ھەر قېتىملىق تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئۆزىگە يارىشا يەنە كەمچىللىكلىرى بولىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن ئەسلى نورمال بولغان نەرسىگە يەتمەيدۇدە. ئىلگىرىكى مۇكەممەلسىزلىكتىن ھازىرقى مۇكەممەللىككە تەرەققى قىلغىنى بىلەن Greenpois0n نى ئىشلىتىپ تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن قوزغالغاندا كۆرىنىدىغان يېشىل رەڭلىك ئىسكىلىتنىڭ بەلگىسى ئادەمنىڭ سەل ئىچىنى ئېلەشتۈرىدۇ. بۇنى سىزنىڭ ئەسلىدىكى ئالمىنىڭ رەسىمىگە ئۆزگەرتىش ئويىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا سىز بۇ ئامالنى ئىشلىتىڭ.

تۈرمىدىن قاچۇرغانكەنسىز، سىز چوقۇم Loader ئارقىلىق Cydia نى قاچىلىغانغۇ دەيمەن؟ ئۇنداقتا سىز سىمسىز تورغا ئۇلانغان شارائىتتا ئۇنى قوزغىتىڭ. نورمال قوزغىلىپ بولغاندىن كىيىن بۇ ھالەتكە كېلىدۇ.

بۇ كۆزنەك ئېچىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاستىدىكى 2-تىزىملىك Sections نى بېسىڭ. ئۇنىڭدىن (Addons (BootLogo دېگەن تىزىملىكنى تېپىڭ.

بۇ تىزىملىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ Apple boot logo دېگەن دېتالنى ئىزدەپ تېپىڭ.

بۇنى قاچىلىۋېتىڭ. قاچىلاش ئۇسۇلىنى بىلىسىزغۇ دەيمەن Install نى باسقاندىن كىيىن Confirm نى بېسىپ قاچىلايسىز.

قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن Return to Cydia نى بېسىپ باش بېتىگە قايتىڭ. ئەمدى سىز Cydia دىن چېكىنىپ 设置 نىڭ ئىچىدىكى تىزىملىككە قاراڭ. تىزىملىك ئارىسىدا BootLogo دەپ ئىسكىلىتنىڭ رەسىمى بار بىر تىزىملىكنىڭ قوشۇلغانلىقىنى كۆرىسىز.

ئۇنىڭ ئىچىدە قوزغالغاندا كۆرىنىدىغان ئىككى خىل لوگونىڭ تاللاش ئورنى بار. سىز بۇنىڭدىن Apple Logo نى تاللاپ باش تىزىملىككە قايتىڭ. ئىش تامام.

ئەمدى سىز قايتا قوزغالغاندا ئالما لوگوسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆرىسىز. بۇنىڭ يەنە بىر ئىنتايىن ئاددىي بولغان ئۇسۇلى بارمىش. لېكىن مەن سىناپ باقمىدىم. ئەگەر بېخەتەرلىكىگە ئىشەنچىڭىز بولسا ئۇ ئۇسۇلىنىمۇ قالدۇراي.

سىز iFunbox قا ئوخشاش ئايفون ئىچىدىكى ھۆججەت كۆرگۈچ ئارقىلىق /usr/bin/animate ئىچىدىكى ھۆججەتنى يۇيىۋېتىڭ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يۇقىرىدىكى مۇرەككەپ جەرياننىڭ ھەممىسى ئاسانلا ھەل بولامىش. خالىسىڭىز سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش