مەيلى ماشىنىسازلىق ساھەسىدە بولسۇن، مەيلى ئېلىكتىر ساھەلىرىدە بولسۇن، قۇۋۋەت ئېيتىلىدىغان جايلاردا «ئات كۈچى» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى پات-پات ئاڭلاپ قالىمىز. ئات كۈچى ھەرقايسى ئەللەردە كەڭ ئوموملاشقان، يېشى ئەڭ چوڭ بولغان، ھەمدە تا ھازىرغىچە كەڭ قوللىنىلىۋاتقان ئەڭ قېرى بىرلىكلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.
ئات كۈچى بايا ئېيتقىنىمىزدەك قۇۋۋەت بىرلىكى. قىسقارتىلمىسى HP بولۇپ، بۇ ئېنگلىزچىدىكى HorsePower دەىن كەلگەن. بۇ كەڭ قوللىنىلىدىغان ساھەلەردىن ماشىنا سانائىتى، ئىچىدىن يانىدىغان دېۋىگاتىللار ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىقلار بولۇپ، كۆپ ئىشلىتىدىغان قۇۋۋەت بىرلىكىدىن بۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋات ۋە كېلوۋات بۇ ئىككىسى بار.
ئات كۈچى نېمىگە ئاساسەن ئۆلچىنىدۇ؟
بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن 1 ئات كۈچىنى مىسال قىلىپ ئېيتساق، 1 ئات كۈچى – 75 كېلوگرام ئېغىرلىقتىكى بىر جىسىىمنى بىر سېكونت ئىچىدە 1 مېتىر ئېگىزلىككە كۆتۈرەلىگەندىكى قۇۋۋەتكە تەڭ. بۇ مېتىر سېستىمىسىدىكى ھېساپلاش ئۇسۇلى. بىز دەپ ئۆتكەن HP مېتىر سېستىمىسىدىكى ئات كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. مېخانىكىدىكى ھېساپلاش ئۇسۇلى بويىچە بولغاندا بىر كۈچ مەنبەسى 200 قاداق ئېغىرلىقتىكى جىسىمنى بىر مېنۇت ئىچىدە 165 ئېنگلىز چىسى ئېگىزلىككە كۆتۈرەلىگەندە بۇ كۈچ مەنبەسى ئېگە بولغان ئات كۈچى 1 بولىدۇ. بۇنى قىسقارتىپ PS ياكى HP-M دەپ ئاتايمىز.
ئات كۈچى بىلەن ۋات ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بولىدۇ؟
ئات كۈچى بايا ئېيتقىنىمىزدەك بىرقانچە خىل بولىدۇ. بۇنى مۇقىم بولغان ۋاتقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ھېساپلاش كېرەك:
1) مېتىر سېستىمىسى بويىچە ھېساپلاش:
1 ئات كۈچى = 745.69 ۋات (يەنى 0.746 كېلوۋات)
1 كېلوۋات = 1.34 ئات كۈچى
2) مېخانىكىدىكى ھېساپلاش ئۇسۇلى
1 ئات كۈچى = 735.5 ۋات (يەنى 0.735 كېلوۋات)
1 كېلوۋات = 1.36 ئات كۈچى
بىر ئات كۈچىنىڭ قانچە ۋاتقا تەڭ بولىدىغانلىقىنى جەيمىس ۋات (James Watt) ئىسىملىك بۇ كىشى 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھور ماشىنىسى بىلەن ئاتنىڭ خىزمەت ئۈنىمىگە ئاساسەن ھېساپلاپ چىقىپ كىشىلەرگە ئېلان قىلغان ئىكەن.
ئات كۈچىنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى يۇقىرىدىكى ئىككىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئېلكىتىر ئىلىمى ۋە سۇيۇقلۇق بېسىمىدىكى 1 ئات كۈچى 746 ۋاتقا تەڭ.
بىز كۇلۇبىمىزدا ماشىنا ساھەسىدە كۆپرەك توختىلىدىغان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن مېتىر سېستىمىسىنى ئىشلىتىمىز. تۆۋەندە بىز كۆپ ئۇچرىتىدىدىغان بىرقانچە خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ ئات كۈچىنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتىمەن.
نومۇر | ماشىنا تىپى | ماتور ھەجمى (لېتىر) | قۇۋۋىتى (كېلوۋات) | ئات كۈچى |
1 | سانتانا 3000 | 1.8 | 70 | 94 |
2 | ۋولكسۋاگېن گولف | 1.6 ۋە1.4T | 77 ، 96 | 103 ، 129 |
3 | فەرارى ئىتالىيە | 4.5 | 425 | 570 |
4 | ئاۋدى A6 | 2.0T | 125 | 168 |
5 | ئاۋدى Q7 | 3.0 ۋە 3.7 | 200 ، 206 | 268 ، 276 |
6 | خوندا فىت | 1.4 ۋە 1.5 | 73 ، 88 | 98 ، 118 |
7 | خوندا سۋىك | 1.8 | 103 | 138 |
8 | BMW X5 | 3.0T ۋە 4.4T | 225 ، 300 | 301 ، 402 |
9 | خان تاجى | 2.5 ۋە 3.0 | 142 ، 167 | 190 ، 224 |
10 | لەند كرۇيزىر | 4.0 ۋە 4.7 | 179 ، 202 | 236 ، 270 |
* باشقا جايدا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى چوقۇم ئەسكەرتىڭ.
يازما ئادرىسى : /20110101568.html









































[...] ماتور ۋە دېزىل ماتور بىرلىشىپ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 356 ئات كۈچى [...]
بۇرۇن ئات كۈچى دېسە مەن تېخى ئات بىلەن بەسلەشتۈرۈپ ياكى شۇنچە ئاتنىڭ سۆرىيەلىگەنچىلىك نەرسىنى سۆرىيەلىسە شۇنىڭغا ئاساسەن مانچە ئات كۈچى – ئانچە ئات كۈچى دەيدىغان ئوخشايدۇ دەيتىم
ئات كۈچى توغۇرلۇق بۈگۈن خېلى بىرنىمىگە ئىگە بولىۋاپتىمەن . پاسىبانىمغا كۆپ رەھمەت .
قوشۇپ قويىدىغىنىم ماتۇر قۇۋۋىتىگە 1.33 نى كۆپەيتسە ماتۇرنىڭ ئات كۈچىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
ئۆزۈم مۇشۇ كەسىپتىن بولغاچقا ئانچە مۇنچە سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ھەپىلىشىپ قويىمەن.