ئايپەدنىڭ گەرچە ئىچىدە كومپاس بولغىنى بىلەن ئايفونغا ئوخشاش مەخسۇس كۆرىدىغان جايى يوق. كومپاسنىڭ بارلىقىنى بۇ ئىقتىدارىنى قوللىنىدىغان پروگراممىلارنى ئىشلىتىپلا بىلەلەيمىز. بۇ دېتال مەخسۇس ئايپەد ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئالما شىركىتىنىڭ ئايپەدنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويغان كومپاسىنى كولاپ چىقىدۇ. ئايپەد ئىشلىتىۋاتقانلار چوقۇم قاچىلاش لازىم بولغان دېتال.
بۇنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن. چۈشۈرىۋالسىڭىزلا بولىدۇ.
دېتال ئىسمى : The Compass for iPad
ياسىغۇچى: Christoph Arnold
تۈرى : قوللىنىشچان
چوڭلىقى: 0.4 MB
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































مەندە بىر دانە ipod touch2 32G ئايپود دىن بىرى بار ئىدى بۇنىڭغىمۇ كومپاس دىتالىنى قاچىلاشقا بولارمۇ؟
iPod2 ۋە iPhone 3G (ئىككىنجى ئەۋلاد ئايفون) دا كومپاس ئىقتىدارى يوق. بۇ قاتتىق دېتالدىكى مەسىلە. بۇ ئىقتىدارنى ھەرقانداق دېتال قاچىلاش بىلەن قوشقىلى بولمايدۇ. 3-ئەۋلادتىن باشلاپ بار. ئايپەد تە ئەسلىدىنلا كومپاس بار. قاتتىق دېتالى بولغان بىلەن ئۇنى كۆرسىتىدىغان يۇمشاق دېتال يوق. شۇڭا بۇنىڭغا ئاددىي بىر دېتال ياساپلا كۆرسەتكىلى بولىدۇ.