشىنىلار ماتورى تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قېلىش سەۋەپلىك قايتۇرىۋېلىنىدىكەن.

قايتۇرىۋېلىش بولسا مەسىلە كۆرۈلگەن ماشىنىلارنى پۈتۈنلەي ئالغان پۇل بويىچە ماشىنا ئېگىلىرىدىن سېتىۋېلىپ قايتۇرىۋېلىش بولماستىن، خېرىدارلارنى چاقىرىپ ئەكىلىپ كەمچىللىك كۆرۈلگەن جاينى ھەقسىز ئوڭشاپ بېرىشتىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنچىۋالا كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان ئىشمۇ ئەمەس. بۇنداق ئىشلار ناھايىتى كۆپ. ئۆتكەن يىلقى تويوتا ئۆتكۈزگەن خاتالىق مەسىسىلى پەقەت سەل چوڭىيىپ كېتىپ قالدى خالاس.

بۇ قېتىمقى قايتۇرىۋېلىشنىڭ ئاساسى سەۋەبى ماتور قىسمىغا ئۇلانغان توك يوللىرىنىڭ ياخشى تېگىشمەسلىك سەۋەبىدىن ماتورغا توك ئۈزۈلۈپ ئۆچۈپ قېلىش مەسىلى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 2010-يىلى ئىشلەنگەن 4 سېلىندىرلىق CR-V ۋە ئاككورد ماشىنىلىرى بار ئىكەن. بۇ مەسىلە بايقالغاندىن بۇيان شىركەت تەرەپ ھېچقانداق ۋەقە كۆرۈلمەستىن بۇرۇن دەرھال تۇتۇش قىلغان.

دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش بىخەتەرلىك باشقارمىسى (National Highway Traffic Safety Administration, NHTSA) نىڭ كۆرسىتىشىچە بۇ قېتىملىق قايتۇرىۋېلىش دائىرىسىگە كىرىدىغان ماشىنىلارنىڭ سانى پەقەت 2277 «تۇياق» ئىكەن. خىزمەت 2011 -يىلى 2-ئايدىن باشلىنىدىكەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش