فورد فىيېستانىڭ Fiesta RS تىپلىق دۇنيا راللىي مۇسابىقە ماشىنىسى يىل بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇسابىقە ماشىنا كۆرگەزمىسى Autosport International Racing Car Show دە تۇنجى بولۇپ كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ يېڭى مۇسابىقە ماشىنىسىنىڭ يوپۇقىنى فورد مۇسابىقە ئەترىتىگە تەۋە Mikko Hirvonen ئاچتى.
بۇندىن كىيىن بۇ ماشىنىمۇ ئاكىسى فوكۇسقا ئەگىشىپ دۇنيا ئاپتوموبىل تەنھەرىكىتى فېدراتسىيىسى FIA نىڭ (Federation of International Autosport) دۇنيا راللىي لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى WRC دا (World Rally Championship) مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. مۇسابىقە ئەترىتىنىڭ نامى «فورد ئەبۇزەبى دۇنيا راللىي ئەترىتى» دەپ بېكىتىلدى.
فورد ئۆتكەن يىل 9-ئايدا پارىژ كۆرگەزمىسىدە مۇشۇنداق بىر مۇسابىقە ماشىنىسى ياساپ چىقىدىغانلىقىنى پۇرىتىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. لىكىن، ئۇ چاغدىكى لايىھەدە ئازراق ئوخشىماسلىق كۆرۈلگەن بولۇپ، فورد شىركىتىنىڭ ياۋرۇپا مۇسابىقە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى چۈشەندۈرۈپ : بىزنىڭ سىرتقى كۆرىنىشىنى تېخىمۇ دىققەتنى تارتىدىغان قىلىپ لايىھەلىگەنلىكىمىز، شۇنداقلا يېڭى مۇسابىقە ئەترىتىمىز قۇرۇلغانلىقتىن بۇرۇنقى لايىھەگە تۈزىتىش كىرگۈزدۇق. كېلەر ئاينىڭ 10~13 كۈنىدە شىۋىتسارىيەدە مۇسابىقىنى باشلايمىز، دېدى.
بۇ فىيېستا RS نىڭ 1.6 لىك ماتورىغا EcoBoost نىڭ تۇربوسى قوشۇلغان بولۇپ، 4 چاق قوزغىلىدىغان قىلىپ لايىھەلىگەن. تېخىمۇ تەپسىلىي سانلىق مەلۇماتلار كېلەر ئايدا ئېلان قىلىنىدىكەن.









































يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار