ئامېرىكا ۋاقتى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ھەر يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان ئالما ئاچقۇچىلار (پروگراممېرلار) چوڭ يىغىنى - 2011 WWDC سان-فرانسېسكودا ئېچىلدى. بۇ يىغىندا ئالمىنىڭ بۇرۇنقى قائىدىسى بويىچە مەزمۇن مەخپىي تۇتۇلغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئامېرىكا شەرقى قىسىم ۋاقتى 6-ئىيۇن ئەتىگەن سائەت 10 دا ئېىچىلىدىغانلىقى پەقەت نەچچە كۈن بۇرۇنلا ئاشكارىلانغان ئىدى. ئالما شىركىتىنىڭ CEO سى ستىۋ جوبس يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئەڭ ئاساسلىقى Mac OX Lion نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى ۋە iOS 5 ئېلان قىلىندى. يىغىندىكى ئەڭ يېڭىلىق بولسا ئالمىنىڭ بۇلۇت مۇلازىمىېترى بولمىش يىپيىڭى iCloud تونۇشتۇرۇلدى.


ئەپسۇسلىنارلىقى يىغىندا كىشىلەر ئەڭ قىزىقىۋاتقان 5-ئەۋلاد iPhone توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى. ئىلگىرىكى يىغىندا يىغىن ئۇسلۇبى بويىچە نەتىجىنى ئۆزىمىزگە ئويلىنىشقا قالدۇراتتى. بۇ يىغىندا بۇنداق بولماي ئاۋال نەتىجە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Mac OS X Lion ۋە iOS نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى. بۇنداق بولغاندا بىزلەرنىڭ بۇ يېڭى سېستىمىلارنى يېڭىلىغىنىمىزدا قانداق يېڭىلىقلارغا ئېرىشىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە دەسلەپتىلا ھاسىل بولدى.

ئالمىنىڭ COO سى Tim Cook ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئالما بۇندىن كىيىن مەھسۇلاتنىڭ قاتتىق دېتالىغا بولغان ئۆزگەرتىشنى 2-ئورۇنغا قويۇپ، يۇمشاق دېتالنىڭ قاتلاملىشىشىغا، مۇكەممەللىشىشىگە 1-ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئېدى. بۇنداق ئىبارىلەر يېڭى ئەۋلاد ئايفوننىڭ كېچىكىشىگە ياخشى باھانە بولالايدۇ. زادى قانداق يېڭىلىقلارنىڭ بارلىقىنى بىز جوبسنىڭ ئۆزىدىنلا ئاڭلىغۇمىز بارغۇ دەيمەن؟

كىسەللىك سەۋەبىدىن ئارام ئالغىلى يېرىم يىل بولاي دەپ قالغان سىتىۋ جوبسنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنغا يەنە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغانلىقى كۆپ قىسىم ئەگەشكۈچىلىرىنى خۇشال قىلدى. بۇ تارىخىي شەخس سەھنىگە يەنە چىقىپ بىزگە يەنە قانداق يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلەر؟ ئاۋال تۆۋەندىكى رەسىمگە نەزەر سېلىپ باقايلى

2007-يىلدىن بۇيان iPhone دېگەن ئۇقۇمنىڭ يوقتىن بارلىققا كېلىشىدىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە بولغان مۇشۇ قىسقىغىنە 4 يىل مابەينىدە، ئالما ئۆزىنىڭ بۇ مەھسۇلاتى ئارقىلىق دۇنياغا قايتا تونۇلدى. ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەر بۇرۇن پەقەت نامىنىلا ئاڭلاپ باققان لېكىن قىزىقمىغان، ياكى قىزىقىشنى خالىمىغان بۇ ماركىنىڭ سادىق ئىشلەتكۈچىسىگە ئايلاندى. ھازىر ئۇلار ئالما نېمىلا ياسىسۇن چوقۇم ئۇنى سۆيۈپ ئىشلىتىدۇ. ئالما ئەڭ ياخشىسىنى ياسايدۇ دەپ قارايدۇ. ئابونتلارنىڭ بۇ ھالەتكە كېلىشىگە ئالمىنىڭ مۇشۇ قىسقىغىنە 4 يىل ئىچىدە ياساپ چىققان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سەرخىللىقىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ.

ھەر يىلقى WWDC يىغىنىدا يېڭى ئەۋلاد ئايفوننىڭ سايىسىنى بولسىمۇ كۆرگىلى بولاتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ يىل بۇنداق بولمىدى. ئالمىنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات نىشانىغا نەزەر سالساق، ئالما ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ تۇيغۇسىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. قاتتىق دېتال ئىقتىدارى بارغانسىرى مۇكەممەللىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئالما شىركىتى ئاساسى نىشاننى يەنىلا قاتتىق دېتالغا مەركەزلەشتۈرىۋالمىدى. بۇ قېتىمقى يۈزلىنىش يەنىلا يۇمشاق دېتالنىڭ ئوخشاش شارائىتتا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ راۋان، ئىشلەتكۈچىگە تېخىمۇ ياخشى تۇيغۇ بېرىدىغانلىقى، يۇمشاق دېتالنىڭ ئۈنۈمدارلىقى، ئويۇندىكى سەزگۈنىڭ كۈچلۈكلىكى، باتارىيەنىڭ چىدامچانلىقى قاتارلىق تەرەپلەر بولدى. بۇنداق بولغاندا كونا ئۈسكۈنىلەردىمۇ ئوخشاشلا ئىسىل ئۈنۈملەردىن پايدىلانغىلى بولاتتى. ئەگەر قاتتىق دېتالغىلا كۈچىگەن بولسا كونا نەشىردىكى ئۈسكۈنىلەر ئۆزلىگىدىن زاماندىن قالاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ ئاساسلىق نىشانىمۇ مۇشۇ بولدى. بۇ يىغىندا iCloud نىڭ iDevice نىڭ تەرەققىيات سەپىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەمراھى بولىدىغانلىقى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

گوگلنىڭ پۇلى كۆپ. شۇڭا پروگراممىرلار يىغىنىدا يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا SAMSUNG نىڭ تاختا كومپيۇتېرىدىن بىر دانىدىن سوۋغا قىلغان ئىكەن. گەرچە ئالما شىركىتى ئۇنداق قىلمىسىمۇ، كىرىش بېلىتى 3 سائەت ئىچىدىلا پاك-پاكىز سېتىلىپ تۈگىگەن. باھاسى 1000 دوللار بولغان بۇ بېلەتنى كىشىلەر بۇلاپ-تالاپ كېتىشكەن. eBay تورىدا كىرىش بېلىتىنى 3000 دوللارغا تالاشتۇرۇپ ساتقان خەۋەرمۇ بار ئىكەن. ئالماخۇمارلارنىڭ تەلۋىلىكىنى كۆپ جەھەتلەردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. پروگراممىرلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.

يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قولىدا گەرچە بېلەت بولسىمۇ، يېرىم كېچىدىن باشلاپ ئۆچرەت ساقلىغىلى تۇرغانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن. قولىدا بېلەت تۇرسىمۇ مۇشۇنداق ئۆچرەتتە تۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتىكىن بىلمىدىم.

ئۆچرەتتە تۇرغانلار قاتارىدا ئانچە-مۇنچە تونۇش چىرايلار ئۇچراپمۇ قالىدىكەن. مەسىلەن Cydia قۇرغۇچىسى Saurik قا ئوخشاش. بۇ ئاكىمىزنى ھەممەيلەن تونۇيمىزغۇ دەيمەن. سەۋدايىغا ئوخشاش ئۇزۇن چاچ قويىۋالىدىغان مۇشۇ كىشى شۇ. بەلكى ستىۋكام يىغىندا بۇ مەجنۇننى كۆرۈپ قالسا چوقۇم ھومىيىپ قارايدىغۇ دەيمەن.


بۇ چولپان بىلەن رەسىمگە چۈشۈدىغانلار قاتارلىشىپ ئۆچرەتتە تۇرىدىكەن. قارىماققا ئىلغار پەن-تېخنىكا يىغىنى ئەمەس، بىرەر سەنئەتكارنىڭ ناخشا كېچىلىكىدەك ھېسيات بېرىدىكەن.

بۇ قېتىمنى يىغىننىڭ ئاساسلىق 3 تېمىسى : ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Mac OS X Lion ، iOS 5 ۋە iCloud مۇلازىمېتىرى.

قارىساق قارا رەختكە ئوراپ قويغان «سىرلىق پلاكات» لارمۇ باركەن. ئەجەبا بۇ 5-ئەۋلاد iPhone مىدۇ؟

يىغىن مەيدانىغا كىردۇق. يىغىن ھازىرلا باشلىنىدۇ.

WWDC 2011 يىغىنى رەسمىي باشلاندى!

ستۋ جوبس چىقىپ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

تۆۋەندە جوبسنىڭ ئۆزىدىن iCloud نىڭ چۈشەندۈرىلىشىنى ئاڭلاپ ئۆتەيلى

بۇ بولسا يىغىننىڭ تولۇق كۆرۈنىش فىلىمى (يۇقىرى ئېنىقلىقتىكىسى)

بۇ خەنچە چۈشەندۈرىشى بار نۇسقىسى

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



10 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. مەنمۇ تۇلۇق كۇرىۋەتتىم بۇنى.ماۋۇ سېستىمىسى راسلا بەك يارىدى.ىلىكن جوبىس بەكلا جۇدەپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ؟

  2. بەك ئورۇقلاپ كېتىپتۇ :cry2: ستىۋكا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ!!!

  3. شۇنداق، بەكلا ئورۇقلاپ كېتىپتۇ. مېنىڭمۇ ئىچىم سەل غەش بوپقالدى.

  4. بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىگى چىقسا كۆرۈپ باقارمىز .

    پاسىبان ئەپەندىم، بۇ يغىندىكى ئاساسلىق موھىم نوقتىلارنى قىسقىچە بولسىمۇ تونۇشتۇرغان بولسىڭىز

    • ئەمىسە سىز سورىغان ئېموجىنى مۇشۇ يەرگىلا يېزىپ قوياي.ئالدى بىلەن emoji نى apple store غا كىرىپ ئىزدىسىڭىز شۇ ھامان تېپىپ بېرىدۇ بىكالىق :o))): ئاندىن چۈشۈرىسىز بىۋاستىلا ۋايفايدىن پايدلىنىپ يېكى كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ(بولىۋېرىدۇ قايسىلا بولسا، كومپىيۇتېردا ئايتىيۇنىستا چۈشۈرۈپ سىڭك قىلىۋەتسىڭىزلا تېلفوغان كىرىدۇ) ئاندىن چۈشۈپ بولغان نەرسىنى EMOJI نى كلىك قىلسىڭىز ئايفونغا كىرگۈزۈش ئىجازەت سورايدۇ ،ھە دەپ بېسىپ قويسىڭىزلا ئىچىگە كىرىپ بولىدۇ،ئاندىن قايتىپ چىقىپ ، تەڭشەشكە كىرىپ keyboard نى تېپىپ ئاندىن خەلقارالىق keyboardنى تېپىپ ئىچىنى قازسىڭىز emoji دىگەن نەرسە كىرىپ بولغان، شۇنى تاللاپ قوشۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ،ئاندىن قايتىپ چىقىپ بىرەرسىگە ئۇچۇر قىلىپ سىناپ ئۇچۇر كۆزنىكىنى ئېچىپ keyboardنى تاللىسىڭىز emoji بار، ئەگەر يوق بولسا، تېلېفوننى بىر ئۆچۈرۈپ قايتا قوزغىتىڭ، پەيدا بوپ قالىدۇ شۇ ھامان. good luck ئېنىق بولمىغان يەر بولسا سورىسىڭىز مەن داۋاملىق چۈشەندۈرەي :vict:

    • sorry جۇمۇ ،بەك ئىملا خاتالىقى كۆپ بولۇپ كېتىپتۇ، قايتا ئوقۇپ ئۆزەممۇ قايمۇقۇپ قالدىم،باچكا كىرمەيدىغاندۇ ھە بۇ يەرگە :oh,no:

  5. Cydia نىڭ قۇرغۇچىسى بىلەن سىتىۋكام بىرلەشكەن بولسا كارامەت ئىش بولاتتى-دە . :evil:

  6. ئادەم دىگەن قېرىيدۇ شۇندا، قېرىغانسىرى شۇنداق كىسەلدىن نېرى بولالماي ئۇرۇقلاپ قالىدۇ…ئەمدى مۇشۇ نەزرىڭلابىلان ياشانغان ئاتا – ئاناڭلارغا قاراپ بېقىڭلا ……ئىچىڭلانى شۇنىڭغا پۇشۇرۇڭلا…. (قانداشلىق مۇناسىۋىتىڭلا بولسىغۇ ئىش باكەن ….) جېق سۆزلەپ قويدۇم~~ :…:

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش