بىر مەزگىل بۇرۇن AppStore دا ئوت بولۇپ كەتكەن ئويۇن Angry Birds نۇرغۇنلىغان ئويۇنخۇمارلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ماۋۇسى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئويۇن. لېكىن كۆرىنىشىمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ. بۇ ئويۇندا بىز بىر تال مەنچاناققا ئوخشايدىغان ماشىنا بىلەن تاشقى پلانىت ئادەملىرىنىڭ مىجىقىنى چىقىرىمىز. ئۇ ماشىنىمىزغا ھەرخىل نەرسىلەرنى قاچىلاپ ئېتىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرسەكلا بولىدۇ. ئۆلمىكى ئۇنچە تەسمۇ ئەمەس. پەقەت سوقساقلا بولدى.

ئاچچىقى يامان قۇشقاچنىڭ ئويۇنىنى مەنمۇ چۈشۈرىۋالمىغان ئىكەنمەن. بۇمۇ خېلى بولىدىغان ئويۇنكەن. ئۇ پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋەتكەنلەر بۇنى بولسىمۇ ئۆتكۈزىۋەتمەي چۈشىرىۋالغۇلۇق.

ئاسان – قىيىن بولۇپ جەمئىي 50 ئۆتكەل بار. كۆرۈنمە يۈزى تىنچ، ھەرىكەتلىرى ئېنىق. 6 خىل ئوق ئاتالايمىز. ئويناش ئۇسۇلىنى بىر قانچە قېتىم ئوينىساقلا بىلىۋالالايمىز. بەزى ئالاھىدە ئىقتىدارلىق قوراللارنىمۇ ئىشلىتىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

تۆۋەندىكىسى ئويۇننىڭ قىسقا فىلىمى. كۆرۈپ باقايلى.

ئويۇن ئىسمى : Smash These Aliens

ئويۇن تۈرى : كۆڭۈل ئېچىش

چوڭلۇقى : 10.9 مېگابايت

چۈشۈرۈش ئادرىسى:

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



3 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باسىبان !
    سىزدىن بىر ئىشتا ياردەم سورىماقچى ئىدىم . مەن 2 ئاينىڭ ئالدىدا ئايفون 4 تىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم . 2 ھەپتە بولدى يۈتۈرۈپ قويدۇم . ئايفوننى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى بويىچە تاپقىلى بولارمۇ ؟ بولسا مۇشۇ ئىشتا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز ! مەن ئۈرۈمچىدىن ئالغان ، ئۆزۈممۇ ئۈرۈمچىدە .

  2. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ! تولىمۇ چاتاق ئىش بوپتۇ. سەبر قىلىڭ. ئايفون 4.2 لىك سېستىمىدىن باشلاپ Find my iPhone دەيدىغان بىر ئىقتىدارنى قوشقان ئىدى. مەنىسى «ئايفونۇمنى تاپ». بۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئىقتىدارنى بىر قېتىم تەڭشىۋېتىپ ئاچقۇزۇش لازىم. بۇ ھەقسىز مۇلازىمەت. ئايفونىڭىز توردا ئۇلاقلىق ھالەتتىلا بولىدىكەن ئىشلىتىۋاتقان كىشىگە بىلدۈرمەي سىزگە ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنى http://www.me.com غا چىقىپ تەكشۈرىسىز.
    ئالما شىركىتىدىكى (iTunes Store دىكى) ھىساۋات نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپلا كىرسىڭىز ئايفونىڭىزنىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەن ھازىر يەنە بىر قېتىم سىناپ باقتىم. سىز مۇشۇ ئىقتىدارىنى قوزغاتقان بولغىيمىدىڭىز؟

  3. ئەگەر تەڭشەپ قويغان بولسىڭىز بۇ شەكىلدە كۆرۈنەتتى.

    يېڭى بەتتە ئېچىڭ

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.2 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2011 Beta 1215 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش