ئەڭ دەسلەپ ئايفون بىلەن ئۇچراشقان مەزگىللىرىم ئېدى. بۇ ئويۇنغا شۇنداق كىرىشىپ كەتكەن ئىدىم. ئايفوننى مۇشۇ ۋە يەنە مۇشۇنىڭدەك 1~2 خىل پەچەت ئويۇننى كۆرۈپ ئامراق بوپ قېلىپ سېتىۋالغان ئېدىم دېسەممۇ خاتالاشمايمەن. بۇ ئويۇن ماڭا بەكلا يېقىپ قالغان ئېدى. بۈگۈن Sentinel: Mars Defense نەشىرى ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىلىپتۇ. مۇداپىئە ئويۇنلىرىغا ئامراق كىشىلەر چوقۇم چۈشۈرۈپ ئوينىشى لازىم بولغان پەچەت ئويۇن.
Sentinel نامىدىكى بۇ ئويۇننىڭ مارسىنى قوغداش دېگەن بۇ نۇسقىسىدىن باشقا يەرشارىنى قوغداش (iTunes تىن كۆرۈڭ) دېگەن يەنە بىر نەشىرى بار. مەن بۇنىڭغا بەكرەك ئامراق. لېكىن مارسنىڭمۇ يەنىلا پەچەت ئويۇن ھېساپلىنىدۇ. ئىككىسى كۆپ پەرق قىلمايدۇ. بىرىدە تاشقى پلانىت ئادەملىرى يەرشارىغا ھۇجۇم قىلسا بىز يەرشارىنى قوغدايدىغان بولۇپ رول ئالىمىز. مارىسنىڭكىدە بولسا بىز مارىسنى ئىنسانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدايمىز.
ھەممە قوراللارنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئالاھېدىلىكلىرى بار. بۇلارنى جايىدا ئىشلىتىپ ئوينىسىڭىز بۇ ئويۇننىڭ تولىمۇ پەچەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.
ئويۇن ئىسمى : Sentinel: Mars Defense
ياسىغان شىركەت : Origin 8 Technologies Ltd.
ئويۇن تۈرى : مۇداپىئە
قوللايدىغان سۇپا : OpenFeint
چوڭلۇقى : 12.2 MB
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار