ئالدىنقى ھەپتە iOS ئۈسكۈنىلىرى ئىچىدىكى تەۋسىيە قىلىنغان ئالدىنقى قاتاردىكى 10  ئەپنى تىزىپ چىقىپتۇمىش. سىز بۇلارنىڭ قايسىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باقتىڭىز؟ قايسىسىنى كۆرۈپ باققان ئىدىڭىز؟ 300 مىڭدىن ئارتۇق ئەپلەرنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى تەۋسىيە قىلىنغان 10 ئەپ زادى قايسى، بىرلىكتە كۆرۈپ ئۆتەيلى.

10-سى : Baby Monitor

Baby Monitor

بۇنىڭ 10-سى Baby Monitor ئىسىملىك ئەپ بولۇپ، بۇ ئەپنىڭ ئىقتىدارى بولسا بوۋاقنىڭ يىغىسىنى نازارەت قىلىپ چوڭلارغا خەۋەت بېىرىكەن. سىز بۇ ئەپنى قوزغىتىپ iOS ئۈسكۈنىسىنى (مەسىلەن، ئايفوننى) بوۋاقنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويۇپ مەيلى ئۆيدە ۋەياكى سىرتتا بولماڭ، بوۋىقىڭىز يىغلىغان ھامان ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىكەنسىز. لېكىن شەرتى، تور مۇھىتى بولىشى كېرەك ئىكەن.

سېتىۋالغۇچىنىڭ بىرى باھا يېزىپ، بۇ بەلكى بوۋاق تەربىيىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەينىكى بولسا كېرەك، ھەيران قالارلىقى بوۋىقىم يىغلىغان ھامان مەن ئۇچۇر قوبۇل قىلىۋالدىم، ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن! دەپتۇ.

ئەپ ئىسمى : Baby Monitor

باھاسى : 4.99 $

ياسىغۇچى : JEFF MCMORRIS

تۈرى : قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 2.2 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى : 


9-سى : SKTCH for iPad

SKTCH for iPad

Sktch ئىسىملىك بۇ ئەپ iPad ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، خاسلىققا ئېگە ھەرخىل 2D لىك ۋە 3D لىك رەسىم سىزغىلى بولىدۇ.  ئالدىن قوشىۋېتىلگەن 16 خىل ئىقتىدارى ئارقىلىق 2D  ۋەياكى 3D لىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى، ھەتتا كۆپ نوقتىنى تەڭ بېسىش ئارقىلىق ئۆ‍زگىچە تۈس قوشقىلى بولىدىكەن. رەسساملار ئۈچۈن پەچەت ئەپ بولسا كېرەك.

 

ئەپ ئىسمى : Sktch

باھاسى : 1.99 $

ياسىغۇچى : Filip Visnjic

تۈرى : فوتو-سۈرەت

چوڭلۇقى : 7.7 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى : 


8-سى: Thrutu

Thrutu

بۇ قوللىنىشچان ئەپ بولۇپ، تېلىفون ئۇرىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە رەسىم، تېلىفۇن دەپتىرىدىكى ئۇچۇرلار ۋە ياكى ئورنىمىز قاتارلىقلارنى ئېۋەتكىلى بولىدىكەن. بۇنداق قىلسا نېمە پايدىسى بار دېيىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن ئويلاپ باقسىڭىز، چوڭراق بىرەر يىغىلىش ۋە ياكى مەيدان، ياكى بىرەر زالدا بۇ ئەپ ھەقىقى رولىنى كۆرسىتەلەيدۇ.  ئىۋەتكەن رەسىم ۋە ئورنى ئارقىلىق سىز ئۇ كىشىنى دەرھاللا تاپالايسىز.

ئەپ ئىسمى : Thrutu

باھاسى : ھەقسىز

ياسىغۇچى : MetaSwitch

تۈرى : قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 2.0 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى : 


7-سى: Sid Meier’s Pirates! for iPad

Sid Meier's Pirates! for iPad

ئىلگىرى ئايفون ئويۇنلىرى ئىچىدە قارشى ئېلىنغان Pirates ئويۇنىنىڭ iPad نۇسقىنى ئاخىرى ئېلان قىلىنىپتۇ. Pirates ئويۇنىدا سىز كاپىتاننىڭ رولىنى ئېلىپ، دېڭىزنى كېزىپ دۈشمەننى ئىزدەيسىز. باشقا پاراخوتتىكىلەر بىلەن ئېتىشىسىز. جەڭدە يېڭىپ fame غا ئېرىشسەك يېڭى جايلارنى ئېگەللىيەلەيدىكەنمىز. بۇ ئويۇن sandbox قا ئوخشاپ كېتىدىغان پەچەت PC ئويۇنلىرىدەك ياخشى ئويۇن بولغاچ iPad  نۇسقىسىمۇ بەكلا قارشى ئېلىنغان.

ئەپ ئىسمى : Sid Meier’s Pirates! for iPad

باھاسى : 3.99 $

ياسىغۇچى : 2K Games

تۈرى : ئويۇن

چوڭلۇقى : 436 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى : 


6-سى: Biophilia

Biophilia

بۇ قانداقتۇر بىرەر ئەپ بولماستىن، مۇزىكانت Björk نىڭ ناخشا توپلىمى ئىكەن. بۇ مۇزىكا توپلىمى تەبىئەت ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى بېرىكىشىنىڭ ھاسىلاتى ئىكەن. Biophilia پەقەت ناخشا توپلىمىلا بولماستىن مۇزىكا ۋە سەنئەت يىتەكچىسى بولالايدىكەن. Biophilia نىڭ ئۆزىدىلا 10 دانە ئەپ بار ئىكەن. ئەپلەرنى ئاچسىڭىز سىمفونىيە Cosmogony نىڭ لەرزان مۇڭى بىلەن سامانيولىنى مەستخۇشلۇق بىلەن ئايلىنىدىكەنسىز.  بۇنىڭ شۇنچە كۆپ ئىقتىدار بولغىنى بىلەن ھەقسىز ئىكەن.

ئەپ ئىسمى : Biophilia

باھاسى : ھەقسىز

ياسىغۇچى : Second Wind Ltd Apps

تۈرى : مۇزىكا

چوڭلۇقى : 114 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى : 


 5-سى : grüvtron

grüvtron

سىز grüvtron ئارقىلىق نۇرغۇن سازلارغا، ئاۋازغا ئېلىش ئۆيىگە ۋە ھەرخىل ئۈنۈم قوشۇدىغان كەسپىي خىزمەت ئۆيىگە ئېگە بولالايسىز. ئىشلىگەن مۇزىكىلارنى iTunes قا يوللىغىلىمۇ بولىدىكەن. بۇ ئەپنىڭ كەسپىيلىكى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچ بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولمىسا كېرەك. بىر كىشى باھا بېرىپ، بۇ ئەپ KORG نىڭ قاتىلى ئىكەن، دەپتۇدەك.

ئەپ ئىسمى : grüvtron

باھاسى : 4.99 $

ياسىغۇچى : Sound Trends LLC

تۈرى : مۇزىكا

چوڭلۇقى : 104 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى : 


4-سى : Moviefone Movies

Moviefone Movies - Movie Theaters, Trailers, Showtimes, and News from Hollywood

بۇ ئەپنىڭ چۈشەندۈرىشىدە Flixster نى ئارام ئېلىشقا خىتاب قىپتۇدەك. Moviefone ناملىق بۇ ئەپنىڭ كۆرىنىشى كۆركەم بوپقالماستىن، ھەرقانداق كىنوخۇمارلارنىڭ ياقتۇرىدىغان نەرسىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. ئەڭ يېڭى فىلىملەرنىڭ ئۇچۇرلىرى، تەشۋىق فىلىملىرى، كىنوغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ۋە سىزنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىڭىزغا ئاساسەن قويۇلماقچى بولغان ئەڭ يېڭى فىلىملەر … بۇلارنىڭ ھەممىسى Moviefone دا بار ئىكەن.

ئەپ ئىسمى : Moviefone Movies – Movie Theaters, Trailers, Showtimes, and News from Hollywood

باھاسى : ھەقسىز

ياسىغۇچى : AOL, Inc.

تۈرى : كۆڭۈل ئېچىش

چوڭلۇقى : 5.1 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى : 


3-سى: EDITION29 STRUCTURES

بۇ ئەپ سىزنى دۇنيادىكى ئىسىل قۇرۇلۇش-ئىمارەت، گۈزەل مەنزىرە ۋە بەدىئىي سۈرەت قاتارلىق يېقملىق فوتو-سۈرەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.  لېكىن ئايپەد بولىشى كېرەككەن. بۇ ئەپنىڭ 29-نەشىرىدە 100 نەچچە بەتلىك دۇنيادىكى داڭلىق ئىمارەتلەرنىڭ رەسىملىرى باركەنمىش.

ئەپ ئىسمى: EDITION29 STRUCTURES

باھاسى : ھەقسىز

ياسىغۇچى : 29GPS, LLC.

تۈرى : كۆڭۈل ئېچىش، فوتو-سۈرەت

چوڭلۇقى : 1.3 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى : 


2-سى: Calvetica Calendar

Calvetica Calendar ناملىق بۇ ئەپ نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى كالىندار ۋە ئايلىق پىلان تۈزىدىغان ئەپ بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئايپەد نەشىرىمۇ بار ئىكەن. ئايپەد ئۈچۈن Calvetica Calendar بەلكى تولىمۇ چىرايلىق، تولۇق ئىقتىدارلىق كالېندار بولسا كېرەك. بۇ كالېندار ئارقىلىق سىز بىرەر كۈنگە پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرالايسىز. ئايلىق پلانلىرىڭىزنى ئورۇنلاشتۇرالايسىز. ۋاقتى كەلگەندە ئاۋازلىق ئەسكەرتىدىكەن. بۇنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەرغۇ دەيمەن. ئايفوننىڭ ئۆزىدىكى كالېندارنىڭمۇ مۇشۇنداق ئىقتىدارى بار. 2 دوللار ساتسىمۇ كىشىلەر بەس-بەستە سېتىۋالغانغا قارىغاندا بۇنىڭ چوقۇم سەۋەبى بولسا كېرەك. ئاستىدا يېشىۋەتكەن نۇسقىسىنىڭ ئادرىسىمۇ قالدۇرۇلدى. قاچقۇنلار قاچىلاپ سىناپ كۆرۈڭ.

ئەپ ئىسمى: Calvetica Calendar

باھاسى : 1.99 $

ياسىغۇچى : Mysterious Trousers, LLC

تۈرى : قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 3.4 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى : 

يېشىۋەتكەن نۇسقىسىنى چۈشۈرۈڭ: 


ئەڭ ئاخىرقىسى، يەنى ئەڭ ياخشى باھا بېرىلگىنى :  Google+

Google+
+ Google بولسا گوگل شىركىتىنىڭ يېڭىدىن يولغا قو ئىجتىمائى ئالاقە مەھسۇلاتى. ئالاقىدار بۆلۈملەرنى نەچچە ھەپتىلەپ مۇزاكىرە قىلىشى ئارقىلىق بۇ مەھسۇلاتنى App Store دا ئېلان قىلغان. بۇ ئەپ App Store دا قويۇلغان كۈنىلا چۈشۈرۈلۈش تەرتىۋى بويىچە 1- ئورۇنغا ئۆتۈپ كەتكەن. نۆۋەتتە بۇ مەھسۇلات Facebook نىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى بوپقالىدىكەن. چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ باھاسىغا قارىغاندا Google ھەقىقەتەن ئىسىل مەھسۇلاتتىن بىرنى چىقارغاندەك قىلىدۇ.
تولىمۇ ئەپسۇس، بۇ ئەپ ھازىر سىناق باسقۇچىدا بولغاچقا بىرەر كىشىنىڭ تەكلىپى بولمىسا ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن. مەنمۇ قاچىلىدىميۇ ئىشلىتەلمىدىم. ھەقىقى بازارغا سېلىشىغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇق. Facebook قا ئوخشاش چەكلەنمىسىلا مەيلىتىغۇ ئىشقىلىپ…
ئەپ ئىسمى: Google +

باھاسى : ھەقسىز

ياسىغۇچى : Google Mobile

تۈرى : قوللىنىشچان، ئىجتىمائى ئالاقە(پاراڭلىشىش)

چوڭلۇقى : 5.3 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى : 


无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



10 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. مەن بۇ 10 ئەپنىڭ ھېچقايسىنى ئىشلىتىش تۈگۈل كۆرۈپمۇ باقماپتىكەنمەن ، بىر نەچچىسىنى چۈشىرىۋالدىم، رەھمەت ،

    مەن ئايفۇندا ئۆزىنىڭ تىڭشىغۇچى ئارقىلىق موزىكا ئاڭلاش جەرياندا مۇنداق بىر ئىشنى بايقىدىم،

    يەنى :

    ئايفۇن تىڭشىغۇچىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كونتىروللىغۇچ ئارقىلىق ، ئايفۇنغا قاراپ يۈرمەيلا قويماقچى بولغان ئاۋاز ھۆججىتىنى قويۇپ ، توختىتىشقا ، ئاۋازنى يۇقىرى تۆۋەن قىلىشقا بولىدىغانلىغىنى ھەممىمىز بىلىمىز،

    تىڭشىغۇچتىكى كونتىروللىغۇچنىڭ قويۇش كونۇپكىسىنى تىز ئىككى قېتىم باسسا كىيىنكىسىگە يۆتكەيدىغانلىغىنى بىلگەنتىم،

    ئەمما ئالدىنقىسىغا يۆتكىيەلمەي ئىچىم پۇشاتتى،

    بۈگۈن موزىكا تىڭشاۋېتىپ ، كىيىنكىسىگە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن باسسام ئالدىنقى قويۇلغان موزىكىغا يۆتكىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىناپ يۈرۈپ قارىسام قويۇش كونۇپكىسىنى تىز ئىككى باسساق كىيىنكىسىگە ، تىز ئۈچ قېتىم باسساق ئالدىنقىسىغا يۆتكىلىدىكەن، بەكلا قولايلىق بولىدىكەن بۇنداقتا ،

    بىلىدىغانلار بولسا مۇشۇنىمۇ يوللاپ يۈرۈپتۇ دىمىگەي ، بىلىمىگەنلەر پايدىلىنار ،

    ھە راس پاسىبان ئەپەندىم، بولسا “ سۆز قالدۇرۇش “ تېمىسىغا ئوخشاش يېڭىدىن بىر “ مەن بايقىغان يېڭىلىقلار “ دىگەندەك بىرەر مەخسۇس تېما قۇرۇپ قويسىڭىز ، مۇشۇنىڭدەك بىز بايقىغان يېڭىلىقلارنى يېزىپ قويۇپ تەڭ بەھىرلەنسەك قانداق بولا ؟

  2. ئىلھام ئەپەندىگە بارىكاللا! ھازىرلا تۇتۇش قىلاي!

  3. +Google نى مەنمۇ قاچىلىدىم، ئەمما كىرسەم ماڭىمۇ تەكلىپ دەيدۇ، قانداق تەكلىپتۇ ئۇ ؟ چىققان ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنىغا قارىسام ھازىر سىناق باسقۇچىدا ، تەكلىپىڭىز بارمۇ ؟ ئۇزاق ئۆتمەي ھەممەيلەن ئىشلىتەلەيدۇ دەيدۇ ،

    قارىغاندا سىناپ ئىشلىتىۋاتقانلاردىن تەكلىپ ئېلىشىمىز كېرەكمىدۇ يا ئۆز ئارا تەكلىپ ئەۋەتىشىپ ئاندىن ئىشلەتكىلى بولامدىغاندۇ ؟

    • ھازىر سىناق نۇسقىسى سۈپىتىدە تارقاتتى. گوگلنىڭ تور بېتىدىنمۇ سىناپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. پەقەت ئىشلىتىۋاتقانلاردىن سىناق ئىشلىتىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرىۋالغاندا ئاندىن سىناپ ئىشلىتىشكە قاتنىشالايسىز.

  4. مەن بۇ +Google نى قاچىلىيالماي ئاخىر install0us ئارقىلىق قاچىلىدىم، ئەمما مەنمۇ ئىشلىتەلمىدىم،

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم.تىنىڭىز سالامەت، ياخشى ئوبدان تۇردىڭىزمۇ؟

    ئۇزۇن بوپتىكەن بلوگنىڭ بۇنداق گۈللانگىنىنى كۆرمىگىلى، سىز يېڭى تىما يېزىپ تۇرمىسىڭىز ئۈسكىنىلىرىمىز قۇرۇغداپقالىدىكەن. :cute:
    بۇندىنكىيىنمۇ مۇشۇنداق بەلەن تىمىلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز :good: (Sktch نىڭ يېشىۋېتىلغەن نۇسخۇسى يوقمىدۇ؟)

  6. توردىن ئەپ ياساشقا ئائىت دەرىسلىكلەرنى تاپقىلى بولماسمۇ ؟

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش