گىرمانىيە FDG يانفون ئويۇنى ئىشلەش شىركىتىنىڭ ئىلگىرى ئىشلىگەن بىر قانچە ئويۇنلىرى ئاجايىپ بازار تاپقان ئىدى. مۇزىكىلىرى ئىنتايىن يىنىك، ھەرىكەتلىرى شۇنداق ئوماق بۇ ئويۇن ئۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئويۇنى بولۇپ، ھازىر ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىپتۇ. چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، ئادەمنىڭ راستىنلا مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان پەچەت ئويۇنكەن. كۆرىنىشى رەڭگارەڭ ھەم بەكلا سۈزۈك. سىزمۇ چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.
سىزگە تەۋسىيە، ئەگەر سىزدە ھازىر ئايفون يوق بولۇپ، پات ئارىدا ئېلىش نىيىتىڭىز بولسا ئاۋال iTunes ئارقىلىق چۈشۈرۈپ قويغاچ تۇرۇڭ. بۇنىلا ئەمەس، كۇلۇبىمىزدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئويۇنلارنىڭ ھەممىنى ئاۋال چۈشۈرۈپ قويغاچ تۇرسىڭىز، ئايفونىڭىز قولىڭىزغا چۈشكەن 1-كۈندىن باشلاپ بۇ ئويۇنلارنى قاچىلاپ ئويناپ چۈشۈپ كېتىسىز. چۈنكى بۇلار ھەقىقەتەن ھەقسىز نادىر ئويۇنلار …
بۇ ئويۇندا بىز خەتەرلىك بۇلۇتلارنىڭ زىيىنىدىن ئاپلىسىنلارنى قوغداپ قېلىشىمىز كېرەك. بۇلۇتتىن ياغقان زەھەرلىك يامغۇر ئاپلىسىنزارلىقتىكى مىۋىلىرىڭىزنى نابۇت قىلىشتىن بۇرۇن ئوبدان تەييارلىق قىلىپ ئۇلارنى ئوراپ يامغۇر تەگمەيدىغان ھالەتكە ئەكىلىسىز.
سىزگە بەرگەن ھەممە نەرسىنى جايىدا ئىشلەتسىڭىزلا بولدى. ئۇلارنى قولىڭىز بىلەن توغرىلاپ جايىغا ئەكىلىپلا قويۇپ بەرسىڭىز ئورنىغا چۈشىدۇ.
بۇ ئويۇن ئىلگىرى مەن ياقتۇرۇپ ئوينىغان Cut the Rope بىلەن Fragger دېگەندەك ئازراق فىزىكىلىق ئېلمېنتلار يۇغۇرىۋېتىلگەن ئويۇنلارغا تەۋە ئىكەن. بۇ ئويۇننى ئويناشقا چوقۇم ئازراق كاللا ئىشلىتىش كېرەك. مەن تېخى ئاخىرىنى ئويناپ باقمىدىم. 1~2 مەيدان ئويناپلا سىلەر بىلەن تەڭ بەھرلەنگىم كەلدى.
رېتىنا ئېكراننى قوللايدىغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئويۇن. جەمئىي 120 خىل ئۆتكەل باركەن. قېنى، قالدى ھېسياتلارنى ئۆزىڭىز ئويناپ بىر سۆزلەپ باقمامسىز؟
ئويۇن ئىسمى : Cover Orange
ياسىغان شىركەت : FDG Mobile Games GbR
ئويۇن تۈرى : كۆڭۈل ئېچىش
قوللايدىغان سۇپا : Game Center
چوڭلۇقى : 31.4 MB
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































بىرتال ئىنكاس بار.