ئۆزى كىچىك، ئامما ئىنتايىن قىزىقارلىق بۇ ئويۇن بۈگۈن ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىلدى. بۇ ئويۇن باشقا ئويۇنغا قارىغاندا خاسلىققا ئېگە. باش پىرسوناژ تانكىغا ئوخشايدىغان ئۆزگىچە شەكىلدىكى قېزىش ماشىنىسىدىن بىرنى ھەيدەپ، يەرئاستىدىن ھەرخىل كان بايلىقلىرىنى قازىدۇ. تانكىنىڭ تېمپىراتۇرىسى، يۈك ئېلىش چېكى ۋە يېقىلغۇسى چەكلىك. ئوينىغاندا بۇلارغا دىققەت قىلىش لازىم. تانكىنىڭ يېقىلغۇسى تۈگەپ كەتسە ياكى قىززىپ پارتىلاپ كەتسە بولمايدۇ. ئالماس قېزىۋالساق قىممەترەك ساتالايمىز. سېتىپ پۇلىغا تانكىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. ئاستىدىكى رول بىلەن باشقۇرىمىز. ئويناش بەك ئاسان. بۇ ئويۇننى چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز. ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتمەي ھەقسىز ۋاقتىدا چوقۇم چۈشۈرىۋېلىڭ.
ياسىغان شىركەت : In Motion Software
تىلى : ئېنگلىزچە
قوللايدىغان سۇپا : GameCenter
نەشىرى : 1.8
چوڭلىقى : 9.1 MB
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































ئەگەر كومپيۇتىرنىڭ سىستىمىسىنى قايتا قاچىلىسام itunes قا قاچىلىغان نەرسىلىرىم يۇيۇلۇپ كىتەمدۇ ۋە يەنە قايتىدىن تىزىملىتىشقا توغرا كىلەمدۇ ؟ كىتاپ ئوقۇش سىستىمىسى يۇيۇلۇپ كەتسە قانداق ئەسلىگە كەلتۈرىمەن ؟ خاپا بومماي جاۋاپ بىرىشىڭىزنى سورايمەن !
ئادەتتە iTunes ئارقىلىق چۈشۈرگەن نەرسىلەرنى ھۆججەتلىرىم مۇندەرىجىسىدىكى ماۋۇ جايدىن «\My Documents\My Music\iTunes\Mobile Applications» تاپىمىز. قۇيرۇقنامى IPA بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ «ھۆججەتلىرىم» مۇندەرىجىڭىز (خەنچە «我的文档» ) سېستىما قاچىلانغان C دېسكىدا بولماي باشقا دېسكىلاردا بولسا، مەسىلەن «D:\我的文档» بولسا سىز سېستىما دېسكىسىنى فورماتلاپ قايتا قاچىلىسىڭىز يۇيۇلۇپ كەتمەيدۇ. پەقەت قايتا قاچىلاپ بولۇپ ھۆججەتلىرىم مۇندەرىجىسىنىڭ ئورنىنى كونا سېستىمىدىكى ئورۇن «D:\我的文档» قىلىپ بەلگىلەپ قويسىڭىز iTunes ئاپتۇماتىك تاپىدۇ. ئەڭ ياخشىسى iTunes نى قاچىلاشتىن بۇرۇن بەلگىلەڭ.
ھۆججەتلىرىم مۇندەرىجىسىنىڭ ئورنىنى يۆتكەش ئىنتايىن ئاسان. ئۈستەل يۈزىدىن «ھۆججەتلىرىم» (我的文档) مۇندەرىجىسىنى تاللاپ مائوسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چېكىپ، خاسلىق (属性) نى باسىمىز. كۆزنەكتىكى ئەسلى ئادرىسنى ئۆچۈرىۋېتىپ، بەلگىلىمەكچى بولغان تولۇق ئادرىسنى كىرگۈزۈپ(مەسىلەن، D:\My Documents دېگەندەك) مۇقۇملىۋەتسەكلا بولىدۇ. ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى ئاپتۇماتىك يۆتكەيدۇ.
كىتاپ ئوقۇش سېستىمىسى دېگىنىڭىز iBooks دېگەن شۇما؟ ئەگەر شۇ بولسا بۇنى ئايفوندىن AppStore دىن ئىزدەپ چۈشۈرىۋېلىڭ. بۇ ھەقسىز.
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ! ئايفۇنغا ئۇيغۇرچە ئىلكىتاپلارنى قانداق قاچىلايمىز ؟ PDF ھۈججەتلەرنى ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەن بۇ توغرىسىدا تەپسىلىيرەك توختىلاي. ئاللاھ خالىسا مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە ئايرىم تېما قىلىپ يوللايمەن.
رەخمەت چۈشۈرىۋالدىم ! مۇمكىن بولسا پۇل تۆلەپ نەرسە سېتىۋىلىشنى چۈشەدۈرۈپ قويغان بولسىلىرى !
ماڭا ھەقسىز ئويۇن لازىم.