سۇزۇكى ياپونىيەدە 5 يىل بۇيانقى يېڭى ماشىنسى بولمىش MR Wagon نى ئېلان قىلدى. بۇ 660 مىللىلېتىرلىق كىچىك 3 سېلىندىرلىق ماتور قويۇلغان ماشىنا بولۇپ، كورۇپكىسىغا CVT تېخنىكىسى قوللانغان. ماشىنا ئۇزۇنلىقى 3395 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 1475 مىللىمېتىر، ئېگىزلىكى 1625 مىللىمېتىر كېلىدۇ. ئوق ئارىلىقى 2425 مىللىمېتىر بولۇپ، بوشلۇقى خېلىلا چوڭ.
0.7 لېتىرلىق ماتور سەپلەنگەن بۇ ماشىنىنىڭ 2 خىل تۈرى بولۇپ، نورمال ماتور ۋە تۇربولۇق ماتور. ئات كۈچى ئايرىم-ئايرىم 54 ۋە 64 . قوزغىلىش شەكلىمۇ ئالدى چاق قوزغىلىش ۋە 4 چاق قوزغىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل.
باشقا ئالاھىدە سەپلىمىلىرىدىن سەزگۈلۈك ئېكرانلىق مېدىئا سېستىمىسى، ESP مۇقۇملاشتۇرۇش سېستىمىسى ۋە دۆڭگە يامىشىش ياردەمچىسى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلار قوللىنىلغان.
بۇنىڭ ياپونىيەدىكى باھاسى 1 مىليون 131 مىڭ 9 يۈز يىن بولۇپ، خەلق پۇلىغا تەخمىنەن 90 مىڭ يۈەنگە توغرا كېلىدۇ.
بۇ ماشىنىلار يەنە نېمە دېگەن بىلەن ياپون پاكارلىرى لايىھەلىگەن بولغاچقا بىز كوچىدا تولا كۆرىدىغان چاڭئەن ۋە ۋۇلىڭ دېگەندەك ماشىنىلاردىن كۆپ سىپتا، نەپس چىقىدىكەن.
رەسىمدىكىسى ئەسلى ماشىنا بولماستىن ئۇنىڭغا ئالاھېدە ياسىغان Wit ماركىسىدىكى چاپان كېيدۈرۈلگەن ھالىتى.
ماۋۇسى ئەسلى زاۋۇتنىڭ ئەسلى ھالىتىدىكى سۇزۇكى ۋاگون.









































دۇنيادا مىنىڭ كۆزۈمگە ئەڭ سىغمايدىغان كىۋادىرات شەكىللىك ماشىنىكەنغۇ بۇ!!!