رەسىمنى ھەرقىسىم ئۆزگەرتىدىغان ئەپلەر تولىمۇ كۆپ. Demon Cam ئىسىملىك بۇ ئەپ سۈرەتلىك، ھەرىكەتلىك بىر شەكلىدە ئادەم چىرايىنى غەلىتە مەخلۇققا ئوخشىتالايدىغان ئەپ ئىكەن. قارىماققىلا ساختىلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ئەپلەرمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن بۇ ئەپنىڭ ياسىلىش تېخنىكىسى خېلىلا پەچەت. ھەممىدىم مۇھىمى – مۇشۇ پەچەت ئەپ بۈگۈن ھەقسىز!
رەسىمدىكىدەك، بۇ ئادەم چىرايىنى مۇشۇنداق جىن-ئالۋاستىلارنىڭكىگە ئوخشىتىپ ئوينايدىغان كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى بىر ئەپ. ئۇنىۋېرسال بولغانلىقى ئۈچۈن، iPhone ۋە iPad لەرگە تەڭلا ماس كېلىدۇ. ئايرىم چۈشۈرۈش ياكى سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.
بۇ ئەپنى ئەڭ ياخشىسى كىچىك بالا بار ئۆيدە ئېچىپ ئۇلارغا كۆسەتمىگەن ياخشى. ئۆتكەندە بىرەيلەن مۇشۇ ئەپ بىلەن ئۆزىنى بىر جىنغا ئوخشىتىۋېلىپ قىزىغا كۆرسىتىپ خېلى بىر ئىش تېرىپتۇدەك. شۇندىن بۇيان ئۇ قىزچاق دادىسىنىڭ چىرايىغىمۇ قارىيالماپتۇ.
بۇنداق قاپ يۈرەكلىك قىلماي، جايىدا كۆڭۈل ئېچىش مەقسىتىدە ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ ئەپنىڭ تەشۋىق فىلىمىنى كىنو-فىلىملەرنىڭ تەشۋىق فىلىمىدەكلا ئىشلىۋېتىپتۇ. تەشۋىق فىلىمىگە Andrew Kramer رېژىسسورلۇق قىپتۇدەك. بۇ فىلىمنى كۆرۈپ باقايلى.
ساتقۇچى : Video Copilot
تۈرى : كۆڭۈل ئېچىش
چوڭلۇقى : 18.9 MB
باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز.









































دددددددىۋان،
دىۋان تالىشىشتا مەندىن باشقىسى بىكا ئوخشايدۇ!
ۋايجان…! نىمانداق قورقۇنۇچلۇق….؟!
بىر ئەپ ئۈچۈن مۇشۇنداق كۈچ سەرپ قىلىپ ئىشلىگەن كىنو قالتىس چىقىپتۇ. ئەستايىدىللىق دېگەن شۇ!
ماۋۇ سەتەڭ ئەپ جۇمۇ، خېلى بۇرۇنلا قاچىلاپ قويغان. ئەپ قوزغالغاندا قويۇلغان ئاۋۇ فىلىمنى كۆرۈپ، مۇشۇ بىر ئەپ ئۈچۈن خېلى ئەجر قىلغانلىقىنى ھېس قىلغانتىم. تىزىملىك ئۈنۈملىرىمۇ ئادەتتىكى ئەپلەردىن خېلىلا پەرق قىلىدۇ بۇنىڭ.
ماۋۇ ئەپ خىلى بەلەن ئەپلەردىنكەن جۇمۇ زادى . مۇشۇ تاپتا ئايغۇنۇم بولغان بولسا مۇشتۇرۇك سىناپ باقاتتىم . قايسى كۈنى بىرسىنىڭ تېلغۇندا مۇشۇ ئەپىنى قاچىلاپ ، بالىسىغا بىر كۆرسىتىپتى شۇنداق چاپتىكەش بالا تېلغۇننى كۈرۈپلام جىم بۇلىدىغان بولدى .