ئايپەد، ئايفون ناھايىتى ئىسىل IT مەھسۇلاتى. لېكىن فىلەش ھۆججىتىنى قوللىماسلىقى ئادەمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مەيلى يۇتيۇب بولسۇن، مەيلى دۆلەت ئىچىدىكى يوۋكۇ، تۇدوۋ تورىدىكى فىلىملەر بولسۇن، كەڭ ئوموملاشقان FLV فورماتىدىكى فىلىملەرنى فىلەش قىستۇرمىسى سافارىنىڭ ئىچىدە بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن نورمال كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىق قىستۇرمىنى قاچىلىغاندىن كىيىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە بۇ قىستۇرمىنى قانداق قاچىلاشنى قولىڭىزدىن يېتىلەپ تۇرۇپ رەسىملىك چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.
ئايفونىڭىزدا چوقۇم Cydia بولىشى ۋە WiFi سىمسىز تورىغا ئۇلاقلىق بولىشى، ھېچ بولمىغاندا GPRS كە ئوخشاش تورغا چىقىش ۋاستىلىرى بولىشى كېرەك. ئاۋال Cydia نى ئاچىمىز.
ئېچىلغاندىن كىيىن بىر قاتار يېڭىلاشلارنى ئېلىپ بارىدۇ. نورمال ھالەتكە كەلگەندىن كىيىن ئاستىدىكى Manage نى باسىمىز. ئاندىن ئوتتۇرىدىكى Sources نى باسىمىز.
ئاندىن ئوڭ تەرپ ئۈستىدىكى Edit نى باسىمىز.
سول تەرەپ ئۈستىدە Add دېگەن كونۇپكا پەيدا بولغاندۇ؟ شۇنى بېسىڭ ئەمىسە.
ئاندىن تور بەت ئادرىسى كىرگۈزىدىغان بىر كۆزنەك چىقىدۇ. ئۇ ئادرىسقا بۇنى توغرا قىلىپ توشقۇزۇڭ: http://d.imobilecinema.com يېزىپ بولۇپ ئەلۋەتتە Add Source نى باسىمىز.
تور بەت ئادرىسىنى قوشقاندىن كىيىن ئىكراندا بىر-ئىككى خىل ھالەت كۆرىنىدۇ.
سىز كىرگۈزگەن تور ئادرىسىنى ئانالىز قىلىپ بولغاندىن كىيىن Return to Cydia نى بېسىڭ.
بۇ چاغدا Sources نىڭ ئاستىدا بايا سىز قوشقان تور ئادرىسى پەيدا بولىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىنى ئاچساق ئۈستىدە iMobileCinema دېگەن قىستۇرمىنى كۆرىمىز. شۇنى قاچىلاش ئۈچۈن بۇ تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ:
قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن Return to Cydia نى بېسىڭ.
ئەمدى ئىش تامام. Cydia دىن چېكىنىپ چىقىپ سافارىنى ئېچىڭ. ئاندىن خالىغان بىرەر فىلەش قىستۇرۇلغان توربەتنى زىيارەت قىلىڭ. (مەسىلەن : http://www.youku.com)
ئەمدى تور بەتلەردىكى ھەرقانداق فىلەش قىستۇرۇلمىلىرىنى خالىغانچە كۆرۈڭ.
ئىنكاس يازىدىغان يەر ئاستىدا. قاچىلاپ بولۇپ قېچىپ كەتمەي ئىزىڭىزنى بولسىمۇ قالدۇرۇپ قويۇڭ.
باشقا جايلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى چوقۇم ئەسكەرتىڭ. يازما ئادرىسى:
تېمىدىن ئازراق بولسىمۇ پايدا ئالغان بولسىڭىز كۇلۇبىمىزنى دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ. بىز سىلەرنى نادىر تېمىلىرىمىز بىلەن ھەرقاچان قارشى ئالىمىز!









































مەن ئايفوننىڭ دەرىجىسىنى 4.2 گە كۆتۈرگەن ئىدىم . ئىچىدىكى Cydia يوقاپ كەتتى . ئەمدى ئۇنى نەدىن تېپىپ قاچىلايمەن ؟
سىزنىڭ قايسى خىلدىكى ئايفۇن ئىدى؟ قانداق ئۇسۇل بىلەن كۆتۈرگەن ئىدىڭىز؟ پايدىلانغان مەنبەنىڭ ئۇلىنىشى بولسا مەن ئاۋال كۆرۈپ باقاي.
ئادەتتە تۈرمىدىن قاچۇرغىچە Cydia نى ئاپتۇماتىك قاچىلايدۇ. قايتا كۆتۈرىشىڭىز لازىم بولسا كېرەك.
چاتاق چىقماس ھە
مەن ئايفون 4 تە سىناق قىپ باقتىم. چاتاق چىقمايۋاتىدىغۇ
چ چ نۇمۇرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز مىنىڭ 1505831932
3.1.3 دە نورمال ئىشلىدى رەخمەت
پاسىبان ئەپەندى، سىيدىيانى ئايفۇن4نىڭ نەرىدىن ئزدەيمىز؟
ياكى تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولىشى كىرەكمۇ؟
تۈرمىدىن قاچۇرساق ئاندىن قاچىلىغىلى بولىدۇ. تۈرمىدىن قاچۇرغان قورالنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن Cydia نى قاچىلاش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ئۇ كىرگۈزگەن ئادىرىسنى تاپالمىدىغۇ.http://d.imobilecinema.com مۇشۇ توغرىدۇ
توغرىكەن. مەن ھازىر سىناپ باقتىم. مېنىڭكىدە ئادرىسنى نورمال تونىدى.
ئايغوننى تۈرمىدىن قاچۈرماي تۇرۇپ Cydia نى قاچىلىغىنى بولمامدۇ. ئەگەر بولمىسا توربەتلەردىكى سۈرەتلىك فىلىملەرنى كۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك ياردەم قىلىڭ.
cydia دېگەن تۈرمىدىن قاچۇرغاندا ئاندىن قاچىلايدىغان نەرسە. چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرۇش كېرەك. قاچۇرماي تۇرۇپ كۆرۈشنىڭ ئامالى سافارىنىڭ فىلەشنى تونۇشى، ياكى Adobe نىڭ سافارىغا بويسۇنۇپ بۇنى قوللىشىنى كۈتۈش.
ياخشىمۇسىز پاسىبان ئەپەندى مەن Cydia ئارقىلىق http://d.imobilecinema.com نى ئايغونىمغا قاچىلىغان بىراق توردىكى فىلەشلەرنى قويسام توربەتتىن چىكىتىپ ئەسلىدىكى ئىكران ھالىتىگە قايتىپ كىتىپ بارىدۇ يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز :…:
مېنىڭكىدىمۇ شۇنداق. بۇ قىستۇرما مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن ھەر خىل نوقسانلاردىن خالىي ئەمەسكەن. مۇكەممىلى iOS 5 تە ئوخشايدۇ
مەن Cydia ئارقىلىق http://d.imobilecinema.com نى ئايغونىمغا قاچىلىغان بىراق توردىكى فىلەشلەرنى قويسام توربەتتىن چىكىتىپ ئەسلىدىكى ئىكران ھالىتىگە قايتىپ كىتىپ بارىدۇ ئۇيغۇرچە تور بەتتىكى سۈرەتلىك قىلىملارنى كۆرگىلى بولمايدىخۇ ؟ ناخشا . ئىتوت دىگەندەكلەرنى ؟؟ ياردىمىڭلارنى كۈتىمەن ،
ئۈستىدىكى سۇئالنى كۆچۈرۈپ چاپلاپلا ئەكەپسىز، ئەجەبا مەنمۇ ئۈستىدىكى جاۋابىمنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىشىم كېرەكما؟
دىمەكچى بولغىنىم .ئوخشاش ئىكەن ، ئەجەبا بۇ بولمامدا ؟ جاۋابى يەنە http://d.imobilecinema.com مۇشۇنى قاچىلاڭ دىمەكچىما ، بۇنى قاچىلساقمۇ ئوخشاشلا سۈرەتلىك خىلىم چىقمىدىغۇ ؟ ئەمدى چۈشۈنىشلىك بولدىمۇ يا ؟؟؟
ياخشىمۇ سىز ! Cydiaئىچىلمايۋاتدۇ.سىزچە بۇنۇڭ سەۋەبى نىمدۇ؟ئىچىلىش ھالتىدىن باشقا ئىنكاس يوق