نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشىلىتىپ كېلىۋاتقان بۇرادەرلەر iTunes تىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىغۇ دەيمەن. شۇڭا بۇ جەرياندا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان ئوخشايدۇ. شۇڭا بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچەمگە ئاساسەن ئازراق تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم.
گەرچە بالدۇرراق قىلىش ئويۇم بولسىمۇ بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى كېچىكىپ قالدى. مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىشلەتكۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەممىنى بىلىپ كەتمەيمەن. خاتا كەتكەن يېرى بولسا كۆرسىتىپ بەرگەيسىلەر. قېنى سىنغا مەرھەمەت









































مۇشۇئايتۇنېس دىگەن نىمىنى خېلى چۈشەندىم دىسەم مىنى تازا جىلە قىلدىغۇ.!كومپىيۇتېرغا سېستىما قاچىلاپ ئايتۇنىسنى يېڭىلىسام يانفۇنۇمدىكى يۈزدىن ئارتۇق دېتالنىڭ ھەممىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپتۇ.ئالما يانفۇندىن شۇقەدەر رازى ئىدىم،مۇشۇ ئىشىدىن بەك نارازى بولدۇم.
مۇشۇنداق بىر يازما كام ئىدى زادى ، ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ….
ماۋۇ ئايفون ئۇسلۇبى كارامەت يارىدى جۇمۇ ماڭا ، بولسا تېخىمۇ كۆپ بلوگگىر دوستلارنىڭ ئايفون ئۇسلۇبىنى ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
دەرىسلىك ناھايىتى تەپسىلى سۆزلىنىپتۇ، كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم.
پاسىبان ھەزرەتنىڭ ئەمگىكىگە بارىكاللا.
دەرىسىڭىز مەندە يەنە يىڭى سۇئاللارنى پەيدا قىلدى…
1. كومىيۇتىرغاقايتا سىستىما قاچىلاشتىن بۇرۇن ئەسلىدە بار بولغان قايسى ھۆججەت قىسقۇچنى زاپاسلىۋاساق كىيىن قاچىلىغان سىستىمىدا ئايتۇنىس بۇرۇنقى ئەپلەرنى نورمال ماس قەدەملىيەلەيدۇ.
2.پاسىباننىڭ ئايفونى دىگەن ئىسىم ئەجەپ چىرايلىق تۇرۇپتۇ ئايتۇنىسقا قايسى كىرگۈزگۈچتە كىر گۈزدىڭىز
iTunes ئامبىرىدىكى ئەپلەرنى 我的文档 نىڭ ئاستىدىكى 我的音乐 نىڭ ئاستىغا iTunes دەپ بىر ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە ساقلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سېستىمىنى يېڭىدىن قاچىلاشتىن بۇرۇن 我的文档 نىڭ ئادرىسىنى باشقا ئادرىسقا ئالماشتۇرۇپ قويساقلا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن
我的文档 نىڭ 属性 نى ئېچىڭ. قارىسىڭىز ھازىرقى 我的文档 نىڭ ئادرىسى كۆرىنىدۇ. ئاستىدىكى 移动 نى بېسىپ D دېسكىدىكى مەلۇم بىر يەرنى تاللاپ بېرىڭ (مەسىلەن D:\My Documents ) ئاندىن 应用 ۋە 确定 نى باسسىڭىزلا بولدى.
كومپىيۇتېرنى قايتا بىر قوزغىتىپ iTunes نى ئېچىپ كۆرۈڭ. بايىقى ئەپلەرنىڭ ھەممىسى D دېسكىدىكى بايىقى ئادرىسقا يۆتكىلىدۇ. شۇڭا C دېسكىدىكى ھەممە نەرسىلەر يۇيۇلۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ بۇ نەرسىلەر يۇيۇلمايدۇ. يېڭى سېستىما قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن 我的文档 نىڭ ئادرىسىنى بايىقى ئادرىسقا (چوقۇم بايىقى ئادرىسقا بولىشى شەرت) كۆرسىتىپ قويسىڭىزلا بولدى. iTunes نى قاچىلىسىڭىز ئاپتۇماتىك ھالدا D دېسكىدىكى ھۆججەتلىرىم ئارسىدىن ئەپلەرنى تاپىدۇ، قايتا چۈشۈرۈشنىڭ ۋە ئايرىم جايغا زاپاسلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
2. سىز دەل ئىنكاس يازىدىغان مۇشۇ جايغا «بەگزادىنىڭ ئايفونى» دەپ يېزىپ كۆچۈرىۋېلىڭ. ئاندىن iTunes تىكى ئاشۇ ئىسىم بار يەرگە ئەكىلىپ ئاستا 2 قېتىم چېكىپ ئىسىم ئالماشتۇرۇش ھالىتىگە ئۆتۈڭ ۋە بايىقى كۆچۈرىۋالغاننى چاپلاڭ. ئىش تامام
مەن ئايتۇنىسنى قاچىلاپ يېڭى نومۇر ئالاي دىسەم مەخپى نومۇر بىرلىككە كەلمىگەن دەپ چىقۋالدى .شۇنچە توغرا قىلساممۇ شۇ .سان بىلەن ھەرپنى ئارلاشتۇرساممۇ ئوخشاش قانداق قىلسام نومۇر ئالالايمەن؟
ئېنىق خاتالىق ئۇچۇرى قايسى شۇنىڭغا تەپسىلىي بىر قاراپ كۆرۈڭ. بۇ يازمىنىڭ سىزگە پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس:
http://goo.gl/GrRql