ئالتۇن كان ئىشىچىسى ناملىق بۇ ئويۇن بەلكى سىز بۇرۇن بىر مەزگىل ياقتۇرۇپ ئوينىغان بولىشىڭىز مۇمكىن. شۇنداق، بۇ خېلى كۆپ كىشىلەر ئىچىدە ناھايىتى كلاسسىك دەپ قارىغان ئويۇننىڭ بىرى. بۇنىڭ كومپىيۇتېردا ئوينايدىغان فلەش نۇسقىسىمۇ بولىدىغان. يەنە ئاندرويد ۋە نوكىيا تېلفۇنلىردىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئويۇنلار بار. مەيلى قايسىدا بولسۇن، بۇ يەنىلا ئىنتايىن قارشى ئېلىنىدىغان ئويۇن.

سىز بۇ ئويۇننى ئويناشقا بەلكى خېلىلا پىششىققۇ دەيمەن، ئوينىمىغانلار ئۈچۈن بىر قۇر ئېيتىپ ئۆتەي.

ئويۇندا ئەڭ مۇھىمى بىزنىڭ ئۆتكۈر كۆزىمىز ۋە دىتىمىز. ئىلمەك جايىغا كەلگەندە ئېكراننىڭ خالىغان يېرىگە باسىسىز، ئاستىدىكى ئۇچرىغان نەرسىنى قىسىپ ئېلىپ چىقىدۇ. قانچە چوڭ ئالتۇننى ئالالىسىڭىز شۇنچە كۆپ پۇل تاپالايسىز. ھەر بىر ئۆتكەلدە بىزگە ئالدىن نىشانلاپ بېرىلگەن پۇل بار. قازغان ئالتۇننىڭ قىممىتىنى شۇ پۇلدىن ئاشۇرالىساق ئۆتكەلدىن ئۆتەلىگەن بولىمىز. كىيىنكى ئۆتكەل بۇ ئۆتكەلگە باغلىنىشلىق بولۇپ، بۇ قېتىم ئوشۇقراق تاپسىڭىز كىيىنكى ئۆتكەلدىن ئۆتىشىڭىزگە پايدىلىق.

ھەر بىر ئۆتكەلدىن ئۆتكەندە قېزىش جابدۇقلىرى ساتىدىغان دۇكاندىن لازىمەتلىك سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بومبا، كۈچ قوشىدىغان دورا، تەلەي سۈيى دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ كىيىنكى مەيداندا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. كۆرۈنمە يۈزى خەنچە، چۈشەندۈرىشىدىن ئوقۇپ بىلىۋالالايسىز.

`

ئويۇن ئىسمى : 黄金矿工

ياسىغان شىركەت : Colorme(Beijing)Info Tech Co.,Ltd

ئويۇن تۈرى : ئارامبەخش

چوڭلۇقى : 5.5 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش