سىز بىرەر گېتار مۇزىكىسىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئىختىيارىڭىزچە قولىڭىزنى گىتار چالغاندەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ «تەڭكەش» قىلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ ئۆتكەنمۇ؟ مېنىڭچە مۇزىكىغا ئىشتىياقى كۈچلۈكلەر مۇشۇنداق بوپكەتسە كېرەك. بۇ ئەپ سىزنىڭ بۇ خىل ئېھتىياجىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ قامدىيالىشى مۇمكىن.
GhostGuitar دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئەپ سىزنىڭ قولىڭىزنى كۆرۈپ قولىڭىزنىڭ ھەرىكىتىگە ئاساسەن گېتار ئاھاڭلىرىنى تامامەن تولۇق چىقىرىپ بېرەلەيدۇ. سىز گېتار چالماقچى بولسىڭىز نەچچە يۈز يۈەن خەجلەپ سېتىۋالمىسىڭىزمۇ، iPhone ىڭىز بولسا پەقەت 2 دوللار خەجلەپلە بۇ ئوقەتكە گېتار سەپلىيەلەيسىز.
بۇ ئەپ Microsoft نىڭ XBOX دىكى kinect نىڭ ئۇقۇمى بىلەن ئوخشايدۇ. بىز ئېكرانغا قاراپ قولىمىزنى ھەرىكەتلەندۈرسەكلا، ئېكراندىكى چالغۇ-ئەسۋاب ياكى بىرەر ئويۇننى كونترول قىلالايمىز. ئۇنى قولىمىز بىلەن بېسىپ ياكى رول بىلەن باشقۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ ئۇقۇم سىزگە «كەلگۈسى دۇنيا» دېگەن فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلىتىۋاتامدۇ؟ بەلكى شۇنداق زامانلار كېلىۋاتقان بولسا كېرەك.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
بۇ ئەپنى جايىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى iPhone 4 ياكى iPad دېگەندەك ئالدىدا كامېراسى بولغان iDevice بولىشى كېرەك. بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز : iPhone ياكى iPad نى ئۆزىڭىزگە قارىتىپ قويۇپ مۇقىم جايغا ئورۇنلاشتۇرۇش. ئاندىن بىز چالماقچى بولغان مۇزىكىنى تاللاپ گېتار چېلىشنى باشلاپ كەتسەك بولدى. بۇ ئەپ ئېكراندا مەۋھۇم گېتاردىن بىرنى كۆرسىتىدۇ. بىز قولىمىزنى ئاشۇ گېتار ئۈستىگە ئەكىلىپ تەڭكەش قىلىپ چېلىپ چۈپكەتسەك بولغىنى. قىزىقمىكەن؟
بۇ ئەپ قارىماققا ھەر قېتىم چالغاندا iPhone نى بىر يەرگە ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاندىن چالغىلى بولىدىغان «ئاۋارىچىلىق»نى پەش قىلىشىڭلار مۇمكىن. لېكىن ئەمەلىيەتتىكى گېتارنىمۇ تەڭشىكىنى تەڭشىمىسە چالغىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟ بىز بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ چالغان ھالىتىمىزنى سىنغا ئېلىپمۇ قويالايدىكەنمىز.
بىر تال iPhone غا قاراپ «دىۋەڭ» گە ئوخشاش قولنى شىلتىپ يۈرسە غەلىتە تۇيۇلامدىكەن؟ لېكىن مۇشۇ iDevice نىڭ ئۆزگىچە ئالاھېدىلىكى ۋە قىزىقارلىقلىقى ئەمەسمۇ؟
بۇ ئەپنىڭ قانداقلىقىنى تۆۋەندىكى سىندىن كۆرۈۋېلىڭ.
بۇ ئەپ iPad ۋە iPhone غا ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ. ئۇنىۋېرسال تېخنىكىسى بىلەن ياسالغان ئىكەن. شۇڭا iPhone ۋە iPad ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئەپ ئىسمى : Ghost Guitar
ساتقۇچى : Yonac Inc.© 2011
تۈرى : قوللىنىشچان
چوڭلۇقى : 19.2 MB
باھاسى : 1.99 دوللار









































بىرىنجى بۇلۇپ كۆرسە ھىسسىيات باشقىچە بۇلىدىكىنا ؟ بولىدىغان ئەپكەن لىكىن باھاسى سەل قىممەت ئىكەن ….
1.99دوللار قىممەتما؟
مەن چۈشۈرۋالدىم ھەقىقەتەن پەچەت ئىكەن رەھمەت~بولسا پەدكە چۈشىدىغان ئەپلەرنى كۆپرەك تەۋسىيە قىلسىڭز~
ھەقلىق ئەپنى قانداق سىتىۋالىدۇ؟
مەن سىزگە كىرېدىت(ئىناۋەت) كارتىسى ئىشلەتمەي، ھەم ئەرزان باھادا ھەقلىق ئەپنى سېتىۋىلىشنىڭ يولىنى دەپ بىرەي:
سىز تاۋباۋدىكى App Store دىن ۋاكالىتەن سېتىۋىلىپ بېرىغانلاردىن، ھەقلىق ئەپنى $1 نى 1 يۈەن ئەتراپىدا سېتىۋالالايسىز، شۇنداق بولغاندا يۇقىرىدىكى Ghost Guitar پەقەتلا 2 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ.
سىز ئۇلارغا سىز سېتىۋالماقچى بولغان ئەپنىڭ ئادېرىسىنى ئەۋەتىپ بېرىسىز، ئۇلار سىزگە «سوۋغا قىلىش» ئۇسۇلىدا شۇ ئەپنى ئۆزى پۇل تۆلەپ سېتىۋىلىپ سىزگە ئالماشتۇرۇش نومۇرىنى بېرىدۇ. سىز بۇ نومۇرنى iTunes دىكى ياكى iPhone دىكى App Store غا يازسىڭىزلا بۇ ئەپ مەڭگۈلۈك سىزگە تەۋە بولىدۇ ھەمدە چۈشۈشكە باشلايدۇ. بىز ئەمەلىيەتتە ئالما شىركىتىگە نىسبەتەن پۈتۈنلەي قانۇنلۇق سېتىۋىلىپ ئىشلەتكەن بولىمىز.
مەن بۇنى ئايرىم يازما قىلىپ يوللاي. ھەقىقەتەن نۇرغۇن دوستلىرىمىز بىلمەيدۇ. يەنە كېلىپ يېقىندىن بۇيان مەنمۇ تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىۋاتىمەن. مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا قانۇنلۇق ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئاللاھ خالىسا ئەتىگىچە يازما يازىمەن.
بۇ ئۇسۇلنى مەن بەيدۇدىن كۆپ ئىزدەپ كەتتىم. بۇنىڭ خارەكتىرى باشقىلارنىڭ كارتىدىكى پۇلىنى ئوغۇرلىغانغا تەڭ بولىدىكەن. بىلىشىمچە ئالما تەرەپمۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن تاۋباۋنى بۇ خىل سودىغا يول قويدى دەپ ئاۋارە قىپتىكەن.
سەھىھ ھەدىستە ئوغرلاپ كېلىنگەن مالنى بىلىپ تۇرۇپ سېتېۋېلىشنى گۇناھتا شېرىكلەشكەنگە ئوخشاش دەپ كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئويلىنىپ ئىش كۆرسەكمىكىن.
يىشىۋىتىلگەن نۇسقىسى يوقمىكەن بۇ ئوقەتنىڭ….