تور دېسكىلىرىنىڭ تۈرى كۆپ. بۇلۇت تېخنىكىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ھەر قايسى تور دېسكا تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى، دېسكا سىغىمى قاتارلىقلارنى زور دەرىجىدە يېڭىلاپ «بۇلۇت» دېگەن بۇ ئىسىمغا ماسلىشىشقا تېرىشتى. بۈگۈن iPhone ۋە iPad لىرمىزگىمۇ يېتىپ كەلگەن يەنە بىر ھەقسىز بۇلۇت دېسكىسى 金山快盘 نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

بىرەر نەرسىنى تەۋسىيە قىلغاندا ئۇنىڭ چوقۇم باشقىلىرىغا قارىغاندا ئۆزگىچىرەك ئالاھېدىلىكى بولىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭ باشقىلاردىن ئارتۇقچىلىقى بولمىسا ئۇ نەرسىنىڭ بولىشىنىڭمۇ تازا ئەھمىيىتى يوق. بۈگۈن تەۋسىيە قىلماقچى بولغان بۇ تور دېسكىسىنىڭ قانداق ئۆزگىچە ئالاھېدىلىكى بار؟

ئاۋال بۇ سىننى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ چاغدا مېنىڭ كۆپ سۆزلىشىمنىڭ ھاجىتىمۇ قالمايدۇ.

سىننى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن بۇنىڭ ئالاھېدىلىكىنى بىلدىڭىزغۇ دەيمەن. تور دېسكىلىرىدا بىزنىڭ تورغا يوللاپ قويغان سانلىق مەلۇماتلىرىمىزلا بولىدۇ. 金山快盘 دە بولسا بىز كومپىيۇتېرىمىزدا ساقلىغان ھەر بىر ھۆججەت دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تور دېسكىمىزدىمۇ يېڭىلىنىپ ماڭىدۇ.

تورسىز شارائىتتىمۇ توردىكى نەرسىلەرنى تەھرىرلىيەلەيمىز.

تور يوق شارائىتتا كومپىيۇتېرنىڭ ئۆزىدە مەشغۇلات قىلىۋېرىمىز. چۈنكى 金山快盘 تورغىلا ساقلايدىغان تور دېسكىسى ئەمەس. ئۇ كومپىيۇتېرىمىزدىكى ھۆججەتلەرنى تور بىلەن ماسقەدەملەيدىغان تور دېسكا. شۇڭا ئۇ ھۆججەتلەر يەنىلا كومپىيۇتېرىمىزدا تۇرىدۇ. لېكىن كومپىيۇتېر تورغا ئۇلانغاندىن كىيىن ئۇ ئاپتۇماتىك ھالدا يېڭى ئۆزگەرتىلگەن ھۆججەتلەرنى مۇلازىمېتىرغا زاپاسلاپ ماسقەدەملەپ ماڭىدۇ. ئەگەر بىز مۇھىم ھۆججەتلىرىمىزنى ئېھتىياتسىزلىقتىن يۇيىۋېتىپ قالساق، توردىكى بوشلۇقتىن يەنە چۈشۈرىۋالالايمىز. ھۆججەت مەڭگۈ يۈتمەيدۇ دېگەن گەپ.

قانداق قىلسام مۇھىم ھۆججەتلىرىم تورغا يوللىنىدىغان بولىدۇ؟

بىز 金山快盘 نى چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كىيىن كومپىيۇتېرىم دېگەن جاينىڭ ئىچىگە قارىساق ئايرىم قاتتىق دېسكا ھالىتىدە بىر تال دېسكىنىڭ قوشۇلغىنىنى كۆرىمىز. بۇ تور دېسكىسى بولۇپ، بۇنىڭ قاتتىق دېسكىمىزدىكى ئورنىنى 金山快盘 نىڭ تەڭشەك قىسمىدىن تەڭشىۋالالايمىز. بىز بۇنى دائىم مەشغۇلات قىلىدىغان، مۇھىم ماتىرىياللىرىمىزنى ساقلايدىغان بىر جايغا توغرىلاپ قويساق بولىدۇ. ياكى بىز شۇ ماتىرىياللىرىمىزنى كېسىپ مۇشۇ دېسكا ئىچىگە يۆتكەپ قويساقلا بولىدۇ. چۈنكى مۇشۇ 快盘 ئىچىدىكى ماتىرىياللارنى 金山快盘 تورغا يوللايدىغان بولغاچقا، چوقۇم مۇشۇنىڭ ئىچىدە بولىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن كومپىيۇتېردا 1 نۇسخا، توردا 1 نۇسخا ساقلىنىپ ماڭىدۇ. كومپىيۇتېردىكى ماتىرىيالغا بىرەر چېكىت قويغاندەك كىچىككىنە ئۆزگەرتىشمۇ، مۇلازىمېتىرغا يوللىنىدۇ ۋە شۇ جايدىكىسىنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ.

ھۆججەتلەر نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر يۈتمەيدۇ

خۇدا ساقلىسۇن، ئەگەر بىرەر كۈنىسى قاتتىق دېسكا پەقەتلا بۇزۇلۇپ، كومپىيۇتېر ئېچىلماي قالغان ۋاقىتتا بىز يېڭى قاتتىق دېسكىنى سېلىپ، 金山快盘 نى قايتىدىن قاچىلاپ كونا ھېساۋات نومۇرىنى كىرگۈزسەك، بىزنىڭ ھېلىقى قىممەتلىك ماتىرىياللىرىمىز ھەممىسى توردىن ئۇچۇپلا كېلىدىغان گەپ. بۇ كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ.

Office ھۆججەتلىرىنى تور يۈزىدىلا كۆرگىلى بولىدۇ

ئەگەر بىز سىرتتا بولۇپ، بىرەر جەدۋەل ھۆججىتى ياكى دوكۇمېنت ھۆججىتىنى كۆرۈش ئېھتىياجى تۇغۇلۇپ قالسا، ئۇ پەقەت بىزنىڭ شەخسىي كومپىيۇتېرىمىزدىلا بار. ھازىرقى تېخنىكا سەۋىيەرىمىزدە ئۆيگە تېلىفون قىلساق كومپىيۇتېر ئاپتۇماتىك ھالدا بىزگە ئېۋەتىپ بېرەلمەيدۇ. ئەگەر بىز 快盘 نى ئىشلەتكەن بولساق، بۇ خىل باش ئاغرىقىدىن خالىي بولىمىز. بىز تورغا ئۇلانغان ھەرقانداق كومپىيۇتېر ئارقىلىق 快盘 نىڭ تور بېتىگە كىرىپ ئۆزىمىزنىڭ ھېساۋاتىمىزغا كىرىپ ئۇ كومپىيۇتېردا Office قاچىلانغان بولسۇن بولمىسۇن تور بەت يۈزىدىلا XLS, DOC, TXT, PDF, JPG …. دېگەندەك كۆپ خىلدىكى ھۆججەتلەرنى بىۋاستە كۆرەلەيمىز. كومپىيۇتېرغا چۈشۈرۈشنىڭ، مەخپىي ھۆججەتلىرىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ كومپىيۇتېرىدا ئىز قالدۇرۇپ قويۇشىدىن خاتىرجەم بولساق بولىدۇ.

ئىشخانىدا تۈگىمىگەن ئىشنىڭ داۋامىنى ئۆيدە تۈگىتىمىز

مانا بۇ بىز دەۋاتقان بۇلۇت تېخنىكىسى. بىز ئوخشاش بىر ھېساۋات نومۇرى بىلەن نەچچە كومپىيۇتېردا ئوخشاش ھۆججەتلەرنى تەھرىرلىيەلەيمىز. ئىشخانىدا بىرەر نەرسىنى يېزىۋاتقان چاغدا ئىشتىن چۈشىدىغان بوپقالدۇق. ئۇنىڭ داۋامىنى ئۆيدىكى كومپىيۇتېردا قىلىشقا تامامەن بولىدۇ. بىز ئۆيگە كېلىپ كومپىيۇتېرنى ئاچساق،  تورغا ئۇلانغاندىن كىيىن بايىقى ئەڭ يېڭى ھالەتتىكى ھۆججەتنى كومپىيۇتېرغا چۈشۈرىدۇ. بىز ئۇ جايدىن ئېچىپ، داۋامىنى يەنە يېزىشقا باشلىساق بولىدۇ. ئىش پۈتكەندىن كىيىن ئۇنى ئايرىم دېسكىغا ئېلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەتىسى ئىشخانىغا بېرىپلا كومپىيۇتېرنى ئاچساق، ئاخشام ئۆيدە پۈتتۈرگەن لايىھە بۇ كومپىيۇتېردىمۇ بار بولغان بولىدۇ. مانا بۇ – ھەقىقىي بۇلۇت تور دېسكىسى.

ھەرقانداق جاي، ھەرقانداق ئورۇندا ھۆججەتلەر بىزگە ھەمراھ

快盘 نىڭ كومپىيۇتېر نۇسقىسىدىن باشقا iPhone، iPad ۋە Android تېلىفونلارغا ماس كېلىدىغان نۇسقىلىرىمۇ بار. بىز تورغا ئۇلانغان iPhone ياكى iPad ۋەياكى Android تېلىفونلىرىمىزدا بىۋاستە ھۆججەتلىرىمىزنى زىيارەت قىلالايمىز. مەيلى ئىشخانا، مەيلى ئۆي، مەيلى رېستوران ۋە ياكى پويىزدا بولايلى، بىزگە لازىملىق ھۆججەتلەر ھەر قاچان ئالقىنىمىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. سىز يەنە نېمىگە ساقلايسىز؟

بۇ پەقەت ماسقەدەملىيەلەيدىغان تور دېسكىسى ئەمەس

ئەگەر سىز تور دېسكىسى ئىشلىتىپ كۆنگەن بولسىڭىز، ماتىرىياللىرىڭىزنى پەقەت توردىلا ساقلاپ، كومپىيۇتېرىڭىزغا ساقلاشنى خالىمىسىڭىز، ياكى ئاممىۋى كومپىيۇتېرلارنى كۆپ ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋال بولسا ئۇنىڭغىمۇ بولىدۇ. پەقەت تورغا يوللايدىغان، توردىن چۈشۈرمەيدىغان 便捷版快盘 سىزنىڭ بۇ ئېھتىياجىڭىزنى قامدايدۇ.

سىزگە ماس كېلىدىغان 快盘 نى ئېلىپ كېتىڭ

بۇ نۆۋەتتىكى ھازىرقى بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان، ئەڭ ئەرزان بۇلۇت مۇلازىمىتى. چۈنكى بۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز. ئاۋال بۇ يەرگە كىرىپ تىزىملىتىڭ. تىزىملاتقاندىن كىيىن بىزگە 5G بوشلۇق بېرىدۇ. بىز ھەرخىل ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاپ چىققاندىن كىيىن 15G غا كۆپىيىدۇ. تىزىملىتىشمۇ ئىنتايىن ئاسان. پەقەت ئېلخەت ئادرېسىمىز بىلەن پارولنى 2 قېتىم كىرگۈزسەك كۇپايە.

تىزىملىتىپ بولدىڭىزمۇ؟ ئۇنداقتا قېنى مەرھەمەت، سىزگە قايسى خىلدىكى 快盘 لازىم؟

Windows نۇسقىسىدىكى 快盘 نى چۈشۈرۈڭ

توردىن چۈشۈرمەيدىغان، تور دېسكىسى ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان قولاي نۇسقىسىنى چۈشۈرۈڭ.

ئاندرويد نۇسقىسىنى چۈشۈرۈڭ

ئايفون نۇسقىسىنى چۈشۈرۈڭ

ئايپەد نۇسقىسىنى چۈشۈرۈڭ

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



17 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئايفۇن نۇسخىسىنى ئايفۇندا چۈشۈرگىلى بولمامدۇنىمە.

    • پاسىبان بىۋاستە iTunes تىكى ئادرېسىنى قالدۇرمىغان ئوخشايدۇ، ماۋۇ يەردىن چۈشۈرگىلى بولىدىكەن.
      http://goo.gl/SLgBA

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بولىدۇ. بەتنى ئايفوندا ئېچىپ ئايفوننىڭ رەسىمىنى باسسىڭىز بىۋاستە AppStore دىكى چۈشۈرۈش ئادرېسى ئېچىلاتتىغۇ. دىققەت قىلماي قالغان ئوخشايسىز. خەتنى چەكسىڭىز تىزىملىتىدىغان جايغا، رەسىمنى چەكسىڭىز چۈشۈرىدىغان جايغا بارىسىز.

  2. ئايفۇن بىلەن كومپىيۇتېر ئارىسىدا ئىشلەيدىغان بىرەر دېتال يوقمىدۇ.؟ تىلفۇن دا ماتىر يال يېزىپ يوللىغىلى بولمايدىكەن پەقەت رەسىمنىلا يوللىغىلى بولىدىكەن.
    كومپىيۇتېردىن ھەممە نەر سىنى يوللىغىلى بولىدىكەن. ۋرد ھۆججىتىنى تىلفۇندا تەھرىرلىگىلى بولسا بەك ياخشى بولاتتى

    • بىر نەچچىنى تەۋسىيە قىلاي:
      QuickOffice بىلەن بىز داۋاملىق ئىشلىتىۋاتقان Office ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلىيەلەيسىز. iPhone, iPot touch, iPad ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان نۇسقىلىرى بار.
      Keynote ئالما شىركىتىنىڭ ئۆزىنىڭ PPT سى. پرويىكسىيە دەرسلىكى ياسايدىغان پەچەت نەرسە. بۇنىڭمۇ iPhone, iPot touch, iPad ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان نۇسقىلىرى بار.
      Pages بۇمۇ ئالمىنىڭ Word قا ئوخشايدىغان مەزمۇن تەھرىرلەيدىغان ئىشخانا دېتالى. ھەممىسىگە چۈشىدىغىنى بار.
      Numbers بۇ خۇددىكى Office تىكى Excel گە ئوخشايدۇ. ئالمىنىڭ ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتى.
      QuickOffice تا بىزگە ئەڭ تونۇش بولغان DOC, PPT, XLS دېگەندەك ھۆججەتلەرنى تەھرىرلىيەلەيسىز، كۆرەلەيسىز. ئىۋەتكىلى بولامدۇ بولمامدۇ ئېسىمدىن چىقىپتۇ. ئىشقىلىپ بولىدىغان نەرسە. باشقىلىرى ئالمىنىڭ ئۆزىنىڭ Office دېتاللىرى. بىزگە دائىم ئۇچرايدىغان ئاۋۇ نەچچە خىل نەرسىنى ئاچالامدۇ يوق بىلمەيدىكەنمەن. لېكىن ئىشلىتىپ كۆرگەن ئېدىم، Microsoft Office تىن نوچىلىقىنى بىلىمەن.

      ھازىرقى زاماندا چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تەمىنلىمىسەممۇ بولا.
      … Google it please

  3. بۇ بۇلۇت تېخنىكىسى دىگىنىمىز ئالما بۇ قېتىمقى 5.0 نەشرىدە قوشماقچى بولغان ئىقتىدار شۇمۇ …؟ قېنى مەنمۇ ماۋۇنى تېلفۇنۇمغا قاچىلاپ سىناپ باقاي… گىپىڭىزچە ئەپستور دىن بىۋاستە ئىزدىسەممۇ چىققۇدەك ھە..؟!

    • ھە، خاراكتىرى شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئىككىلىسىنىڭ تەمىنلەيدىغان مۇلازىمىتى ئوخشاش ئەمەس. ئالما ئەپ ۋە مۇزىكا ساقلاپ بېرىدۇ. بىر يىللىقى ئۈچۈن مەلۇم ھەق تاپشۇرۇپ بېرىسىز.
      لېكىن بۇنىڭدا خالىغان ھۆججەتنى چىقىرىش چۈشۈرىسىز. سىغىمى چوڭ، پۈتۈنلەي ھەقسىز.

  4. الام!مەن ئايفۇننىڭ AppStoreدىن ئويۇنلىرىمنى يىڭىلاي دىگەن بىراق بۇرۇن تىزىملاتقان ئادرىس بىلەن مەخپى نومىرىنى بېسىڭ دەيدۇ ،مەن ئۆزەم قايتىدىن تىزىملىتىش ئۇسۇلىنى بىلەلمىدىم ،ماڭا ياردەم قىلاسىزمۇ؟

    • سىز ئۇ ئويۇنلىرىڭىزنى يېڭىلىماقچى بولسىڭىز چوقۇم ئىلگىرى شۇ ئويۇننى سېتىۋالغان ھېساۋات نومۇرى بىلەن يېڭىلىشىڭىز كېرەك. شۇڭا بۇرۇنقى ھېساۋات نومۇرىنىڭ مەخپى نومۇرىنى بىلىشىڭىز شەرت. ئەگەر شۇ ئويۇنلار چوقۇم لازىم بولسا، ھەممىسىنى ئۆزىڭىزنىڭ ھېساۋات نومۇرى ئارقىلىق بىرمۇبىر قايتىدىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇندىن كىيىن باشقىلارنى ئويۇن قاچىلاپ بەر دەپ يۈرمەڭ. سىزگە قاچىلاپ بەرسىمۇ، ھېساۋات نومۇرىنىڭ مەخپى نومۇرىنى سىزگە تۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. شۇڭا سىز ئالما مەھسۇلاتى ئىشلىتىمەن دەيدىكەنسىز، ئەڭ ياخشىسى پەقەت ئۆزىڭىزگىلا تەۋە بولغان بىر تال ھەقسىز ھېساۋات نومۇرى ئىلتىماس قىلىڭ. بۇ يەردە بۇ توغرىسىدا فىلىملىك دەرسلىك بار. /how-to-create-a-free-apple-id.html

      • مەن ھەقلىق سىتىۋالدىغان قىلىپ تىزىملاتتىم ،بىراق كارتا نومىرىنى كىرگۈزەلمىدىم،مىنىڭ كارتام قۇرلۇش بانكا كارتىسى ئىدى ،لىكىن كارتام قايسى تۈرگە تەۋە پەقەت تاپالمىدىم،كارتا ئۈستىدە تەلەپ قىلغان نومۇرلامۇ يوقكەن،زادى قانداق كارتىنى تونىيدىغاندۇ

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.مەن تىلفۇنۇمغا ئۇيغۇر فونت نى قاچىلىغان ئىدىم تىلفۇن دەپتىرى،ھەرقايسى تور بەتلەردىكى ماۋزۇ خاراكتىرلىك خەتلەر دە ئۇيغۇر فونتنى تونىمايدۇ بۇنى قانداق ھەل قىلساق بولا؟

  6. تورغا يوللىغان نەرسىلەرنى قانداق چۈشۈرۈشنى بەزى دوسلىرىمىز بىلەلمىگەن ئوخشايدۇ. بۇنى رەسىملىك چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.

    ئاۋال http://www.kuaipan.cn غا كىرىمىز. ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى 立即登录 نى باسىمىز.

    كىرگەندىن كىيىن ئېلخەت ئادرىس ۋە پارولنى كىرگۈزىمىز.

    ئوڭۇشلۇق كىرگەندىن كىيىن كۆرۈنمە يۈزىدە بىز يوللىغان ھۆججەتلەر كۆرۈنىدۇ. رەسىمدىكىدەك. ئەگەر بىز بوشلۇققا ھۆججەتنى بىۋاستە يوللىماي ھۆججەت قىسقۇچنى يوللىغان بولساق ئۇنى كومپىيۇتېردا مەشغۇلات قىلغاندەك بىر چېكىپلا ئىچىگە كىرەلەيمىز.

    ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن ئۇ مۇندەرىجە ئىچىدىكى ھۆججەتلەر تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ. بىز مەشغۇلات قىلماقچى بولغان ھۆججەتنىڭ ئالدىدىكى كاتەكچىكى توغرا بەلگىسى قويۇپ تاللىغاندىن كىيىن ئوڭ تەرەپتە مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلات ئۇچۇرلىرى چىقىدۇ.

     

    下载 نى باسساق بۇ ھۆججەتنى چۈشۈرىدۇ.

    分享给好友 بولسا بىز بۇ ھۆججەتنى 快盘 ئىشلىتىۋاتقان بىرەر دوستىمىزغا ئۇنىڭ ئېلخەت ئادرېسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ھەمبەھرلىنىمىز. ئۇمۇ خالىغانچە پايدىلىنالايدۇ. تاكى بىز ھەمبەھرنى توختاتقىچە.

    获取分享链接 دېگىنى بولسا بۇ ھۆججەتنىڭ سىرتقا تەمىنلەيدىغان چۈشۈرۈش ئادرېسى. مەسىلەن بىز تورغا يوللىغان بۇ ھۆججەتنى مۇنبەر ياكى باشقا ئورۇنلاردا ئىشلەتمەكچى بولساق، ئۆزىمىزنىڭ تور بەت بوشلۇقى يوق شارائىتتا ياكى يېتىشمىگەن شارائىتتا بۇ ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. تورغا يوللاپ قويۇپ، مۇشۇ يەرنى بېسىپ بۇ نەرسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى باشقىلارغا ئېۋەتىپ بەرسەك ھەممە ئادەم خالىغانچە چۈشۈرەلەيدۇ. چۈشۈرۈش قېتىم سانى، ۋاقتى چەكلەنمەيدۇ. بىر قېتىم چىقىرىپ قويساق مەڭگۈ چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىدۇ.

    重命名 ئىسىم ئۆزگەرتىش.

    移动 يۆتكەش. يەنى بىز بۇ ھۆججەتنى نۆۋەتتىكى مۇندەرىجىدىن باشقا مۇندەرىجىگە يۆتكىيەلەيمىز.

    删除 ئۆچۈرۈش. بۇ يەردىن ئۆچۈرىۋەتسەك يەنە بېرىپ ئەخلەت ساندۇقىدا تۇرىدىغۇ دەيمەن. بىۋاستە غايىب بولۇپ كەتمەيدۇ. شۇڭا يەنە بىزنىڭ بوشلۇقىمىزنى ئېگەللەپ تۇرىدۇ. ئۆچۈرگەن نەرسىلەرنى بۇ بەتنىڭ ئۈستى تەرەپ تىزىملىكتىكى 回收站 نىڭ ئىچىدىن تاپالايمىز.

  7. ئەسسالامۇئەلەيكۇم مىنىڭ سوئالىمغا جاۋاپ بېرىۋەتكەن بولسىڭىز

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەن دېگەن نەرسىنى ئاۋال بىر كۆرىڭە. تولۇق تەپسىلىي كۆرمەي سوراۋېرىدىكەنسىز. كۇلۇبتا دەسلەپ ئالما ئىشلىتىدىغانلارنى ئايفونىغا پىششىق قىلىۋېتىشكە يېتىپ ئاشقۇدەك ھەممە نېمە بار ئىزدىسىڭىز. فىلىملىك قىلىپ تەپسىلىي ئىشلەپ چىقىرىپ قويدۇم، سوراشنىڭ ھاجىتى قالمىغۇدەك تەپسىلىي قىلىپ. ئاۋۇ يازمىدىكى مەزۇن يېتىشمىدى دېسىڭىز ماۋۇ يەردە بار. /itunes-tutorial.html ماۋۇنى بىر كۆرۈڭ.
      ئادەتتىكى بانكا كارتىسىدىن تىزىملىتىدىغانغا كېتەرلىك نومۇرنى تاپالمايسىز. ھەقلىق تىزىملىتىدىغانغا ئىناۋەتلىك كارتا لازىم. ئىناۋەتلىك كارتىنى خەنزۇچە 信用卡 دەيدە بۇنى بىلىسىز. بانكىدىن مۇشۇنى قانداق بېجىرىمەن دەپ سوراڭ، شۇلار دەپ بېرىدۇ. شۇنى ئېلىپ كېلىپ ئاندىن تىزىملىتالايسىز.

  8. سەت بولدى ھە!سىزنى تولا سوراپ تېرىكتۈرۇپ قويدۇم ،لىكىن سىزگە رەھمەت شۇنداق بولسىمۇ تەپسىلى چۈشەندۇرۇپسىز،مەن راسلا بانكىدىن ئۇنداق كارتا بىجىرىش كېرەكلىكىنى بىلمەيدىكەنمە،توربېتىڭىزنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ سىزنى يەنە تېرىكتۇرۋېتىدىغان بولدۇمدە ئەمدى ،كىم مىنى ئايفۇن سېتىۋالسۇن دەپتۇ دېسە.

  9. ئۇتكەندە ئىزدىنىش تا سىزنىڭ بۇلۇت ھەققىدىكى ماقالىڭىزنى ئوقۇپ شۇ بويىچە ئۇگۇنۇپ ئىشلەتكەن ئىدىم، لىكىن ھازىر ئۇ سېستېما تەمىنلىگەن5GB لىق بوشلۇقۇم ئاللىقاچان توشۇپ كەتتى، سىز دەۋىدىڭىز:( 15GB غىچە تەمىنلەيدۇ) دەپ، شۇغنىسى ئۇ 15 نى قانداق ئىلتىماس قىلىمىز؟ بۇ ھەققىدە تەپسىلىراق چۇشەندۇرۇپ ئۇتسىڭىز ئىكەن.

    • قەدەملىرىگە مۇبارەك ئۆردەك بوۋا. مۇنداق قىلىمىز. سىلى مەن قالدۇرغان ئۇسۇل بويىچە Windows نۇسقىسىدىكى 快盘 ئىشلەتكەنمىدىلە؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئوڭ تەرەپ پەستىكى ھالەت ستونىدىن شۇنىڭ بەلگىسىنى تېپىپ، ئوڭ تەرەپنى بېسىپ 打开快盘主界面 نى باسىلا. ئاندىن ئاساسى كۆزنىكى كۆرىنىدۇ. ئۇ كۆزنەكنىڭ بىرىنجى بېتىدە، يېنى 主页 دېگەن بەتتە 每日签到 دېگەن يەردە 点击签到 دەپ بىر كونۇپكا بار. بۇ ھەر كۈنلۈك يوقلىما. بىز مۇشۇ كونۇپكىنى باسساق يوقلىمىدىن ئۆتىمىز. بۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا بىزگە بوشلۇق سوۋغا قىلىدۇ. مېنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 95 مېگابايتمۇ سوۋغا قىلغان. ئىشقىلىپ كۈندە مۇشۇ جايدىن 60~70 مېگابايت بوشلۇق ئالالايمىز. بوشلۇققا ئېرىشكەندىن سىرت نومۇرمۇ سوۋغا قىلىدۇ. بۇ نومۇرلارنىڭ يەنە بوشلۇققا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان ئىش بار. شۇڭا بۇمۇ يەنە كىيىن ئىشلەيدىغان گەپ.
      ئاندىن ئۈستى تەرەپتە 升级空间 دېگەن جاي بار. شۇنىڭ ئىچىگە كىرسىلە ھەرخىل ۋەزىپىلەرنى بېرىدۇ. شۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئارقىلىق خېلى چوڭلا بوشلۇققا ئېگە بولالايمىز. ھەممە ۋەزىپە تاماملانغاندا سىلى ئيېتقان 15 گېگابايت بوشلۇققا ئېگە بولالايمىز.
      مەن سىلىگە بۇ بەت ئادرىسىنى قالدۇراي. مەن دېگەن ۋەزىپىلەرنى تور يۈزىدىمۇ ئورۇنلىغىلى بولىدۇ. سىناپ كۆرسىلە.
      http://www.kuaipan.cn/index.php?ac=space
      بۇ بەتكە كىرىپ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى 立即登录 نى بېسىپ ئۆزلىرىنىڭ ئېلخەت ۋە پاروللىرىنى كىرگۈزسىلە. كىرىپ بولغاندىن كىيىن ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە 升级空间 دەپ بىر جاي بار. شۇنى باسسىلا. باسقاندىن كىيىن بەت يۈزىدە سىلى ئورۇنلاپ بولالمىغان ۋەزىپىلەر كۆرىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق ۋەزىپىنى تاماملىسىلا. ئوبدانلا بوشلۇق بېرىدۇ

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.2 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2011 Beta 1215 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش