ئەقىل سىناش ئويۇنلىرى ئايفوننىڭ ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. بۇ تۈردىكى ئويۇنلارنى ئويناش بىلەن كاللىمىزنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلىتىش بىلەن بىرگە ئويۇندىن ھوزۇرلىنىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز. Twistrix ناملىق بۇ ئويۇن يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى ئويۇن بولۇپ، بوغۇملىرى ئايلىنىدىغان ئۇزۇنچاق نەرسىنىڭ ئۈستىدىكى رەڭلەرنى بىر يەرگە ئەكىلىش ئارقىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتىمىز. نىمانداق ئاسان بۇ دەپ قالماڭ. ئاخىرىغىچە چىقالىغاننى نوچى دەيمىز.
بۇ ئويۇننىڭ كۆرۈنىشى 3D لىك، فىزىكىلىق تېپىشماق تېپىش تۈرىگە تەۋە. 1 بوغۇمدا يۆتكەشكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن رەڭ شارچىلىرى بولمايدۇ. شۇ قۇرۇق جايغا شارلىرىمىزنى يۆتكەپ تۇرۇپ ئايلاندۇرۇپ ئەكىلىپ ھەممە رەڭنى بىر خىللاشتۇرساق ئۆتكەلدىن ئۆتەلەيمىز.
ئەقىل سىناش ئويۇنىغا ئامراق دوسلارغا بۇ ئويۇن يېڭىلىق ھېساپلىنىدۇ. شۇنچە قاملاشقان ئويۇن ئارانلا 4.4 مېگابايت كېلىدۇ. قولدىن بېرىپ قويمىغۇلۇق .
ئويۇن ئىسمى : Twistrix
ياسىغان شىركەت : Avallon Alliance Ltd
ئويۇن تۈرى : ئەقىل سىناش
چوڭلۇقى : 4.4 MB
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار