ئايفوننىڭ ئىچىدە iPod  بار بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى كۆپ ئۇچرايدىغان RMVB, FLV, AVI, MOV قاتارلىق فورماتتىكى سىنلارنى قويالمايدۇ. ئىلگىرى OPlayer دېگەن بىر  ھەقلىق قويغۇچ بولىدىغان. ئۇمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايتتى.  لېكىن ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇنى ھازىر App Store دىن قانۇنلۇق ھالدا ھەقسىز چۈشۈرەلەيسىز.

بۇ قويغۇچنىڭ ئىقتىدارى خېلى كۈچلۈك بولۇپ:

1. iPod تىكى مېدىيالارنىمۇ قويىدۇ.

2.ئەگەر سىز WiFi بىلەن تورغا چىققان بولسىڭىز سىمسىز ھالەتتە كومپىيۇتېرغا ھەمبەھرلىيەلەيدۇ. بۇ ئىقتىدارى Windows, Mac, Linux لارنىڭ ھەممىسىدە نورمال ئىشلەيدۇ.

3. TPlayer Server مۇلازىمىتېرى سىن قويۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، Windows ۋە Mac مۇھىتىدا نورمال خىزمەت قىلىدۇ. لازىملىق قورالنى ئورگان تور بېكىتى http://www.vikisoft.com  دىن چۈشۈرىۋېلىڭ.

4. كۆپ ئۇچرايدىغان فورماتتىكى سىنلارنى قوللايدۇ. avi,mp4,mov,rmvb,H264 … دېگەندەك

5. SRT خەت ھۆججىتىنى قوللايدۇ. SRT نىڭ 100 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ تىلىنى تاللىيالايدىكەنمىز. ئۇيغۇرچە قوللامدۇ يوق، سىناپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

6. كومپىيۇتېردىن سىمسىز سىن ئۇزىتىش ئىقتىدارىغا ئېگە.

چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىۋېدىم، FLV نى نورمال قويدى. باشقىلىرىنى ئۆزۈڭلار بىر سىناپ كۆرگەيسىلەر.

ئەڭ مۇھىمى بۇ ھەقلىق ئەپ. ئىقتىدارى بارغانسىرى مۇكەممەللىشىدۇ. ھازىر بىر قېتىم ھەقسىز چۈشۈرىۋېلساق بۇندىن كېيىن يېڭى ئىقتىدارلىرى قوشۇلسىمۇ يەنىلا تولۇق نۇسقىسىنى ھەقلىق ئىشلىتىۋېرىمىز. شۇڭا پۇت-قولىڭىز چاققانراق بولغاي.

سىن يوللاش ئۈچۈن بۇ ئەپتىكى مۇشۇ جاينى ئېچىپ تۇرۇپ، ئۈستىدىكى ئادرېسنى خالىغان كۆرگۈچكە كىرگۈزۈپ ھۆججەت يوللاش بېتىنى ئاچىمىز. قاچىلىماقچى بولغان مېدىئا ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بېرىپ يوللاشنى باسساق بۇنىڭ ئىچىگە كۆچۈرىدىكەن. مانا مۇشۇنداق ئاددى. باشقىلىرىنى ئۆزىڭىز سىناپ ئۆگىنىۋېلىڭ ئەمىسە.


ئەپ ئىسمى : TPlayer

ساتقۇچى : XioaYi Liao

تۈرى : قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 25.8 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى : 


无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



26 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. man muxundak koyguq izdap tapalmigan rahmat sizga

  2. مەن ئەڭ بۇرۇن پاسىبان تورىدىكى كۆرسەتمە بويچە تىزىملاتقان ئايتۇنىس نىڭ ئامرىكا دۇكان ھىساۋاتى ئارقىلىق بىرەر ئەپنى قاچىلاي دىسەم سىز بۇ ھىساۋاتنى ئاللاقاچان 5 كومپىيۇتىر دا يۆتكەپ ئىشلىتىپ بولدىڭىز دەپ ئۇچۇر چىقىۋالدى(مەن شۇنداق چۈشەندىم چىققان خاتالىق ئۇچۇرىنى) ئەمەلىيەتتە مەن بەش كوم پىيۇتىر دا ئىشلەتمىدىم بەلكىم 5 قىتىم سىستىمىنى قايتا قاچىلىغاندىمەن…
    تىخى بايىلا بۇ قويغۇچنى چۇشۇر گەندىمۇ دىققەت قىلماي شۇ ھىساۋاتىمدا چۈشۈرۈپ تىكەنمەن ھەرقانچە قىپمۇ قاچىلىياممىدىم باشقا ھىساۋاتتا قايتا چۇشۇرەي دىسەممۇ بولمىدى :oh,no2:

  3. بۇنىڭدا ئۇيغۇرچە بەت لەر دىكى م ت ۋ كورگىلى بولامدۇ

  4. مەن سىنىدىم ئۇيغۇرچە بەت تىتىكى نەرسىنى قويغۇنى بولمادىكەنغۇ

    • سىز تولىمۇ خاتا چۈشىنىپ قاپسىز. بۇ نەرسە بىلەن ئايفونىڭىزدىكى سىنلارنى قويىسىز. مېنىڭ دېگە FLV ھۆججىتىنى قويۇش دېگىنىم ئۆزىڭىز توردىن چۈشۈرۈپ ئايفونغا قاچىلاپ شۇنىڭدىن كۆرۈش دېگەن گەپ. توردىكى فىلەش سىنلىرىنى كۆرەلمەسلىكى سافارىنىڭ فىلەشنى قوللىماسلىقى. بۇ مەسىلە iOS 5.0 دە تۈزىلىدىكەن.

  5. seydia دىن قاچىلايدىغان بىر ياماق ھۆججىتى باركەن سافارىنىڭ، شۇ ياماقنى قاچىلىۋەتسە 4.3.3 لەردىمۇ سافارى فىلەشنى قويالايدىكەن ،

    مەن بۇ قويغۇچنى قاچىلاپ ، RM , RMVB , WMV , FLV فورماتىدىكى سىنلارنى قويۇپ باقتىم ، ھەممىنى نورمال قويدى،

    ھە راس، بۇ قويغۇچ ئارقىلىق ئايپود تىكى سىنلارنى قويماقچى بولساق قانداق تاللايمىز ؟

    • خاتا بوپقاپتۇ، iPod touch ۋە iPad كە ماس كېلىدىغان قويغۇچ دېمەكچى ئىكەن. مەن ئايفوننىڭ ئىچىدىكى ئايپودنىڭ گېپىنى قىلغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن.

  6. مەندىكى تېلفۇن 4.3.3 ئالما 4 – ئەۋلات ،
    ئىلھام بۇرادەر سىز seydia دىن بىر ياماق ھۆججىتى باركەن ، سافارىنىڭ، شۇ ياماقنى قاچىلىۋەتسە 4.3.3 لەردىمۇ سافارى فىلەشنى قويالايدىكەن ، دەپ سىز
    سىز دىگەن قايسى ياماق ؟ ئېنىقراق دەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟ مەنمۇ ئۇيغۇرچە تور بەتتىكى سۈرەتلىك فىلىملارنى كۆرەلمەيۋاتىمەن . ياردەم قىلساڭلار ؟ ئاۋارە قىلدىم ؟!
    ئاندىن يەنە بىر ئىش ئۇيغۇرچە تور بەتتىكى ، بەزى توربەتتىكى خەتلەر نىمشقا نورمال كۆرۈلمەيدۇ ، seydia دىن يەنە قايسى مۇھىم ياماقلارنى قاچىلاش كېرەك ، مۇمكىن بولسا پاسىبان ئەپەندىم ، مۇشۇ توغرىسىدا تەپسىلىراق بىر ئېنىق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ؟ ئاللا يوللىرىڭىزنى ئۇچۇق قىلغاي !

    • سىزگە لازىملىق ياماق بۇ يەردە.
      http://goo.gl/zZvCw
      خەتلەرنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىكى قانداق مەسىلىكىن بىلمىدىم. سىز ئۇيغۇرچە فونت قاچىلىغانمىدىڭىز؟ ئۇ بەتتىكى مەزمۇننىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىكى بەلكى تور بېتىنىڭ سافارىدا نورمال كۆرۈنمەيدىغانلىق سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. ئۇيغۇرچە كۆپ قىسىم تور بەتلەر FireFox ، Chrome ۋە سافارى قاتارلىق ئىلغار كۆرگۈچلەردە نورمال كۆرۈنمەي قالىدۇ. ئۇلارنىڭ كودى ئاساسلىقى IE ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. بۇنىڭغا ئامال يوق

  7. Oplayerنى ئىشلەتكىلى خېلى بولدى، ئايپەد 1 دە ئىشلەتكەن چېغىمدا ھەجىمى چوڭراق نrmvbسەل تەستە قۇياتتى، بېشىدا قېتىۋېلىپ بىرئاز ئۆتكەندىن كىيىن نورمال قۇياتتى،(بۇ 64گىگابايتلىقى ئىدى) ،ھازىر ئايپەد 2 دىن بىرنى ئىشلىتىۋاتىمەن ، مەن تېخى 2_ئاۋلادنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى 512 بولغاندىكىن 1_ئاۋلاددىكىدىن ئوبدان قۇيۇدۇ دىسەم بۇ ئۇنىڭدىنمۇ قېتىۋاتىدۇ،(بۇ 32 گىگابايت ئېدى) شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن ئەمەس ئىچكى سىغىمىنىڭ چوڭ كىچىك لىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوخشىمامدۇ؟(بىرسىدىن شۇنداق ئاڭلىدىمچۇ!)

  8. ھەي، ئايپەد نىڭ گېپىنى ئازراق قىلساڭلارچۇ ،

    قايسى كۈنى ئايپەد 2 دىن بىرنى يېرىم كۈن ئويناپ ، دەررولا ئالغۇم كېپكەتتى دىسە ،

    ئايفۇن ئالغىلى 2 ئاي بولماي تۇرۇپ ، يەنە ئايپەد ئالاي دىسەم ، دادام تىللۋەتمىسۇن دەپ توختاپ قالدىم ، ھى ھى :lol:

    تايىنلىق ساقلاپ تۇرۇپ ، كۈزدە ئايپەد 3 چىقىپ قالسا بىراقلا شۇنىلا ئالامىز يا ،

  9. ئايغۇنغا كومپىيوتىردىكى سۈرەتلىك ناخشا كىنىونى قانداق قاچىلايدۇ؟
    يول كۆرسەتسىڭىز؟

    • ئويۇن قاچىلاشقا ئوخشاپ كېتىدۇ. iTunes قا ئايفوننى ئۈستىدىكى قاتاردا مۇزىكا ۋە فىلىم دەيدىغان تۈر بار. شۇنىڭدىن «ئايفونغا ماسقەدەملەش» دېگەن جايغا توغرا بەلگىسى قويۇپ ماسقەدەملىسىڭىز بولىدۇ

      • بۇنداق قىلغاندا پەقەت mp4 فورماتىدىكى ناخشىلارنىلا قاچىلغىلى بولىدىكەن، مەن avi,mp4,mov,rmvb,H264 قاتارلىق سىن ھۆججەتلەرنى قاچىلاپ سىز تەۋسىيە قىلغان بۇ دىتال ئارقىلىق كۆرمەكچى ئىدىم . mp4 دىن باشقا فورماتتىكى سىنلارنى قانداق قاچىلايدۇ؟

        • OPlayer نى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ. مۇشۇ سىز دېگەن سىنلارنى قويالايدۇ. بۇنىڭغا ئاشۇنداق نەرسىلەرنى قانداق قاچىلاش توغرىسىدا بۈگۈنكى iTunes ھەققىدە ساۋات دېگەن فىلىملىك يازمىغا دىققەت قىلسىڭىز بىلەلەيسىز.

  10. مەن تۈنۈگۈن iphone4 دىن بىرنى سىتۋالغان ، itunes ئارقىلىق دىتال قاچىلايمەن دەپ ئىچىدىكى بارلىق ئويۇن دىتاللارنى يۇيۋىتىپتىمەن، ئىچىدە پەقەت 10 نەچچە دىتال قاپتۇ، بۇنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولامدۇ؟

    • ياق. بۇرۇنقى قاچىلانغان نەرسىلەرنى باشقا كومپىيۇتېردىكى iTunes ئارقىلىق قاچىلىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداقلا بۇ كومپىيۇتېردىڭىزدىكى iTunes ئامبىرىڭىزدا ئۇ نەرسىلەر بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ يۇيۇلۇپ كېتىدۇ. سىز بۇرۇنقى نەرسىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ھېساۋاتى ئارقىلىق شۇلارنى قايتىدىن مۇشۇ كومپىيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرىشىڭىز كېرەك.

  11. مەن بۇ قويغۇچتا RM فورماتىدىكى سىنلارنى قويۇپ باقسام، قويۇلدى ئەمما ئاۋازى يوق ، FLV , WMV , MP4 قاتارلىق فورماتلاردىكىللىرى نورمال ، پەقەت مۇشۇ RM فورماتىلا ، قويۇلىدۇ، ئەمما ئاۋاز چىقمايدۇ ، RMVB نى سىناپ باقمىدىم، قويۇپ باققانلار بولسا خەۋەر بېرىڭلار، …

  12. پاسىبان ئەپەندى FLEXplayer بۇ قويغۇچنى چىقىرىپ قويىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئىقتىدارى OPlayer غا ئوخشايدىكەن لىكىن بۇ ھەقسىز. ئايتونىسنىڭ ئىزدەش رامكىسىغا FLEXplayer دەپ يازسىڭىز چۈشۈرۈش ئادىرسى چىقىدۇ، ئىشلىتىپ سىناپ بىقىڭ!

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش