كۆپلىگەن ماشىنا ئىستىمالچىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ بىر جايىدا بوغۇلۇپ قېلىشنى خالىمايدىغان، يېڭى – يېڭى شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى ئىستەيدىغان ئىستىمالچىلارنىڭ، ئازدۇر-كۆپتۈر چىگرا ئاتلاپ بۇياق-بۇياققا بېرىش ئستىكى كۈچلۈكرەك بولىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ماشىنا تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى تېتىشتىكى كۆۋرۈك، ئەركىن ساياھەت قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم قورالدۇر.
تۇرمۇش – پەقەت شەھەر ئىچىدىلا چەكلەنسە بولمايدۇ. ھازىر ئۆزىمىزنىڭ ماشىنىمىز بارلار ئائىلە بويىچە ياكى دوست-بۇرادەرلەر بىلەن بىللە ساياھەتكە چىقىش بارغانسىرى ئوموملىشىۋاتىدۇ. بۇ ساياھەت ھەتتا بەزىلىرىمىز ئارىسىدا ماشىنا ئەترىتى تۈزۈپ ساياھەت قىلىشتەك ھالەتلەرنىمۇ شەكىللەندۈرۈپ بولدى. بۇنى «شۇشەن تۇرمۇش» دېگەن «مودا» سۆز بىلەن تەسۋىرلەش مۇمكىن.
ساياھەت قىلىدىغان جايلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۈز يول بولىشى ناتايىن، ئەلۋەتتە. مۇشۇنداق ئۇنىۋېرساللىققا ماسلىشالايدىغان ماشىنىنىڭ پەقەت تاشقى كۆرىنىشىلا ياخشى بولۇشى يەتمەيدۇ. كۆپ قىسىملىرىمىز ئۇنىڭ ئىچكى بېزىلىشىگە، ماتور ئىقتىدارىغا، ماشىنىنىڭ ئەڭ يېڭى ئېلىكترونلۇق تېخنىكىلارنىڭ قوللانغان ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىدىغان بوپكەتتۇق. چۈنكى ئۇلارغا ئاشۇنداق «شۇشەن» تۇرمۇشقا ماس كېلىدىغان، شۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئۇنىۋېرسال ماشىنا لازىم.
گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك، بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان سۇزۇكىنىڭ SX4 دېگەن ماشىنىسى، مۇشۇنداق تەلەپتىكى كىشىلەرگە يۇقىرى دەرىجىدە ماس كېلىدىغان ئاممىباپ، ئۇنىۋېرسال ماشىنا. بۇ ماشىنىنى ئومومى ئىقتىدارىغا قاراپ چىگرا ھالقىيدىغان ماشىنا دىيىشكە تامامەن بولىدۇ.
ماشىنىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى لايىھەسىگىلا شەھەر ۋە ساياھەتنى سىڭدۈرىۋەتكەن بولغاچقا، بۇلارغا ماسلاشقان راھەتبەخش تۇيغۇسى ۋە يۇقىرى ئىقتىدار ماشىنىدا ئەكس ئېتىشى كېرەك ئىدى. خاسلاشتۇرۇلغان ئىچكى بېزىلىش، ھەيدىگەندىكى كونترول تۇيغۇسى، كەڭرى بوشلۇق، ئالدى تەرەپتىكى كۆرۈش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى قاتارلىق بىر قاتار ئالاھىدىلىك بۇ ماشىنىنىڭ ئۇنىۋېرساللىققا ھەقىقەتەن مايىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ ماشىنىنىڭ تەگلىك ئېگىزلىكى 175mm بولۇپ، دالا ماشىنىسىنىڭ ئارقىسىدىلا تۇرىدۇ. بۇ تەرەپتىكى ئارتۇقچىلىقى رىقابەتچىسى بولمىش CROSSPOLO دېگەندەك ماشىنىلارغا قاش ئاتالايدۇ. يەنە، بوشلۇقىنىڭ چوڭلۇقى دەل چىگرا ھالقىيدىغان ماشىنا بولۇشتىكى ئاساس.
شەھەر ئىچىدىكى ماشىنا قىستاڭچىلىقى، ئۇزۇن يولدىكى سەپەر ئەرزىيىتى دېگەندەك تەرەپلەردە ئورۇندۇقنىڭ راھەتبەخش بولىشى ناھايىتى مۇھىم ئامىل. بۇ ماشىنىنى سېتىۋالغان كۆپ قىسىم ماشىنا ئېگىلىرىنىڭ تەسىراتى بويىچە ئېيتساق، SX4 نىڭ ئورۇندۇقىنى يۇمشاق – قاتتىقلىقى ئوتتۇراھال، تۇتقاندىكى سەزگۈ راھەت، بەدەننى ئوراش ۋە تېرەش جەھەتتە ئالاھىدە بولۇپ، ئولتۇرغاندا ناھايىتى راھەت ھېس قىلىدىكەن. مۇشۇنداق بولغاچقا ئۇزاق ئولتۇرغاندا ئاسان چارچاش ھېس قىلمايدىكەن.
ئىنچىكىلەپ ئىزدىنىش ئارقىلىق چوقۇم ھېس قىلالايسىز، SX4 ئادەمنىڭ بەل، مۈرە ۋە دۈمبە تەرەپتىن تېرەش ۋە ئوراش جەھەتتە ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقى بار. بۇ پۈتۈنلەي ئادەم بەدىنىگە ماسلاشتۇرۇپ لايىھەلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ماشىنىنى ھەيدىگەن كىشىنىڭ راھەتبەخش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدۇ.
ماتورى ماشىنىنىڭ يۈرىكى. SX4 كە ئىشلەتكەن ماتور 2007-2008 يىلىدا يىللىق 10 ياخشى ماتور دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 205 مىللىمېتىرلىق كەڭ چاق ماشىنىنى تېخىمۇ چوڭ سۈركۈلۈش كۈچىگە ئېگە قىلىپ كونترولنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىدۇ. 1.6 لېتىرلىق M16A تىپلىق بۇ ماتور، ئايلىنىشى پەقەت 2000 دىن ئېشىشقا باشلىغاندىلا ئەڭ يۇقىرى تولغىنىش مومېنتىغا يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا تىزلىنىش ناھايىتى ياخشى.
بۇ ماشىنىنىڭ ھازىر 2 خىل نۇسقىسىنىڭ قول خوت ۋە ئاپتۇماتىك خوت بولۇپ جەمئىي 4 خىل تۈرى بار. ماتورى ئوخشاشلا 1.6 لېتىرلىق ( 1.8 لېتىرلىقىنى ھازىر تېخى ياسىمىغان ئوخشايدۇ، سانلىق مەلۇماتلىرىنى تاپالمىدىم ). ئات كۈچى 108. قۇۋۋىتى 80 كېلوۋات.
1.6 لىك 灵动型 نىڭ قول خوت نۇسقىسى 98 مىڭ 8 يۈز يۈەن. ئاپتۇماتىك خوت نۇسقىسى 108 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
1.6 لىك 运动型 نىڭ قول خوت نۇسقىسى 108 مىڭ 8 يۈز يۈەن. ئاپتۇماتىك خوت نۇسقىسى 118 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
运动型 نىڭ بىرقانچە ئارتۇقچىلىقىنى مىسال ئېلىپ ئۆتەي.
بۇ نۇسقىسىنىڭ رولىغا تېرە ئورالغان. رولىدا باشقۇرۇش كونۇپكىلىرى بار. ئىشىكنى ئاچقۇچ سالماي ئاچالايسىز. تۇڭلۈك (天窗) بار. ماشىنا توختىتىش رادارى بار. ئۇچۇر كۆرسىتىش كومپىيۇتېرى بار (ماي سەرپىياتى، سىرتنىڭ تېمپراتۇرىسى، ماينىڭ قانچىلىك يېتىدىغانلىقى، قانچلىك يول يۈرگەنلىكى دېگەندەك ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نەرسە). ئالدى رەت ئورۇندۇق ئارىسىدا جەينەكلىك بار. GPS يول باشلاش سېستىمىسى ۋە چوڭ ئېكران بار. قويغۇچى MP3/WMA نى قوللايدۇ.









































خىلى كۆپ ئىقتىدارلىرى باكەن ھە، ياراتماي يۈرۈپتىمەن بۇ ماشىنىنى….
[...] ئالالايدىغان ماشىنىلار تېمىسىدا ئالدىنقى قېتىم سۇزۇكى SX4 نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئېدىم. بۇ قېتىمقىسى شۇنىڭ بىلەن [...]