سوقما توپ (بوۋلىڭ) بىر خىل يىنىك ۋە راھەت تەنتەربىيە تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ياقتۇرىشىغا ئېرىشىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئاغىنە بالىلار بىلەن بىر يەرگە كەلسەك ئانچە-مۇنچە بېرىپ ئويناپ قويىدىغان توپ تۈرىمىز. بۇنىڭ ئويۇنلىرىمى App Store دا خېلى قارشى ئېلىنىدۇ. ئەگەر سىز ئەمەلىيەتتىكى سوقما توپنى ياقتۇرسىڭىز Tiki 10 Pin Gold ناملىق بۇ ئويۇننىمۇ چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.
ئويۇن 5 نەپەر مايمۇننىڭ باش رول ئېلىشى بىلەن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، توپنى باشلىغاندا ئېتىش كۈچى ۋە ئاتىدىغان جاينى مۇۋاپىق تەڭشەپلا ئوينايمىز. يەككە ئادەم ۋە ئىككى كىشى بىللە ئوينىغىلى بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى ناھايىتى تىزلا ئۆگىنىپ كېتىسىز.
ئويۇننىڭ قىسقا فىلىمىنى كۆرۈپ باقايلى
ئويۇن ئىسمى : Tiki 10 Pin Gold
ياسىغان شىركەت : Half Fast Games
چوڭلۇقى : 19.3 MB
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار