چوڭ ھاسىلات بولمىش Xtreme Sports: Biker ناملىق 3D لىك دالا ۋېلىسىپىتى ئويۇنى بۈگۈن ھەقسىز تەمىنلەندى. ئويۇننى 1-شەخس كۆرۈنۈش يۈزى ھالىتىدە ئوينايدىغان بولۇپ، چىنلىقى ئاشۇرۇلغان. ئوينىغۇچى پەچەت خوتلۇق دالا ۋېلىسىپىتىنى تاغمۇ-تاغ چاپتۇرۇپ مۇسابىقىلىشىدۇ. Open Feint سۇپىسى ئارقىلىق نومۇرنى دۇنيا بويىچە رەتكە تىزغىلى بولىدۇ. Sport نى سۆيىدىغان بالىلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھەقسىز ھوزۇرلانغايسىلەر!

تەمىنلەنگەن مەيدان ئىچىدە پەقەت تاغ-دالىلارلا بولماستىن شەھەر كوچىلىرىمۇ بار. ئېغىرلىق سەزگۈچ ئارقىلىق كونترول قىلىمىز. تورموز ۋە خوتى ئىككى تەرەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بىرەر لاي-پاتقاقتىن ئۆتۈپ قالسا «يۈزىمىز»گە لاي چاچراپ كېتىدۇ. قولىمىز بىلەن «يۈزىمىز»نى ئېيتىۋېتىپ مۇسابىقىنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىز. چىنلىققا ئەھمىيەت بېرىلگەن ھە؟

دۇنيا بويىچە ئۆزىڭىزنىڭ نەتىجىڭىزنى رەتكە تىزالايسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن يولغا ئوبدانراق قاراپ ھەيدەڭ.

رەسىملەر يەتمىسە سىننى بىر كۆرۈڭ. چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز.

ئويۇن ئىسمى : Xtreme Sports: Biker

ياسىغان شىركەت : Dirty Edge Ltd.

ئويۇن تۈرى : مۇسابىقە

قوللايدىغان سۇپا: Open Feint

چوڭلۇقى : 56.2 MB

ئەڭ تۆۋەن سېستىما تەلىپى : + iOS 2.2.1

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

iTunes  قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



3 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. چۈشۈرەي دىسەم يا تىزىم نۇمۇرى يوق ،يا تىزىملىتالمىدىم ،
    شۇڭا ئامال يوق كۈندە ھەسرەت بىلەن يېنىپ چىقىمەندە توربىتىڭىزدىن … :o))):

    • ئوغاۋالىنى! نېمىشقا تىزىملىتالمىدىڭىز ئەمدى؟ قايسى يەردىن قىينالدىڭىز ئېنىق بىر دەڭە! سىزگە بىرنى ئىلتىماس قىلىلى بۈگۈن زادى

  2. كەينى – كەينىدىن نەچچە قېتىم سىناپ باقتىم ، لېكىن ….
    قېنى يەنە بىر قېتىم سىناپ باقاي ، پەقەت بولمىغاندا ئاندىن سىزدىن ياردەم سوراي .

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش