ئەقىللىق تېلىفۇنلار ئىچىدە Google Android نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدىكى ئىشلىتىش مىقدارى ئالمىنىڭ iOS ئۈسكۈنىلىرىدىن ئېشىپ كېتىپتۇدەك. لېكىن BusinessInsider تور بېكىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئالما ئۈچۈن 2 ئېغىز لىللا گەپ قىلىش ئۈچۈن ئالمىنىڭ iOS سىنىڭ Google Android تىن زادى قانداق ئارتۇقچىلىقى بارلىقى توغرىسىدا تۆۋەندىكى 10 تۈرلۈك ئالاھېدىلىكنى تىزىپ چىقىپتۇدەك.

1. iTunes تىكى App Store دۇككىنى

ئالما بۇ دۇككان ئارقىلىق ئابونتلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مول ۋە سەرخىل بولغان ئەپ بىلەن تەمىن ئېتەلەيدۇ. ئايفون ئارقىلىق سېتىۋالغان ئەپلەر ماسقەدەملىگۈچە كومپىيۇتېرغا زاپاسلىنىپ ماڭىدۇ. سېتىۋېلىش باسقۇچلىرى ۋە ئۇسۇللىرى ناھايىتىمۇ قولاي. بۇ Google Android قا قارىغان تولىمۇ، راستىنلا تولىمۇ قولاي.

2. تورلاشتۇرۇپ ھەمبەھرلىنىش (iOS لەر ئارا)

ئەگەر سىزنىڭ پەقەت بىرلا iPhone ىڭىز بولسا بەلكى بۇ ئىقتىدار تازا ئىشلەپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر سىز بىر قانچە iOS نىڭ ئېگىسى بولسىڭىز، سىز بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق ئۈسكۈنىلىرىڭىز ئارا تولىمۇ راۋان بولغان ئالاقە قۇرالايسىز. تولىمۇ ئەپسۇس، Google Android نىڭ بۇنداق ئارتۇقچىلىقى يوق.

3. iPhone ىمنى ئىزدەيمەن

بۇ ئىقتىدار iOS 4.0 دىن باشلاپ قوشۇلغان خاس ئىقتىدار بولۇپ، ھازىر بۇ ئىقتىدارى ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ. iPhone ىڭىز يۈتۈپ كەتكەن تەقدىردە سىز بۇ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ يۈتكەن iPhone ىڭىزنىڭ تەخمىنىي ئورنىنى سۈنئىي ھەمراھتىن ئورۇن بەلگىلەش ئارقىلىق تاپالايسىز، iPhone ىڭىزغا يىراقتىن ھەقسىز ئۇچۇر يوللىيالايسىز (SIM كارتىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالەتتە)، iPhone ىڭىزنى يىراقتىن قۇلۇپلىيالايسىز. تولىمۇ ئەپسۇس، Google Android نىڭ بۇنداق ئىقتىدارى يوق.

4. تېخنىكىلىق قوللاش

ئەگەر سىزنىڭ iPhone ىڭىزدىن ياكى باشقا ھەرقانداق iOS ئۈسكۈنىڭىزدىن چاتاق چىقىپ قالسا سىزگە ئەڭ يىقىن بولغان Apple Store (ئالما مەخسۇس سېتىش دۇككىنى) غا بېرىپ ئەڭ كەسپىي بولغان تېخنىكىلىق ياردەم ۋە رېمونتقا ئېرىشەلەيسىز. ئەمما Google Android تېلىفۇنىڭىز بۇزۇلسا ھەرخىل ھەرياڭزا بولغان رېمونتچىلارنى ئىزدەيسىز. تولىمۇ ئەپسۇس، Google Android تېلىفونى ئۈچۈن ئورتاق بولغان، Google Android ئۈچۈن مەخسۇس ئاجراتقان رېمونت مەركىزى يوق.

5. باتارىيە ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى

نەچچە يىللاردىن بۇيان ئالما شىركىتى iPhone نىڭ باتارىيەسىنى ئەڭ چوڭ تۈر نىشانى قىلىپ تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە بارغانسىرى مۇكەممەللەشتۈرىۋاتىدۇ. iPhone 4 نى ئېلىپ ئېيتساق بۇرۇنقىغا قارىغاندا 2 ھەسسە كۈچەيدى. بەلكى 5-ئاۋلاد iPhone بۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولىشى مۇمكىن. iOS ئۈسكۈنىلىرى ئىچىدە iPad بولسا iOS نىڭ باتارىيەدىكى ئارتۇقچىلىقىغا ئەڭ ياخشى ۋەكىل بولالايدۇ. ھازىر ئەڭ يېڭى نەشىرىدىكى iOS قاچىلانغان iPhone نى تولۇق توك بىلەن پۈتۈن 1 كۈن ئوينىساق باتارىيەسى ئوبدانلا يېتىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، Google Android نىڭ بۇنداق قىلالىشى ناتايىن.

6. iTunes ۋە ماسقەدەملەش ئىقتىدارى

iTunes بولسا ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم قاچىلاشقا تېگىشلىك بولغان دېتال. ناھايىتى ئاددىي بولغان مەشغۇلات ئارقىلىقلا كومپىيۇتېر ۋە ئۈسكۈنە ئارىسىدا خالىغانچە ئالاقە قۇرۇپ زاپاسلاپ ماڭغىلى، ماتىرىياللارنى ئۆز-ئارا ئېۋەتىشكىلى بولىدۇ. گەرچە Google Android نىڭمۇ DoubleTwist غا ئوخشاش ماسقەدەملىگۈچىسى بولسىمۇ، تولىمۇ ئەپسۇس! iTunes تەك تولۇق ئىقتىدارلىق ۋە قولاي ئەمەس.

7. iOS تولا ئىشلەپ كەتمەيدىغان ئارتۇقچە نەرسىلەردىن خالىي

Google Android تېلىفۇنىنى ساتقۇچى (ئادەتتە ساتقۇچىلار كۆپىنچە تېلېگراف شىركەتلىرى بولىدۇ) ئالدىنئالا بىزگە ھېچقانداق ئىشلىتىش قىممىتى بولمىغان، ياكى ئىشلىتىلىشى بەكلا ئاز بولغان، بولسىمۇ، بولمىسىمۇ بولىدىغان دېتاللاردىن نەچچىنى قاچىلاپ قويغان بولىدۇ. دەسلەپ Google Android بىلەن ئۇچراشقۇچىغا بۇ بىرخىل قالايمىقان، مۇرەككەپ نەرسىدەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن.

ئەڭ ئاددىيسى مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام شۇنچە زامانلاردىن بۇيان قولۇمغا چۈشكەن تېلىفۇنلارنى بۇنداق نەرسىلەرگە ئۆزۈم تولىمۇ ئامراق بولغانلىقتىن 1~2 كۈن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ ئىچ-باغرىنى قېزىپ چىقاتتىم. 2 ئاي بۇرۇن جۇڭگو تېلېگرافىدىن تور ئەكىرگەنگە سوۋغا قىلغان Google Android نىڭ 2.2 نەشىرى قاچىلانغان بىر تېلىفۇن قولۇمغا چۈشتى، Android نىمۇ بىر ئىشلىتىپ كۆرەي دەپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن، راستىنى ئېيتسام تا ھازىرغىچە كەلگەن ئۇرغان تېلىفۇنلارنى تېزدىن تېپىپ قاملاشتۇرۇپ ئۇرۇپ بولالمايۋاتىمەن. مەن ئۈچۈن بۇ سېستىما بەكلا قولايسىزكەن. ماڭا قويۇپ بەرسە بۇنى تاللىغۇچە Nokia نىڭ Symbian نى تاللايدىغان ئوخشايمەن.

8. تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغان ئەپ ۋە ئويۇنلار

iOS پروگراممىرلىرى مۇشۇ سۇپا ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايدۇ. گەرچە بۇ سۇپىدىن ئەپ چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئازراق پۇل خەجلەشكە توغرا كەلگىنى بىلەن بۇنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئالاھېدىلىكى بار. ھەقلىق ساتقان ئەپ ئۈچۈن پروگراممىر تېخىمۇ زېھنىنى قويۇپ لايىھەلەيدۇ. ئاخىرىدا ئاشۇ باھاغا يۈز كېلەلىگۈندەك ھالەتكە ئەكىلىشكە تىرىشىدۇ. ئەمما ھەقسىز، لېكىن ناھايىتى ياخشى ئەپلەرمۇ يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە. گەرچە Google Android نىڭ كودى ئوچۇق، iOS قا قارىغاندا كۆپ ئەركىن بولغىنى بىلەن، نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا App Store ئۆزىدە ئەڭ مول ۋە ئەڭ تولۇق بولغان ئەپلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلماقتا. بۇنىڭدىكى ئويۇن ۋە ئەپلەرنىڭ سانى بىز بىلىدىغان SONY نىڭ PS دىن، Microsoft نىڭ XBOX دىن، ۋە يەنە باشقا ئويۇن دېتاللىرىدىن خېلىلا، خېلىلا كۆپ. تولىمۇ ئەپسۇس، Google Android بۇ جەھەتتە يەنىلا iOS نىڭ ئارقىدا.

9. ئەڭ گۈزەل بولغان سىرتقى كۆرىنىش لايىھەسى

ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئالما سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسىگە ناھايىتى چوڭ قان-تەرىنى سىڭدۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالمىنىڭ ھەرقانداق نەرسىسى بازاردىكى ئوخشاش تۈردىكى نەرسىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ھەقىقەت باھلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ لايىھەسى گۈزەل بولۇپلا قالماستىن قولايلاشتۇرۇش، چۈشىنىشلىك قىلىش ئەڭ بىرىنجى ئورۇنغا قويۇلغان. Google Android قا بولسا بىر ئاز ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن سىڭىشىپ كېتەلەيسىز. ئەڭ ئاددىيسى 2~3 ياشلىق بالىسى بار iPhone داشلار قايسىڭلارنىڭ بالاڭلار iPhone ىڭلارنى ئويناشنى بىلمەيدۇ؟ مېنىڭچە خېلى ئوبدانلا ئوينايدىغۇ دەيمەن؟ مانا بۇ بۇ ئارتۇقچىلىقنىڭ جاۋابى.

10. بىردەكلىك

ھەرخىل iOS ئىچىدە ئازراق ئوخشىماسلىق بولسىمۇ، بۇ ئوخشىماسلىق كىچىك ۋە چوڭ ئېكراندىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئوخشىماسلىقىدەك كىچىك ئوخشىماسلىق. iPhone ئىشىلىتپ كۆنگەنلەر iPad كە ئىشىنىمەنكى 1 كۈندىلا 98% كۆنۈپ بولىدۇ. لېكىن Google Android تېلىفۇنى بىلەن تاختا كومپىيۇتېرى ئارىسىدا بۇ پەرق زور. ئالمىنىڭ پەقەت iOS لىرىدىلا ئەمەس، بارلىق ئۈسكۈنىلىرىدە كۆپ قىسىم جايلىرىدا خاسلىق، بىردەكلىك ساقلانغان. بۇ بولسا iOS نىڭ، جۈملىدىن ئالمىنىڭ خاسلىقى، چوڭ ئالاھېدىلىكى!
ئۈستىدە ئېيتىلىپ ئۆتكەن بۇ پەرقلەرگە ئاساسەن Google Android ۋە iOS ئۈسكۈنىلىرى ئىچىدىكى پەرقنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ يەتتۇق. بۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ سىزگە يەكۈنلەپ بەرگەن خۇلاسىسى. سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ قارىشى سىز ئۈچۈن ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ قايىل قىلارلىق، ئەلۋەتتە!

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



26 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئووو ما گەپلەنى ئاڭلاپ ئدلمىغا تىخىمۇ قىزىقىپ قالدىم دىسە … ئاۋارىچىلىقىنى ئاچارىچىلىق دەپ بىلمىسەك ياخشىدەك قىلادۇ … مۇشۇ سىستىمد دىگەندەك نەرسىلەردىن چاتاق چىقسا ھىلىقى ئوڭشايدىغان يەردە 200 يۇئەنگە ئوڭشايدۇ دەيدۇ .. ئۈگىنىۋاسام ئۆزۇممۇ قىلىپ كىتەلەيمەن ھەقىچان …

  2. مەن تورلاردىن ئاندىرو سىستىمىسىنى ئايپوننىڭ ئايئوسى سىتىمىسىغا تەڭ تۇرالايدىغان سىستىما دەتىتى … بۇنچىۋالا جىق كەينىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن …

  3. ئۇزۇن مەزگىللىك ئاندرويىد ئىشلەتكۈچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يۇقارقى ئالاھىدىلىكلەردىن «گۈزەل بولغان سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھىسى» دېگەن بىر تۈردىلا ئالمىنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە قايىلمەن. قالغان تۈرلەردىن Appstore ھەقلىق دېتاللار بىلەن توشۇپ كەتكەن، ئاندرويىد بازىرىدەك ھەقسىز دېتاللار مول ئەمەس. باتارىيە جەھەتتە باتارىيىنى ئەركىن تاللاش، ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولغان ئاندرويىدتىن باتارىيە مۇقىملاشتۇرىۋېتىلگەن ئالمىنى سېلىشتۇرۇش كۈلكىلىك ئىشكەن. پروگراممىلارنى كومپيۇتېرغا چېتىپ ماسقەدەملەش ماڭا نىسبەتەن ئاۋارىچىلىق بىر ئىش، ئاندرويىدنىڭ nandroid ياكى تىتان زاپاسلىغۇچى ئارقىلىق SD كارتىغا زاپاسلاپ، سىستېما يېڭىلاپ ياكى قايتا قاچىلىغاندا كومپيۇتېرغا چاتمايلا ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ئىقتىدارى ئالدىدا ئالمىدىكى ئۇ «ماسقەدەملەش»لەر ھەقىقەتەن ئاۋارىچىق. ئاندرويىد ئۈسكۈنىلەردە ئەسكەرتمىلەرنى ئېچىش تولىمۇ قولاي، ئېكراننى ئۈستىدىن ئاستىغا بىر سىيرىسىڭىز ئېلىنمىغان تېلېفون، كەلگەن قىسقا ئۇچۇر دېگەندەكلەرنىڭ ئەسكەرتمىسى چىقىدۇ. ئالمىدەك ئوڭ- سولغا سىيپاپ تېلېفون خاتىرىسى، قىسقا ئۇچۇر خاتىرىسى دېگەنلەرنى بىردىن كوچىلاپ چىقمايسىز. بۇ ئىقتىدار ئاندرويىدنىڭ ئالمىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر ئىقتىدارى.
    ئاندرويىدتىكى ئويۇن ۋە قوللانمىلار ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتىدۇ. يەنە بەش ئايدا ئالمىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. (http://www.cnr.cn/newscenter/kjxw/201105/t20110525_508031705.shtml گە قارالسۇن)

    • مەن ئۆزۈمنىڭ تەسىراتىم بىلەن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا پىكىرىمنى بايان قىلىپ باقاي.
      بەرھەق، App Store دا ھەقلىق نەرسە كۆپ. گوگل بازىرىدا ھەقسىز نەرسە كۆپ بولغىنى بىلەن ئايفوندىكىدەك پەچەت ئەمەس. ھەقلىق بولۇشقا تېگىشلىكمىكىن دەپ ئويلايمەن.
      ئايفوننىڭ باتارىيەسى iOS 4.3.3 تە 2 كۈن راۋۇرۇس يېتىدۇ. تاختا كومپىيۇتېرنى سېلىشتۇرساق گوگلنىڭ ئالمىنىڭكىگە يەتمەيدۇ. تېلىفۇندا گوگل بەلكى ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللىشى مۇمكىن.
      ماسقەدەملەشنى مەن ئەڭ مۇكەممەل زاپاسلاش دەپ ھېساپلايمەن. يېڭى سېستىما قاچىلاپ قايتۇرغىنىمىزدا ھاۋارايى تەڭشىكىگە قوشقان شەھەرلەردىن تارتىپ، ئۆزىمىز قوشقان ۋاقىت رايونلىرىدىن تارتىپ، دەسلەپ قوشىۋالغان كونۇپكا تاختىلىرىدىن تارتىپ … ئىشقىلىپ بىز ئايفوندا ئۆزگەرتكەن ھەرقانداق تەڭشەكلەرنى پۈتۈنلەي زاپاسلايدۇ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. يېڭى سېستىما قاچىلاپ قاراپ تۇرساق iTunes بىزگە بىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، داۋاملىق ئىشىلىتپ كۆنگەن سېستىمىمىزنى ۋە تەڭشەكلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭغا مەن بەكلا رازى. iTunes ئارقىلىق قاچىلاش لازىم بولىشىدا ئالما ھەقلىق دېتاللىرىنىڭ نەشىر ھوقوقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك. بۇنى چۈشۈنىشكە بولىدۇ دەپ قارايمەن.
      ئەسكەرتمىلەرنى ئېچىش قولاي، ئۈستىنى سىيرىپلا ئاچىمىز دەپسىز. كەچۈرۈڭ، ئايفوندا ئالمىغان تېلېفۇن ۋە ئوقۇلمىغان قىسقا ئۇچۇرلارنى ئۈستىنى سىيرىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئاساسى ئېكراندىلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. يەنە كېلىپ بىر يەرلەرنى سېيپاپ ئاختۇرۇش ھاجەتسىز. ئوقۇلمىغان قىسقا ئۇچۇر بولسا بىر چەكسەكلا بىۋاستە ئاشۇ قىسقا ئۇچۇرنىڭ ئىچىنى ئېچىپ كۆرسىتىدۇ. قىسقا ئۇچۇرنىڭ كۆرۈنۈش ئۇسۇلى ۋە رەتكە تىزىلىشى مېنىڭچە نۆۋەتتە ئەڭ مۇكەممەل بولغان «پاراڭ خاتېرىسى» ھالەتتە. بۇ مېنى بەكلا رازى قىلىدۇ. مەن ئادەتتە بانكىنىڭ پۇل مۇئامىلە قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئاچقۇزۇپ مۇشۇنىڭدىن بەكلا پايدىلىنىمەن. 1 نومۇر ئۈچۈن ئايرىم ھۆججەت جازىسى ئېچىپ شۇنىڭدىن كەلگەن بارلىق ئۇچۇرلارنى پاراڭ خاتېرىسى شەكلىدە ساقلاپ ماڭىدۇ، شۇڭا بانكا كارتامغا قاچان سائەت نەچچىدە نەچچە پۇل كەلگەنلىكى بەكلا ئېنىق. ھازىرنىڭ ئۆزىدە نەچچە يىل بۇرۇنقى ھېساۋات تەپسىلاتى ئايفونىمنىڭ ئىچىدە توپمۇ-تولۇق. بۇنى سىز يەنە قولايسىز دېسىڭىز بۇمۇ ئىختىيارىڭىز. مېنىڭچە بۇ ئالمىنىڭ ئاندرويىدتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان يەنە بىر ئىقتىدارى. :shy:
      ئاندرويدنىڭ ئويۇنلىرى مېنىڭ ئاڭلىشىمچىمۇ بۇندىن كىيىن راستىنلا كۆپەيگۈدەك. لېكىن ئىشىنىمەنكى، ئالمىنىڭ ئويۇنلىرى مەن ئۈچۈن يەنىلا ئېسىل. چۈنكى ئۇنىڭدا دۇنيادىكى ئەڭ سۈزۈك ئېكران بار.

    • بايىقى ئىنكاسلىرىم تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ئەسلى ھالەتتىكى ئايفونغا ماس كېلىدۇ. ئەگەر سىز تۈرمىدىن قاچۇرسىڭىز iOS مۇ ئوچۇق كودلۇق سېستىمىغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن iTools قا ئوخشاش ئىنتايىن قولاي بولغان نەرسىلەر ئارقىلىق سىز ئويلىغاندەك بەزىبىر مۇرەككەپ جەريانلارنى ئىنتايىن ئاسانلاشتۇرغىلى، يېشىۋېتىلگەن ھەقلىق ئويۇنلارنى ھەقسىز قاچىلىغىلى، خالىسىڭىز بەت كۆرۈنۈشلىرىنى ئاندرويىدقا ئوخشاش قىلىۋالغىلى بولىدۇ. ھەقلىق ئويۇننىڭ 80~90% نىڭ ھەقسىز يېشىۋەتكەن نۇسقىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. مېنىڭچە تۈرمىدىن قاچۇرغانلار ئۈچۈن بۇ جەھەتتىن غەم ئەندىشە قىلىش ئارتۇقچە. Cydia بازىرى بارغانسىرى مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ. تۈرمىدىن قاچۇرساق iOS مۇ ئوخشاشلا ئوچۇق كودلۇق سېستىما بولالايدۇ.

  4. قىسقا ئۇچۇرلارنى ئاندرويىدمۇ پاراڭ خاتىرىسى ھالەتتە كۆرسەتكەچكە ئالمىنى كۆرگەندە ئالاھىدە ھېس قىلماپتىمەن.

  5. ئۆتكەندە بىرسى قىز دوستىغا ئايپەتەم ئارقىلىق توي تەكلىپى قويۇپ مۇۋاپىقىيەت قازاندى !
    يەنە بىرسى بىرتال ئايپاتەم ئۈچۈن بىر بۆرىكىنى سېتىۋەتتى … بۇلارنى ئۇنتۇپ قاپسىز پاسىنبانىم :o))):
    ئانجىروئىد تېلىفۇن توغۇرلۇق ئۇنداق رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپ باقمىدۇق تېخى :-D

    (چاقچاق ھە بالىلار ، ئانجىروئىدنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرى مېنى تىللاپ پوسكايتىۋەتمەڭلار يەنە )

    مەنغۇ ئانجىروئىد تېلىفۇن تۇتۇپ باقمىدىم ، مەن شۇ ئالمىنىڭ ، رىۋايەتلەردىكى سادىق قوللىغۇچىسى :evil:

  6. دوسلار ئالمىنى تۈرمىدىن قاچۇرساق Cydia بازىرىدېن.چۇشۇرگەن نەرسلەر بېردەم – بېردەم نۇرمال ئشلمەيۋاتدۇ؟ ئامال بامۇ؟ :oh,no:

    • تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرۇلغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالامسىز؟ 自制固件 ئەمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالامسىز؟ بەزى نەرسىلەرنى قاچىلىغاندا ئىلگىرى قاچىلىغان بىرەر ئەپ توقۇنۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. ئۆزىڭىز ئېنىق بىلەلمىگەن نەرسىلەرنى چۈشۈرۈپ قاچىلىماڭ.

  7. ئەپسۇس ئالمىنىڭ گوگىلدەك ئىزدەش ماتۇرى يوقتە…. :o))): ..بۇلارنى سېلىشتۇرۇش قاملاشمىغان ئىش مەنچە..سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە شىركەتنى سېلىشتۇرۇش كېرەك..

  8. لول ئايپەدنىڭ يېڭى نامى ئۇماقكەن ئايپاتەم دەپ :lol:

  9. س:ئاندرويد سېتېۋىلىشتىكى باھانىڭىز نېمە؟ ج: باھانەم پەقەت بىرلا: ئەرزان…..
    س:ۋاي ئېسىل دەيمە، نۇرغۇن كارامەتلىرى بار.. ج: ۋاي نېمەكارىم، قولامدىكى سىمبيان تېخى بۇزۇلمىدى. :-D

  10. مەنغۇ ئايفونىمدىن كۈندىن-كۈنگە سۈيىنىۋاتىمەن……………… :good:

  11. بىراق مۇنداق ئىككى مەسلىگە يۇلۇقتۇم مەن پاسىبان ئەپەندىم، بىرى:ئايفونىمنى سىز تەمىنلىگەن دەرىسلىك بۇيىچە ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ئىدىم،بەزى جايلىرى مەسلەن:设置نىڭ ئىچىدىكى تىزىملىكلەر راسلا ئۇيغۇرچە كۆرۈندى،بەكلا سۈيۈندۈم،لىكىن مەن دەرىسلىكلىرىڭىزگە قارىسام ئىكراندىكى appلەرنىڭ(مەسلەن:电话,信息قاتارلىقلارمۇ) ئۇيغۇرچە تۇرىدۇ، بۇ چۇقۇم ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندىن كىيىن ئاشۇ يەرلىرىمۇ ئۇيغۇرچە بۇلامدۇ؟ ياكى مەلۇم ئىسىم ئۆزگەرتىش قۇرالى ئارقىلىق ئۆزگەرتىۋالامدۇق؟مىنىڭكى ئىنگىلىسچە چىقىۋالدى….يەنە بىر يۇلۇققان،ۋە مىنى ئەندىشىگە سالغان مەسلە بولسا: ئاخشام(تۈنۈگۈن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان)ئۇخلاشتىن بۇرۇن قارىسام 80نەچچە پىرسەنت توكى بار ئىدى….ئەتتىگەن سائەت 5تە تېلفۇنۇم مىنى ئويغاتتى،ئۇيۇقنىڭ تاتلىقلىقىدا كۆزۈمنى ئاچمايلا ئۇنىڭ زۇۋانىنى ئىتىش ئۈچۈن قۇلۇمنى تېلفۇنغا سۇندۇم،بىراق چۈچۈپلا ئوغۇنۇپ كەتتىم ،نىمە بولدى دىمەيسىز؟ ئايفون ئوتتەك قىززىپ كىتىپتۇ،تۇكىمۇ 7%لا قاپتۇ،قوقۇپ كىتىپ تېلفۇننى قايتا قوزغاتتىم،قوزغۇتۇپ بىردەمدىن كىيىن تېلفۇن سۇۋۇدى،توكىمۇ بىر خىل تۇردى، تېلفۇننى بىردەم ئويناپ توكىنى تۆگەتكەندىن كىيىن، توك قاچىلىدىم، ھازىرغۇ نورمال ئىشلەۋاتىدۇ،توكىمۇ نورمال…. بۇ نىمە ئىشتۇ؟ سەل ئەنسىرەپ قالدىم….تەبىر بەرسىڭز پاسىبان ئەپەندى……….رەھمەت……

    • ماي تېجەش ئۈچۈن 3G تورىنى تاقىۋېتىڭ. كېچىدە ئۇخلىغاندا WiFi نى ئېتىۋېتىڭ. چوڭراق ئويۇن ئوينىغان بولسىڭىز ئارقا سۇپىدىنمۇ ئۆچىرىۋېتىڭ. بەلكى ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولىۋاتقان بىرەر ئەپ توختىماي خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق بولغان بولسا كېرەك. مەن بۇ ئەھۋالغا يولۇقۇپ باقمىغان ئىكەنمەن.

  12. شۇنداق تىز جاۋاپ قايتۇرغىنىڭىڭزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت،مەنمۇ شۇنداقراق ئويلىغان،ئەمدى قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشىپ خاتىرجەم بولدۇم،ئالاھىم باشقا چاتاق بولمىغىدى…ھازىرغۇ نورمال……….يەنە بىر قېتىم رەھمەت پاسىبان ئەپەندىم……….

  13. ھە راست ،ئاۋۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىدا يۇلۇققان مەسلىگە قانداق قارايسىز؟ :oh,no: :razz:

    • ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش نۆۋەتتە مۇكەممەل ئەمەس. مەنمۇ ئەسلى تېمىدا بىخلان تەمىنلىگەن چۈشۈرۈش بولىقىنى قاچىلىغان. باشقا ئوشۇق نەرسە قاچىلىمىغان ئىدىم. بۇنى قاچىلاشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىم تېمىدا ئېيتقاندەك مۇكەممەل ئۇيغۇرچە فونت تونۇتۇش. شۇنىڭ ئۈچۈن تىل بولىقىنى قاچىلىغىنىم بىلەن ئۇنى ئىشلەتمەي خەنچە تىلنى ئىشلىتىۋاتىمەن.

  14. رەھمەت سىزگە، ئۇنداقتا ھەممىمىز iphoneنى مۇكەممەل ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىڭ تىزراق ئەمەلگە ئېشىشىغا تىلەكداش بولساق بولغىدەك……

  15. ما يەردە ئىنكاس قىززىۋاتىدۇ! :cool:

  16. بۇرادەر،بىر ياردەم لازىم بوپ قالدى.مەن ئەيتاچقا ibookنى قاچىلغان ئىدىم.ئەپسۇس قايتا قاچىلا دەپ چىقىۋالدى.يەنە قايتا قاچىلغان بولساممۇ يەنە ئوخشاش.ئىچمنى بەكلا پۇشۇرۋەتتى.ئامال بولسا بىر كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز..

    • ئاۋال ئۆچۈرىۋېتىپ، كومپىيۇتېردىكى iTunes ئارقىلىق ئەڭ يېڭى نەشىرىنى iTunes Store دىن تېپىپ چۈشۈرۈپ، ماسقەدەملەش ئارقىلىق قاچىلاپ كۆرۈڭ. تۈنۈگۈن iBooks نىڭ يېڭى نۇسقىسىنى ئېلان قىپتۇ. مۇشۇنى دەۋاتامدىكىن يە؟

  17. ماقۇل.مەن يەنە بىر سىناپ كۆرەي..

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش