بۇ مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينىغان مۇداپىئە ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. سەرەڭگە كارتونلار ئىككى تەرەپتىن ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشۇرۇلغان ئىلىكتىر مۇنارىغا ھۇجۇم قىلىشىدۇ. ھەر بىر مەيدان ئاياغلاشقاندا دۈشمەنلەرنى ئۆلتۈرگەندە ئېرىشكەن پۇلغا قورال-جابدۇقلارنى يېڭىلاپ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز. بۈگۈن Pavel Tarabrin ئايفون ۋە ئايپەد ھەرئىككى نۇسخىسىنى ھەقسىز قىلىپ تارقىتىپتۇ. ناھايىتى كەپسىز سەرەڭگە ئادەملەر ئوتتۇرىدىكى پاسىل تامغا قاراپ ھۇجۇم قىلىدۇ. بەزىلىرىنىڭ سۈرئىتى تىز، بەزىلىرىنىڭ قوللىرىدا كەكە-پالتا، بەزىلىرىنىڭ AK-47 ، بەزىلىرى بومبا يۈدىۋالسا، بەزەنلىرى سىنارەد… ئىشقىلىپ ھەرخىل شەكىلدىكى ئوماق سەرەڭگىچاقلار پاسىلغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز پاسىلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىلىكتىر مۇنارى ئارقىلىق ئۇلارنى توك بىلەن سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ، مۇداپىئەدە تۇرۇش. نەچچە يۈز ئۆتكەل، 3 خىل ئويناش ئۇسۇلى بولۇپ يەنە ۋاقىت چەكلىمىسىز ئويناش ھالىتىمۇ بار. بۇنىڭدا تاكى ئوتتۇرىدىكى پاسىل تام بىتچىت بولغۇچە ئويناۋېرىسىز. تېخىمۇ كونكىرتنى ئىقتىدارلىرىنى چۈشۈرۈپ ئويناپ سىناپ بېقىڭ.

ئويناش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى. دۈشمەننى قولىڭىز بىلەن باسسىڭىز، ئېلىكتىر مۇنارىدىن توك چىقىپ ئۇلارنى توك سوقۇپ ئۆلتۈرىدۇ.  ئويۇننى توختۇتۇپ تۇرۇپ ھەرخىل ياردەمچى ئوق-دورىلارنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ھەر بىر ئۆتكەل ئاياغلاشقاندا پۇلغا مۇنارنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى ياكى قورال-جابدۇقلارنىڭ قۇلۇپىنى ئاچقىلى بولىدۇ.

ئەپچىل چارىلەر :

  • ھەر بىر مەيداندا مۇۋاپىق نەرسىلەرنى يېڭىلاشقا دىققەت قىلىڭ. ئىقتىدارىنى ۋاقتىدا ئاشۇرۇپ تۇرمىسىڭىز دۈشمەنلەر بارغانسىرى كۆپىيىپ ھەم كۈچىيىپ كېتىدۇ.
  • ھەر بىر ئۆتكەل باشلىنىشتىن بۇرۇن تامنىڭ قېنىغا دىققەت قىلىپ قويۇڭ. ۋاقتىدا رېمونت قىلىش كېرەك.
  • ئويۇن ئوينىلىۋاتقان پەيتتە ئېنىرگىيە ئۆزلۈكىدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنى سىز پۇلغا تولۇقلىمىسىڭىزمۇ تولۇقلاش سۈرئىتىنى يېڭىلاش ئارقىلىق تىزلەشتۈرسىڭىز شۇ كۇپايە.
  • راكىتا قويۇپ بېرىلگەندە سىز ئاسماندا تۇرۇپمۇ بومبىنى پاچاقلىۋىتەلەيسىز. بۇ راكىتا قويۇپ بېرىلگەندىن كىينكى ئەڭ قىيىن، لېكىن ئەپچىل مۇداپىئە ئۇسۇلى. چۈنكى ئۇ خېلى كۆپ قان سىيرىۋىتىدۇ.
  • ئاۋال ماي تۇڭى كۆتىرىۋالغان دۈشمەننى ئېتىڭ. ئۇ پارتىلاپ ئەتراپتىكىلەرنىمۇ زەخمىلەندۈرەلەيدۇ.

ئويۇندىن بىر-ئىككى پارچە رەسىم كۆرۈپ ئۆتەيلى:

ياسىغان شىركەت :  Pavel Tarabrin

ئويۇن ئىسمى : Tesla Wars

ئويۇن تۈرى: مۇداپىئە

قوللايدىغان سۇپا : Open Feint

چوڭلۇقى: 25.6 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



4 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. مەن بىرىنجى بولۇپ كۆرۈپتىمەن. :o))):

  2. شۇنچە بالدۇر كىرسەممۇ……. :appoint:

  3. نىمېلا دىگەن بىلەن شاھزادىنىڭ ئالدىغا كىرەلمەيسەندە.

  4. كىيىنكى تىمىدا كىرىۋالىمەن.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش