پاراڭلىشىش قوراللىرىنىڭ تۈرلىرى تولىمۇ كۆپ. قېرىشقاندەك كىيۇ-كىيۇنىڭ ئايفون نەشىرىنىڭ ئىقتىدارى تازا مۇكەممەل ئەمەس. ئاۋازلىق پاراڭلاشقىلى تېخى بولمايدۇ. سۈرەتلىك تېخى … بۈگۈن يەنە قايتا بىر تونۇشتۇرماقچى بولغۇن بۇ ئەپ تولىمۇ قولايلىق بولۇپ، ھىچ كۈچىمەيلا ئاۋازىڭىزنى نەچچە ئون ئادەمگە ئاڭلىتالايسىز. نۆۋەت سىزگە تەگسىلا «رادىئو ئاڭلىتىش ئۆيى» سىزگە تەۋە بولغاندەكلا پاراڭ سالالايسىز.

بۇ ئەپنىڭ ئاساسلىق ئىش پرىنسىپى بىزنى مەلۇم بىر پاراڭلىشىش زالىغا ئەكىرىپ قويىدۇ. جەمئىي 300 دانە زال بار بولۇپ، ھەر بىر زالدا ئايرىم-ئايرىم خانىلەر بولىدۇ. بىز ئايرىم خانىلەر ۋە چوڭ زال ئارىسىدا خالىغانچە كىرىپ-چىقالايمىز. پاراڭلاشماقچى بولغان دوستىمىزنى تاللاپ ئايرىم خانىگە ئەكىرىپ پاراڭلىشالايمىز. پەقەت تورلا بولسا بۇ «چايخانا» خىزمەت قىلىۋېرىدۇ.

دەسلەپ بىزدىن تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئېلخەت ئادرىسىمىزنى كىرگۈزۈپ تىزىملىتىمىز. تىزىملاتقاندا خالىغانچە ھەرپ، بەلگە ۋە ساننى قوللانساق بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچىنىمۇ قوللايدۇ. تىزىملىتىش ئۇتۇقلۇق بولغاندىن كىيىن دولقۇننى ئاستىدىكى جاينى ئوڭ-سولغا سۈرۈش ئارقىلىق توغرىلايمىز. بۇ ئەپنى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى جايدىن كەلگەن ئالمىداشلار ئورتاق ئىشلىتىدىغان بولغاچ كىچىككىنە ئايفون ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئالمىداشلار ئارا پاراڭلىشالايسىز.

بۇ قورالنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى – بۇ رايون ئايرىمايدۇ. ھەرقانداق ئىشلەتكۈچىنىڭ ئورتاق سۆزلەش ھوقوقى بار. دوسلار ئارا يىراق مۇساپىلىق سىمسىز يىغىلىش قىلىشقىلى، ئايرىم خانىدا گۇڭۇر-مۇڭۇر قىلىشقىلى بولىدۇ. سىرتقا چىققاندا باشقىلاردىن يول سوراش، بىرەر جاينى ئىزدەش دېگەندەك ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئېگە. بۇ ئەپنى GPRS ئارقىلىقمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. لېكىن ئېقىم مىقدارىنى ھېساپلاپ تۇرۇپ ئىشلەتكەيسىز.

ئىشلىتىش توغرىسىدا ئاددىي چۈشەنچە

تەڭگىنىڭ مەركىزىنى بېسىپ تۇرۇپ پاراڭلىشىسىز. سۇس كۆك رەڭلىك ھالەت كۆپچىلىك تەڭ ئاڭلىيالايدىغان PUBLIC mode بولۇپ، بۇ چاغدا بىز گەپ قىلساق مۇشۇ دولقۇنغا توغرىلىغان ھەممە ئادەم ئاڭلىيالايدۇ. تەڭگىنىڭ ئاستىدىكى switch to WHISPER mode دېگەننى باسساق ئايرىم خانىگە كىرىپ پاراڭلىشىش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. ئاندىن ئاستى تەرەپتىكى بۇرايدىغان جاينى ئوڭ-سولغا سۈرۈپ پاراڭلاشماقچى بولغان ئادەمنى تاللاپ گەپ قىلساق، گېپىمىزنى پەقەت شۇ ئادەملا ئاڭلايدۇ. ئەگەر ئارىلىقتا زالدىكى باشقىلارنىڭ پارىڭى دەخلى قىلغۇدەك بوپقالسا سول تەرەپ ئاستىدىكى ياڭراتقۇنى بېسىپ Mute Public نى باسساق چوڭ زالنى ئاۋاسسىز قىلىپ تەڭشەيدۇ. بۇ چاغدا سىز چوڭ زالغا قايتسىڭىزمۇ ئاۋاز ئاڭلانمايدۇ. Mute Whisper بولسا ئايرىم خانىدىن كەلگەن ئاۋازنى چەكلەش. بۇلارنى توختىتىش (ئاۋازنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش) ئۈچۈن يەنە بايىقى تىزىملىكتىن Unmute نى باسىمىز.

ئاستى تەرەپتىكى ئايفوننىڭ بەلگىسى بار جاينى باسساق بىر تەڭشەك تىزىملىكى كۆرىنىدۇ. Turn Backgrounding Off ياكى ON دەپ. ئادەتتە ON ھالەتتە بولۇپ، ئارقا سۇپىغا ئۆتۈپ كەتسىمۇ خىزمەت قىلىۋېرىدۇ. ئەگەر بۇ ئىقتىدارىنى ئەتمەكچى بولساق مۇشۇ جاينى بېسىۋەتسەك بولىدۇ. بۇ چاغدا بەلگە ئايفون ئالدىغا خاتا بەلگىسى قويۇلغان ھالەتكە ئۆزگىرەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوشۇقچە ئېقىم مىقدارىنىڭ پەيدا بولىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. قالغان جايلىرىنى ئۆزىڭىز مالتىلاپ كۆرۈڭ. يەنە قانداق ئالاھېدىلىكى باركىن؟

چۈشۈرۈش ئادرىسى:

* بىز 18.0 دە پاراڭلىشايلى. مۇشۇ دولقۇنغا تەڭشەڭ. بۇنىڭدا ئادەتتە كۆپ ئادەم يوق.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



16 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. بولىدىغان «يازو» ئىكەن بۇ :evil:

    ئەپسۇس مەن iTunes قا تىزىملىتالمىغاچ ۋاقتىنچە بۇ ياخشى ئىشلاردىن مەھرۇم قالغۇدەكمەن .
    تۈنۈگۈن تېلىفۇننىڭ ئۆزىدە تىزىملىتىپ باققان ئىدىم ، لېكىن ئاخىرىغا بارغاندا يەنىلا قىلالمىدىم . :oh,no2:

    بوپتۇلا سىلەر بولساڭلىمۇ پاراڭلاشقاچ تۇرۇڭلار ، كىمكەن دەپ سوراپ قالسا ، پاسىبان كۇلۇبىنىنىڭ باللىرى ئىكەن دېسە بىزلەر مەغرۇر ئولتۇرۇپ كېتەرمىز :o))):

  2. ھېي مەن تىزىملاتتىم لېكىن 18 نى تاپالمىدىمغۇ :left:

  3. تاپتىم ئاخىرى ،switch to wishper mode قىلسام clampa 33 دىگەن نەرسە چىقىۋالدى، ئۇ بىرەرسىنىڭ user name مۇ ياكى stationمۇ؟؟؟ :curse:
    بەلكى مەندىن باشقا ئادەم يوق بولسا كېرەك :upset: يەنە بىراز قېرىشىپ باقاي :-|

  4. wishper mode قىلىۋاپتىمەن ۋالا :o))): ھى ھى whisperنى

  5. lol سىلەمۇ تۋىتىرغا چىقىدىكەنسىلە ھە، گەپ قالدۇرۇپ قويدۇم :kungfu:

  6. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندىم؛مەن بۇئەپنى چۈشۈرۈپ قوزغۇتۇپ باقتىم ئەمما ھېچ تىزىملىتىپ كىرەلمەيمەنغۇ؟ :?: برەر قۇر چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن بولسىلا بوپتىكەن :cute:

  7. مەن پەقەتلاكېرەممەيۋاتمەن

  8. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندىم؛مەن بۇئەپنى چۈشۈرۈپ قوزغۇتۇپ باقتىم ئەمما ھېچ
    تىزىملىتىپ كىرەلمەيمەنغۇ؟ برەر قۇر چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن بولسىلا بوپتىكەن

    • sign in نى بىسىپ كىرىپ تەرتىپ بويىچە ئىسىمنى، مەخپى نومۇرنى 2 قېتىم، ئاندىن ئېلخەتنى 2 قېتىم يېزىپ sign up now نى باسىمىز. ئاندىن ئېلخەتنى ئىچىپ تەستىقلىۋەتسەك بولىدۇ. تىزىملاش تامام

  9. ئەمسە مەنمۇ كىردىم ھە…؟ 18.0 ………. داۋاي…………! :-D

  10. 18.0 دىگىنىڭىز 180شۇمۇ ياكى…؟

  11. مەن كىرسەم بىرمۇ ئادەم يوق، خېلى ئولتۇرۇپ باقتىم… ئادەم كىرمەي چىقىپ كەتتىم شۇنىڭ بىلەن..

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش