كىچىك، ئىخچام تۈرىدىكى ماشىنىلار مەيلى يېڭى ماشىنا سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە بولسۇن، 2-قول ماشىنا بازىرىدا بولسۇن ئەڭ كۆپ سالماقنى ئېگەللەيدىغان تۈر. نۆۋەتتە 50 مىڭ يۈەندىن 120 مىڭ يۈەنگىچە بولغان ماشىنىلار كوچىدىمۇ، بازاردىمۇ جىق. بۈگۈن مۇشۇ كاتېگورىيىگە كىرىدىغان ماشىنىدىن بىرنى، يەنى Hyundai i30 نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
قارىماققا ياۋروپا ماشىنىلىرىغا خاس ئالاھېدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ھاندەينىڭ بۇ كىچىك ماشىنىسى سىرتقى كۆرىنىشىدىن BMW نىڭ 1 تۈرىگىمۇ ئوخشاپ قالىدۇ. يېقىندىن بۇيان كورىيەنىڭ ماشىنىلىرى لايىھەدە چوڭ ئىنقىلاب ئېلىپ باردى.
يېقىندىن بۇيان لايىھەلىنىۋاتقان كورىيە ماشىنىلىرىدە بۇرۇنقىدەك مىجىق، سەت لايىھەلەر ئاساسەن ئىشلىتىلمەيۋاتىدۇ. باشتىن-ئاخىر ئۇلاشقان سىزىقچە لايىھەلىرى ياۋرۇپا ماشىنىلىرىن ئېلھام ئالغاندەكلا. ھايدەينىڭ يېڭى ئېلەنترا، سوناتالىرى، كىيانىڭ K3, K5, K7 لىرى نەچچە يىل بۇرۇنقى ئۇقۇم ماشىنىسىنىڭ ئۆزىلا. لايىھەدە گەپ يوق ئىدى.
بۇ ماشىنىنىڭ 2007-يىللىق فرانكفورت ماشىنا كۆرگەزمىسىنىڭ رېژىسسورى لايىھەگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ ماشىنىلاردىكى ياۋرۇپاچە پۇراق مۇشۇ كىشىنىڭ لايىھەسىدىن يۇققان بولىشى مۇمكىن. بۇ ماشىنىنىڭ ئوق ئارىلىقى 2.65 مېتىر بولۇپ، جۇڭگودىكى 2 ساندۇقلۇق ماشىنا ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇنى ھېسابلىنىدۇ. ئىچ بوشلۇقى ھەر ھالدا خېلى چوڭ.
بۇ ماشىنىنىڭ ئىچكى بېزىلىشى ھەشەمەت ئەمەس، لېكىن ئاددى بولۇپ ئۆزگىچە ئازادە ھېس قىلدۇرىدۇ. ئىچكى بېزىلىشگە قارىساق بۇنىڭ ئاكىسى ئېلەنترانىڭ 2 ساندۇقلۇق نۇسقىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
بېزىلىشى ئاددى بولسىمۇ، كېتەرلىك نەرسىلەرنى يەنە تاپقىلى بولىدۇ. رولىدا ئاۋاز كونترول قىلىدىغان كونۇپكىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
كۆرسىتىش ئېكرانى. بۇنىڭدىمۇ ئارتۇقچە ھەشەم-دەرەملەر يوق. لېكىن لازىملىق نەرسىلەر يەنىلا كەم ئەمەس.
كۆرسىتىش ئېكرانىنىڭ چىرىقى بولىدىكەن.
مەركىزى كونتروللاش رايونى. بۇ يەردىكى نەرسىلەرمۇ سېممېترىك ھالدا لايىھەلىنىپتۇ. خۇددى ئوتتۇرىغا بىر تال ئەينەك قويۇپ قويغاندەكلا.
بۇ ماشىنىنىمۇ ئاپتۇماتىك خوتلۇقى بار. ئېھتىياجغا قاراپ تاللاپ سېتىۋېلىشقا بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، قول خوتلىقىمۇ كام ئەمەس.
ئادى رەتتىن بىر كۆرۈنۈش. خېلىلا كۆركەمدەك قىلامدۇ نېمە؟
تۆت ئەينەكنىڭ ھەممىسى توكلۇق چىقىپ چۈشىدۇ. ئەمەلىيەتتىغۇ 30 مىڭنىڭ يۇقىرىسىدىكى ماشىنىلارنىڭ ھەممىسى شۇ. شۇنداق بولسىمۇ بۇ بىر بولۇشقا تېگىشلىك سەپلىمە بولغانلىقتىن بىر كۆرسىتش كېرەك ئەلۋەتتە.
ھازىرقى مودا بولىۋاتقان يەنە بىر سەپلىمە – تۈڭلۈك
ماۋۇ نەرسە مېنىڭچە ئىنتايىن زۆرۈر بولغان بىر نەرسە. ئۆزىنىڭ خۇنى تايىنلىق بولسىمۇ، ناھايىتى ئەپلىك. مۇشۇ نەرسە بولسا مەن ماشىنا ھەيدىسەم ئىنتايىن راھەت ھېس قىلىمەن. بىر قولۇمدا ماشىنا ھەيدەپ كۆنۈپ قالغاچقا ئوڭ قولۇمنى قويىدىغان جاي تاپالماي ئىچىم سىقىلىپ قالىدۇ. بۇ ماشىنىدا لايىھەلىنىشىدىلا بار ئىكەن.
iPhone, iPod touch, iPad لەردىكى 3.5 مىللىمېتىرلىق قۇلاقلىق سالىدىغان جايغا ئوخشايدىغان AUX ئىسىملىك بۇ «ئوقەت» نىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ بۇ ئورۇنغا ھەر ئىككى ئۇچى مۇشۇنداق بولغان سىم كېتىدۇ. بىر ئۇچىنى iPhone غا ئۇلاپ يەنە بىر ئۇچىنى بۇ يەرگە ئۇلىساق، ئايفون خۇددى قۇلاقلىق تونۇغاندەك ئۆزىدىكى ئاۋازنى ماشىنىغا يوللايدۇ. ئەلۋەتتە، ماشىنىدا خۇددى رادىئو ۋە CD نى تاللىغانغا ئوخشاش AUX نى تاللىساق ئاندىن بۇ ئاۋازنى ماشىنىنىڭ ياڭراتقۇسىدىن چىقىرىدۇ. بەلەن نەرسە. مەن داۋاملىق ماشىنىدا ئايفونۇمدىكى ناخشىلارنى مۇشۇنداق ئاڭلاپ ماڭىمەن. لېكىن تېلىفون كەلسە مىكروفۇنى بولمىغانلىقتىن سىمىنى چىقىرىۋېتىپ ئاندىن پاراڭلىشىدىكەنمەن.
ماشىنىنىڭ چوڭ-كىچىلىكىنى ماۋۇ رەسىمدىن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.
ئالدى تەرەپتىكى تۇمان چىرىقى ئوتتۇرا تورسىمان قىسمى بىلەن ئوخشاش رەڭدىكى پارقىراق مېتال رەڭدە بولۇپ، ھەشەمەت كۆرۈنىدۇ.
ئالدى تورنىڭ ماۋۇ لايىھەسىدىن ياۋرۇپا پۇراپ تۇرىدىكەن.
ھازىرى ماشىنىلاردا ئاساسەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېگىز ئورۇنلاشقان تورموز چىرىقى مودا بوپكەتتى. ماۋۇ كىچىك ھاندەيچاقمۇ مودىدىن قالماپتۇ مانا.
ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن سەپلىمە ئاز ئەمەس. زاۋۇتتىكى ئەسلى لايىھەدىمۇ ئارقا خوتقا سالغاندا دەرھال خىزمەتكە چۈشۈپ كېتىدىغان بىخەتەرلىك رادارى سەپلەنگەن ئىكەن. ئاددى بولسىمۇ، مۇھىم نەرسىلەر يەنىلا تولۇقكەن.
بۇرۇنقى تۇلپار دەيدىغان بىر ئۇرۇق-تۇققىنى بار ماۋۇ ماشىنىنىڭ. كۆزى ئاشۇ سەت ماڭنۇرغىلا ئوخشايتى. چىراق دېگەننى مانا مۇنداق يىگەن-ئىچكەندەك لايىھەلىمەمدۇ دەيمەن.
بايا BMW نىڭ 1 تۈرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ دەپ ئۆتۈپ كەتكەن ئېدۇق. ئوخشامدۇ ئوخشىمامدۇ بىر قاراپ باقايلى قېنى.
ماشىنىنىڭ گەۋدە قىسمىنىڭ چىرايلىق لايىھەلىنىشىنى پەچەت كاستىيۇم كىيگەن كىشىگە ئوخشاتساق، چاقى ۋە بەندىشىنى ئاياغقا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئاياغ ياراشمىسا كىيىم كېچەكمۇ پەقەت ئاچمايدۇ. بۇ شۇمتەكنىڭ بەندىشى ماڭا تولىمۇ ياقتى. 16 سۇڭلۇق بەنداشتىن سپورت پۇراپ تۇرىدىكەن. چاقىغا ئەلۋەتتە ۋەتەنپەرۋەر كورىيەلىكلەر ئۆزىنىڭ كۇمھوسىنى ئىشلىتىدۇدە.
ھاندەي ھازىرقى ماشىنىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئاساسەن VVT نى ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇنى دەسلەپ تويوتا كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتكەن. ئەمدى تاس قېلىۋاتىدۇ ھېندىستاننىڭ تاتاسىمۇ ئىشلەتكىلى. تەرەققى قىلسا مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ.
پارقىراق مىتال رەڭدىكى تۇتقۇچ ماشىنىغا بۆلەكچە ئىسكەت بېرىدۇ جۇمۇ.
ھەممىسى ئالىي ماشىنىلارنى دورىغىلى تۇردى. شەكلىنى BMW غا ئوخشاتسا بۇرۇلۇش چىرىقىنى BENZk غا.
چىراقنى لايىھەلىگۈچىگە خۇدا بىر بەرىكەت بەرگەن كىشىكەنمۇ دەيمەن، كەينىدىكى چىراقنىمۇ يامان بەك بەرىكەتلىك لايىھەلەپتۇ. ئەپسۇس، يوپيورۇق يانىدىغان LED قىلىۋەتكەن بولسا …
ئادەمنىڭ يۈرىكى بولسا، ماشىنىنىڭ ماتورى بار. ماتور ماشىنىنىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ چوڭ، ھەقىقەتەن تولىمۇ چوڭ بىۋاستە ئامىل. مونو ھاندەيچاققا 2 خىلى ماتور سەپلەنگەن ئىكەن. بىرى، قىزلارغا ماس كېلىدىغان 1.6 لىك ماتور بولۇپ، 123 ئات كۈچى چىقىرالايدۇ. ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 4200 نى ئايلانغاندا 155 كېلوگرام.
يەنە بىرى ئوغۇللار ئۈچۈن 2.0 لىك ماتور سەپلەنگەن نۇسقىسى بولۇپ، 143 ئات كۈچى چىقىرالايدۇ. ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 4200 نى ئايلانغاندا 186 كېلوگرام.
ئالدى رەت ئورۇندۇق قارىماققا سپورت ماشىنىلىرىنىڭكىگىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.
كەينى رەتتىكى ئورۇندۇقتا ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشقا ئىستاكان ۋە جەينەك قويىدىغان يەرمۇ كام ئەمەسكەن. بۇ ماشىنا گەرچە كىچىك تىپتىكى ماشىنا بولسىمۇ، لازىملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاساسەن تاپقىلى بولىدىكەن.
ماشىنا كىچىك بولغىنى بىلەن، ئارقا رەتتىكى ئورۇندۇقنى پەچەت تۈزلىۋەتكىلى بولىدىكەن. بۇ كىشىگە بۆلەكچە قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئەسلىدىكى 307 لېتىرلىق بوشلۇق، ئارقا ئورۇندۇقنى ياتقۇزىۋەتكەندىن كىيىن 1217 لېتىرغا چوڭىيىپتۇ. بىر ئائىلە كىشىلىرى سەپەرگە چىققاندا بۇ يەرگە يوتقاندىن بىرنى ئېلىۋېلىپ ئانا-بالا ياتسىمۇ بولامدۇ نېمە؟
ئارقا رەتتىكى بوشلۇقنى ئەمەلىي مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈش
ھاندەي i30 نىڭ تىزلىنىش سىنىقىدا (0 سۈرئەتتىن 100گە چىقىش سىنىقى) 9.6 سېكونت نەتىجىگە ئېرىشىلگەن. بۇ 2.0 لىك ماتوردىكى نەتىجە بولۇپ، ئوخشاش تۈردىكى ماشىنىلاردىن فورد فوكۇس 9.4 سېكونت، پېژۇت 307 9.3 سېكونت، سىتروئېن س كۇۋاترو 世嘉 بولسا 9.8 سېكونت ئىكەن. ھاندەي i30 نىڭ نەتىجىسىنى خېلى يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن مېنىڭ شەخسەن قارىشىمدا، 2.0 لىككە قارىغاندا 1.6 لىكنىڭ يەنە كۈچى بار ئىكەن.
تورموز سىنىقىدا بولسا نەتىجە تازا كۆرۈنەرلىك ئەمەس. نەچچە قېتىملاپ سىناشتا (100 سۈرئەتتە تورموزلا 0 گە چۈشكۈچە كەتكەن ئۇزۇنلۇق) 45.2 مېتىر بولۇپ چىققان. بۇ نەتىجە كىشىنى سەل ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
2.0 لىك نۇسقىسىنىڭ ماي سەرپىيات سىنىقىدا 100 كېلومېتىرغا 7.55 لېتىر ماي سەرپ قىلغان. بۇ تەجرىبە بىر قەدەر راۋان بولغان يولدا سىناق قىلىنغان بولۇپ، ئەگەر داۋاملىق يول قىستاڭ بولىدىغان جايلاردا ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن 1 لېتىردىن 2 لېتىرغىچە قوشۇلىشى مۇمكىن.
بۇ ماشىنىنىڭ شاۋقۇن يوقىتىش ئىقتىدارىنى خېلىلا ياخشى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ماتور ئوت ئېلىنغان چاغدا ئاران 46.3 دېتسىبېل. 120 كېلومېترىلىق سۈرئەتتە 72.1 دېتسىبېل چىققان. تەپسىلاتىنى رەسىمدىن كۆرۈڭ.
ھاندەي i30 نىڭ 1.6 لىك ۋە 2.0 لىك نۇسقىلىرى بار. بۇلارنىڭ باھالىرىنى ئايرىم-ئايرىم تىزىپ چىقايلى. ئاۋال 1.6 لىكنىڭ باھاسىنى تىزىپ چىقايلى:
قول خوت راھەت تىپلىق: 99 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
ئاپتۇماتىك خوت راھەت تىپلىق: 109 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
قول خوت ئالىي تىپلىق: 112 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
ئاپتۇماتىك خوت ئالي تىپلىق: 120 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
قول خوت ھەشەمەت تىپلىق: 120 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
ئاپتۇماتىك خوت ھەشەمەت تىپلىق: 129 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
2.0 لىكىنىڭ پەقەت 2 خىل تۈرى بار بولۇپ، ئۇلار:
قول خوتلىقى: 131 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
ئاپتۇماتىك خوتلىقى: 141 مىڭ 8 يۈز يۈەن.
Hyundai i30 نىڭ رىقابەتچى ماشىنىلىرىدىن بىر ئىككىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. بۇ ماشىنىنى ئويلاشقانلار بۇلارنىمۇ ئويلاشسا تامامەن بولىدۇ.
1. نىسسان تىدا









































قالتىس تەپسىلىي تۇنۇشتۇرىۋېتىپسىزغۇ. لېكىن باھاسىمۇ يامان ئەمەس ئىكەن
فورد فۇكىسقا سەت كۆيىمەن
، 改装 قىلسا بۇ كاسافەتنى ……….