Hyundai نىڭ سپورت ماشىنىسى Veloster بازارغا سېلىنماقچى

كورىيەنىڭ «شەھەرلىك ئوۋچى» ناملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرىدىكى باش قەھرىمان ھەيدەيدىغان بىر ماشىنا بار ئىكەن. ئۇ ماشىنىغا ھاندەي (Hyundai) شىركىتى ۋىلاستېر (Veloster) دەپ نام بېرىپتۇ. تېلىۋېزىيە تىياتېرىدا كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكەن بۇ پەچەت ماشىنا – بۇ يىل يازدا شىمالىي ئامېرىكىدا بازارغا سېلىنغۇدەك.

داۋامىنى ئوقۇش »

تېخى ئەمدىلا ئاياقلاشقان دىترويىت كۆرگەزمىسىدىن كىيىنلا ئۇلىشىپ جەنۋە ماشىنا كۆرگەزمىسى باشلىنىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، بارلىق قاتناشقۇچى شىركەت-كارخانىلار جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل ھەقىقەتەن ئالدىراشلا بىر يىل باشلىنىپ كەتتى. چۈنكى جەنۋەدە كۆرگەزمە ئاياقلاشقاندا 4-ئايدا يەنە شاڭخەيدە كۆرگەزمە باشلىنىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇلىشىپلا ئەڭ داڭلىق فرانكفورد ماشىنا كۆرگەزمىسى. مونوسى مازدانىڭ جەنۋە كۆرگەزمىسى ئۈچۈن تەييارلىغان ئۇقۇم ماشىنىسى Minagi ئىكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

پاجانىنىڭ يېڭى ماشىنىسى C9 ھەققىدە نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر تېما يوللىغان ئېدىم. بۈگۈن توردا بۇ ماشىنىنى يولدا سىناق قىلغان چاغدا ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىۋالغان كۆرۈنىشى ئېلان قىلىنىپتۇ.

ئەسلىدە تەيۋەندىكى بىر تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى يۇتيۇبتىكى بۇ فىلىمنى خەۋەر قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئەسلى فىلىمنى ئىتالىيەلىك تورداش NM2255 يۇتيۇبقا يوللىغان ئىكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر. بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان ئۆيدە بولالماي قېلىپ، بلوگ تاشلىنىپ قالدى. كەپ تۇرغىنىڭلارغا رەھمەت.

بۈگۈن تور بەتلەرنى ئاقتۇرۇپ قارىسام GMC نىڭ Sierra HD Concept دېگەن ئۇقۇم ماشىنىسىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى رەسىملىرىنى ئېلان قىپتۇ. بەزىلىرىنى ئېكران تەگلىكى قىلىۋالساقمۇ بولىدىكەن. بۇنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئۇقۇم ماشىنىسى بىر زاۋۇتنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىدىن ياسالغان، كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلمايدىغان، دۇنيادا شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىسىدا ياسىلىدىغان نادىر تۈر، ئىسىل ئەسەردۇر. ئۇقۇم ماشىنىسى ئەڭ ئاۋال يەرمەنكىلەردە ئېلان قىلىنىدۇ. يەرمەنكىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقۇم ماشىنىلىرى ئەڭ تېز بولغاندا 2 يىلدىن كىيىن كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بەزىلىرى شۇ ھالەتتە نادىر ئەسەر سۈپىتىدە قېپقالىدۇ. رەسىمدىكى 10 ئۇقۇم ماشىنىسى 2010-يىلى ئىچىدە ئېلان قىلىنغان ماشىنىلار ئىچىدىن تاللانغان 10 نادىر ماشىنا بولۇپ باھالانغانلىرى.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئۇقۇم ماشىنىسى بىر ماشىنا زاۋۇتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. BMW نىڭ  Vision Efficient Dynamics ناملىق بۇ ئۇقۇم ماشىنىسى فرانكفورت ماشىنا يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمىگە قويۇلغاندىن كىيىن ھەۋەسكارلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكەن ئېدى. بۈگۈنكى كۈنلەردە بولسا مۇھىت ئاسرايدىغان بۇ ئالاھىدە چاپقۇر خەلقئارا مەركىزى شەھەر دۈبەيدە پەيدا بوپتۇدەك.

داۋامىنى ئوقۇش »

بۇ يىلقى گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە ئۇقۇم ماشىنىلىرىمۇ يىللاردىكىدىن كۆپ بولدى. بىر قاراشقا ئادەم لاسۋېگاس ماشىنا كۆرگەزمىسىگە كەپقالغاندەك ھېس قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئىشقىلىپ خېلى چوڭ كۆرگەزمىلەرگە ئوخشىدى. بۇ ماشىنىمۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان ئاشۇ ئۇقۇم ماشىنىلىرىنىڭ بىرى. ئەگەر كوچىدا مۇشۇ ماشىنىنى كۆرۈپ قالساق ھەممە ئادەم قاراپ، ماشىنا ھەيدەۋاتقانلار ئالدىدىكى ماشىنىغا ئۈسسۈسە، پىيادىلەر ئىستولبىغا… مانى ھەيدىگەن شوپۇر بولسا مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئاخسا ھەيدەپ كەتسە …

داۋامىنى ئوقۇش »

VW Taxi Concept London

7 ئاي ئىلگىرى ۋولكسۋاگېنVolkswagen 大众“ خانوۋېر سودا يەرمەنكىسىدىكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ Milano Taxi Concept دەپ ئاتىلىدىغان تاكسى ئۇقۇم ماشىنىسى تۈرىنى تەتقىق قىلىپ ياسايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن  ئېدى.  شۇ چاغدىكى مىلەن شەھىرىنىڭ يەرلىك پۇرىقىغا ئېگە بولغان بۇ تاكسى ماشىنا لايىھەسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 7 ئاي كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بولسا ۋولكسۋاگېن يەنە ئۇلاپلا ئۇنىڭ داۋامى بولمىش London Taxi Concept نى ئېلان قىلدى. داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量



App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.3 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0111 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش